«بايلىق» جۇڭگودىكى 500 كۈچلۈك كارخانىنى ئېلان قىلدى
0
2019-07-11 17:30:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت
تۈنۈگۈن بايلىق ژۇرنىلىنىڭ خەنزۇچە تورى ئەڭ يېڭى «بايلىق» جۇڭگودىكى 500 كۈچلۈك كارخانا رەت تەرتىپى ۋە جۇڭگودىكى 500 كۈچلۈك كەسىپ رەت تەرتىپىنى ئېلان قىلدى.

 
 
ئىنتېرنېت مۇلازىمىتى رەت تەرتىپىدە BAT ئالدىنقى ئۈچ ئورۇنغا تىزىلدى. كونكرېت ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ئەلى بابا، تېڭشۈن، بەيدۇ ئايرىم-ئايرىم ئالدىنقى ئۈچ ئورۇننى ئىگىلىدى، ۋاڭيى، مېيتۈەن، شيېچېڭ، ئەيچىيى قاتارلىق شىركەتلەر تىزىملىككە كىردى.
ئېلېكترون ۋە ئېلېكترونلۇق زاپچاسلار رەت تەرتىپىدە شياۋمى گۇرۇھى، جۇڭگو ئاۋىياتسىيەسى خەلقئارا شىركىتى ۋە خەيكاڭ ۋېيشى ئايرىم-ئايرىم ئالدىنقى ئۈچ ئورۇنغا تىزىلدى.
كومپيۇتېر ۋە مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلار رەت تەرتىپىدە ليەنشياڭ، جىڭدوڭفاڭ، زىگۇاڭ ئايرىم-ئايرىم ئالدىنقى ئۈچ ئورۇنغا تىزىلدى. لاڭچاۋ ئېلېكترونى، ئالەم قاتناش ئۇچۇرى، توڭفاڭ قاتارلىق شىركەتلەر تىزىملىككە كىردى.
خەۋەرلىشىش ۋە خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنلىرى رەت تەرتىپىدە جۇڭگو كۆچمە خەۋەلىشىشى، جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىشى، جۇڭگو تېلېگرافى ئالدىنقى ئۈچ ئورۇنغا تىزىلدى. جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىشى، جۇڭشىڭ خەۋەرلىشىشى، جۇڭگو تۆمۈر يول گۇرۇھى قاتارلىق شىركەتلەر تىزىملىككە كىردى.
F201907081630450836701489.jpg