نېمە ئۈچۈن جۇڭگودا ۋولكسۋاگېننىڭ سېتىلىشى تويوتادىن ياخشى؟
0
2019-07-11 17:31:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

ھەممەيلەن ۋولكىسۋاگېن ئاپتوموبىللىرى تويوتا ئاپتوموبىللىرىدەك چىداملىق ئەمەس دېيىشىدۇ، شۇنداق تۇرۇپ جۇڭگولۇقلار يەنە نېمىشقا ئاپتوموبىل سېتىۋالغاندا ۋولكسۋاگېننى تاللايدۇ؟
ئەمەلىيەتتە بۇ مەسىلىنى بىر، ئىككى ئېغىز گەپ بىلەن چۈشەندۈرگىلى بولمايدۇ، 2005-يىلىدىن بۇرۇن، گېرمانىيە ئاپتوموبىللىرىنىڭ بازار ئىگىلەش نىسبىتى ياپونىيە ئاپتوموبىللىرىغا قارىغاندا خېلىلا يۇقىرى ئىدى، ئەمما 2005-يىلى CRV ۋە سىۋىكنىڭ دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلىشىغا ئەگىشىپ، ياپونىيە ئاپتوموبىللىرىنىڭ بازار ئىگىلەش نىسبىتى تۇنجى قېتىم گېرمانىيە ئاپتوموبىللىرىدىن ئېشىپ كەتتى، بۇ خىل ئەھۋال 2012-يىلىغىچە داۋاملاشتى. ئاندىن بەزى سىياسىي ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشى ۋە سانتانا، جېتتا قاتارلىق ئالاھىدە تەمىنلىنىدىغان ئاپتوموبىل تىپلىرىنىڭ بازارغا سېلىنىشىغا ئەگىشىپ، گېرمانىيە ئاپتوموبىللىرىنىڭ سېتىلىشى ياپون ئاپتوموبىللىرىدىن ئېشىپ، 2012-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە دۆلەت ئىچىدىكى ئاپتوموبىل سېتىلىش مىقدارى رەت تەرتىپىدە بىرىنچىلىكنى ئىگىلەپ كەلدى.

 
 
ۋولكسۋاگېن نېمە ئۈچۈن تويوتادىن بەكرەك قارشى ئېلىنىدۇ؟ ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ تۆۋەندىكى بىر قانچە سەۋەبى بار:
ۋولكسۋاگېن بازارنى بالدۇر ئىگىلىدى
تويوتاغا سېلىشتۇرغاندا، ۋولكسۋاگېن شىركىتى جۇڭگو بازىرىغا تېخىمۇ بالدۇر كىرگەن. 1984-يىلى، ۋولكسۋاگېن ئاپتوموبىل شىركىتى جۇڭگودا تۇنجى شېرىك كارخانا - شاڭخەي ۋولكسۋاگېن شىركىتىنى قۇرغان، 1991-يىلى يەنە چاڭچۈندە ئىككىنچى شىركەتنى قۇرغان. 18 يىلدىن كېيىنكى 2002-يىلى تويوتا ئاندىن بىرىنچى ئاپتوموبىل گۇرۇھى(يىچى) بىلەن شېرىك كارخانا قۇرۇپ، جۇڭگو بازىرىدا تۇنجى قەدەمنى باسغان.
بازارغا تېخىمۇ كېيىن كىرگەن تويوتاغا غەيرەت بىلەن ئالغا ئىگىرىلەشتىن باشقا تاللاش يوق ئىدى. ۋولكسۋاگېننىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى «ئۈچ كونا مەھسۇلاتى» سانتانا، جېتتا ۋە فۇكاڭنىڭ ئىچىدىكى ئىككىسى ۋولكسۋاگېن ئاپتوموبىل تىپى بولۇپ، ئەينى چاغدىكى جۇڭگولۇقلارنىڭ نەزىرىدە، سانتانا ناھايىتى ئالىي دەرىجىلىك ئاپتوموبىل ھېسابلىناتتى. شۇ چاغدىكى سانتانا جۇڭگولۇقلاردا بىر قەدەر ياخشى تەسىر قالدۇرۇپ، ۋولكسۋاگېننىڭ دۆلىتىمىزدىكى ماركا تەسىر كۈچىگە ئاساس سالدى.

 
 
ماركا تەسىر كۈچى جەھەتتىكى پەرق
جۇڭگولۇقلارنىڭ نەزىرىدە ۋولكسۋاگېننىڭ ماركا قىممىتى تويوتادىن بىر دەرىجە يۇقىرى، چۈنكى ۋولكسۋاگېن تەشۋىق قىلىپ كەلگەن گېرمانىيە ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئېھتىياتچان، پۇختا ئىشلىنىشى، موم قوشۇش ھۈنەر-سەنىتى، لازېر نۇرلۇق كەپشەرلەش تېخنىكىسى ۋە TSI+DSG ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ سىستېمىسى قاتارلىقلار كىشىگە تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجە تۇيغۇسى بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاپتوموبىل ئىشىكىگە دەسسەپ تۇرۇش، بولقا بىخەتەرلىك لىمىنى ئۇرۇش، قاڭالتىرنىڭ قېلىنلىق دەرىجىسى قاتارلىق تەشۋىق قىلىش ئۇسۇلى بىلەن جۇڭگولۇقلارنى ۋولكسۋاگېن بىخەتەرلىك جەھەتتە باشقا تويوتادىن بىر دەرىجە يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ دېگەن تونۇشقا ئەكەلدى. ئەپسۇس جوڭباۋيەن شىركىتىنىڭ سوقۇلۇش سىنىقى بۇ تەشۋىقاتلارنىڭ يالغانچىلىقىنى ئېچىپ تاشلىدى. لېكىن كۆپ ساندىكى جۇڭگولۇقلار جوڭباۋيەنگە ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمەيدۇ. نۇرغۇن جۇڭگولۇقلارنىڭ نەزىرىدە، ۋولكسۋاگېن ماركىسى تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك بولۇپ، ئۇلار ۋولكسۋاگېن ئاپتوموبىل سېتىۋالىدىغانلارنىڭ بىرىنچى تاللىشى دەپ قارايدۇ.
جۇڭگولۇقلارنىڭ ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش ئېھتىياجى
سۈپەت مۇقىملىقى جەھەتتە، تويوتا ھەقىقەتەن تېخىمۇ ياخشى، ئەمما قوللىنىشچانلىق بىر يوشۇرۇن خۇسۇسىيەت بولۇپ، ئۇزۇن ۋاقىت ئىشلىتىش جەريانىدا ئاندىن ھېس قىلغىلى بولىدۇ. ئەمما تورنى خىلمۇ خىل راست-يالغان ئۇچۇرلار قاپلىغان، ھەممە يەر ياللانما ئىنكاسچىلار(سۇ لەشكەرلىرى)نىڭ ئىنكاسلىرى بىلەن توشۇپ كەتكەن ئەھۋالدا، بىر ئاپتوموبىلنىڭ سۈپەت ئىپادىسى ھەقىقىي چۈشىنىشكە ئېرىشەلمەيدۇ ۋە توغرا خەۋەر قىلىنمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاپتوموبىل ياساش تېخنىكىسى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، بۇ ئىككىسىنىڭ چىدامچانلىق جەھەتتىكى پەرقى ئانچە چوڭ ئەمەس، شۇڭا ئائىلە ئاپتوموبىلى قىلىپ يەتتە-سەككىز يىل ئىشلەتكەنگە سۈپەت جەھەتتىكى پەرقنىڭ شەكىللىنىشى ناھايىتى تەس.

 
 
كۆپلىگەن جۇڭگولۇقلار ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش جەريانىدا، ئالدى بىلەن ماركىسىغا قارايدۇ، ئۇلار ۋولكسۋاگېن ئاپتوموبىللىرىنى ھەيدىسەك يۈز-ئابرويىمىز تېخىمۇ ئاشىدۇ دپ قارىشىدۇ؛ ئۇنىڭدىن قالسا، بوشلۇق، سەپلىمە قاتارلىقلارغا كۆڭۈل بۆلىدۇ، بۇ جەھەتتە ۋولكسۋاگېن جۇڭگولۇقلارنىڭ پىسخىكىسىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىدۇ؛ ئاندىن ئاخىرىدا، ۋولكسۋاگېن ئاپتوموبىل تىپلىرىغا كۆپ ھاللاردا بىر قەدەر يۇقىرى ئېتىبار بېرىلىدۇ، ئىستېمالچىلار ئىقتىدار-باھا نىسبىتىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ خوشاللىق بىلەن سېتىۋالىدۇ. ۋولكسۋاگېن مۇشۇنداق تاكتىكىلار بىلەن جۇڭگولۇقلارنىڭ كۆڭلىنى ئاسانلا ئۇتۇۋالىدۇ.
لايىھە ۋە باشقا جەھەتتە
يېڭى TNGA سۇپىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان ئاپتوموبىللاردىن باشقا تويوتا ئاپتوموبىللىرى ئىزچىل «ئائىلە ئاپتوموبىلى» لىنىيەسىدە مېڭىپ كەلدى، لايىھەدە تەڭ دەرىجىلىكلەر ئىچىدە ئۇنچە قالتىس بىلىنمەيدۇ، بەزىلىرى ئىنتايىن ئادەتتىكىچە كۆرۈنىدۇ، ئىچكى بېزەكنىڭ لايىھە ماتېرىيالىمۇ ئادەتتىكىچە. ۋولكسۋاگېن ئاپتوموبىللىرىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى ۋە ئىچكى بېزىكىگە جەمەت لايىھە ئۇسلۇبى قوللىنىلسىمۇ، ھەشەمەتلىك كەيپىيات يارىتىشتا يەنىلا تويوتادىن ئېشىپ چۈشىدۇ. تويوتا ئاپتوموبىل تىپلىرى ئائىلە ئاپتوموبىلى قىلىشقا تېخىمۇ ماس كېلىدۇ، ھەيدەش تەسىراتى ئادەتتىكىچە بولىدۇ، تويوتا ئاپتوموبىللىرىدا گېرمانىيە ئاپتوموبىللىرىدەك قېلىنلىق ۋە ئېغىرلىق تۇيغۇسى ۋە سالماقلىقنىڭ بولماسلىقىمۇ مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان پاكىت. بىراق ئەڭ يېڭى كەمېرىي ۋە ئاۋالون بىزگە تويوتانىڭ لايىھە ۋە ھەيدەش تۇيغۇسى جەھەتتىكى بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىش ئىرادىسىنى كۆرسىتىپ بەردى.

 
 
يۇقىرىقى بىر قانچە نۇقتا تويوتادەك چىداملىق كۆرۈنمەيدىغان ۋولكسۋاگېننى ئۇزۇن ۋاقىت سېتىلىش مىقدارى رەت تەرتىپىدە بىرىنچى ئورۇنغا ئىگە قىلدى. ئىشىنىمىزكى، تويوتانىڭ تىپ ئۆزگەرتىشىگە ئەگىشىپ، بۇ ئىككىسىنىڭ رىقابىتى تېخىمۇ كەسكىنلىشىدۇ. بىز بۇنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىمىز.
1124939039_1567091943199_title0h.jpg
F201908281647081456700574.jpg