تاۋۇزنى يېڭى ساقلاش چاپلىقى بىلەن ئوراش كېرەكمۇ؟
0
2019-07-11 17:38:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

توردا: تاۋۇزنى يېڭى ساقلاش چاپلىقى بىلەن ئوراپ قويغاندا، تاۋۇزنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ئۆرلىتىدۇ ھەمدە تاۋۇزدىكى سۇ تەركىبىنىڭ ھوردىلىشىنى توسىدۇ، بۇ باكتېرىيەلەرنىڭ ئۆسۈشىگە پايدىلىق شارائىت يارىتىدۇ دېگەن قاراش تارقالغان.
ھالبۇكى، ئەمەلىيەتتە: يېڭى ساقلاش چاپلىقى پەقەتلا بىر قەۋەت نېپىز پەردىدىن ئىبارەت بولۇپ، تاۋۇزنى بىخسىتىپ، تاۋۇز تېمپېراتۇرىسىنى ئۆرلىتەلمەيدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، تاۋۇزنىڭ %90دىن كۆپرەكى سۇ بولۇپ، مەيلى يېڭى ساقلاش پەردىسى بىلەن ئوراڭ ياكى ئورىماڭ، تاۋۇزنىڭ ئەسلىدىنلا تولۇپ تاشقان سۇ تەركىبى باكتېرىيەلەرنىڭ ئۆسۈشىگە پايدىلىق بولىۋېرىدۇ. شۇنداقلا ئىلگىرىكى تەتقىقاتلاردا يۈزىگە چاپلاق چاپلىمىغان تاۋۇزلاردىكى مىكرو جانلىقلارنىڭ ئۆسۈشى چاپلىغانلىرىغا قارىغاندا تېخىمۇ تېز بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. شۇڭا، تاۋۇزغا يەنىلا يېڭى ساقلاش چاپلىقى چاپلاش تولىمۇ مۇھىم.
باشقا يېمەكلىكلەر پۇرىقىنىڭ سىڭىشىدىن، سۇ تەركىبىنىڭ ھوردىلىپ ئازىيىشىدىن ساقلانغىلى ۋە ساقلاش ۋاقتىنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ.
يېمەكلىك بىلەن مۇھىتنى ئايرىپ، بىرىكمە يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
تاۋۇزنى پىچقاندا پىچاق، ئەمبەل ۋە يېڭى ساقلاش پەردىسىنىڭ پاكىزلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ھەمدە يېڭى ساقلاش پەردىسى ئورىغان تاۋۇزنى ۋاقتىدا توڭلاتقۇنىڭ سوغۇق ساقلاش ساندۇقىغا سېلىش كېرەك. پارچىلىغان تاۋۇزنى سوغۇق ساقلاش ساندۇقىدا 24 سائەتتىن ئارتۇق ساقلىماسلىق كېرەك.
تاۋۇز ھەققىدىكى سەپسەتىلەر:
1. ئۇرۇقسىز تاۋۇزنى يېسە بولمايدۇ.
خاتىرجەم بولۇڭكى، ئۇرۇقسىز تاۋۇز زەھەرسىز، زىيانسىز بولۇپ، بۇ كۆپچىلىكنىڭ ياقتۇرىشىغا بىرىكىپ ئالاھىدە سۈنئىي ئۇسۇلدا يېتىشتۈرۈپ چىققان بولۇپ، ئۇرۇقسىز بولغاندىن سىرت، ئادەتتىكى تاۋۇزلار بىلەن ھېچقانداق پەرقى يوق.
2. تاۋۇزنىڭ يېيىشلىك بولۇشى ئۇنىڭغا ئوكۇل ئۇرغانلىقتۇر.
ئاتالمىش دورىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تاۋۇزغا ئۇرغان تەقدىردىمۇ، قالغان ئوكۇل ئىزى تاۋۇز ئۈچۈن يارا ئېغىزى ھېسابلىنىدۇ ۋە تاۋۇزنىڭ سېسىشىنى تېزلىتىدۇ، شۇنىڭدەك بەزى تاۋۇزلار سېتىلماي تۇرۇپلا سېسىيدۇ. بۇنداق جاپالىق ۋە زىيان سالىدىغان ئىشلارنى سىزچە ساتقۇچىلار راستىنلا قىلارمۇ؟
4. تاۋۇز بىلەن شاپتۇلنى بىرگە يېسە كىشىنى زەھەرلەيدىكەن
بۇ ئېنىقلا قۇرۇق گەپتۇر. چۈنكى تاۋۇز ۋە شاپتۇلنىڭ ئاساسلىق تەركىبى سۇ ۋە قەنت ھەمدە ئاز مىقداردىكى ۋىتامىن ۋە مېنېرال ماددىلار بولۇپ، ئىككىسى بىرىكسە ياكى بىر-بىرىگە تەسىر قىلسا زەھەر پەيدا قىلىدىغان تەركىب ئاساسەن يوقتۇر.
بىر كۈندە بىر كىلودىن بىر يېرىم كىلو ئەتراپىدا تاۋۇز يېسە كۇپايە. تاۋۇزنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى بولسا يېگەندە تاتلىق تۇيۇلغىنى بىلەن ئېنېرگىيەسى ئۇنچە يۇقىرى ئەمەس. ھەر 100 گرام تاۋۇزنىڭ ئېنېرگىيەسى ئالمىنىڭكىدىنمۇ تۆۋەن. بىر كىلودىن بىر يېرىم كىلوغىچە بولغان تاۋۇزنىڭ ئېنېرگىيەسى تەخمىنەن ئۈچ، تۆت تال ئالما ياكى بىر قاچا گۈرۈچ تامىقىنىڭ ئېنېرگىيەسى بىلەن تەڭ بولىدىكەن.
ئەلۋەتتە، بۇ مىقدار نورمال كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتىلغان. بەزى ئالاھىدە كىشىلەر توپى تاۋۇز يېگەندە يەنىلا ئېھتىيات قىلىشى كېرەك:
دېيابىت كېسىلى بىمارلىرى قان قەنتىنى مۇقىم ھالەتتە تىزگىنلىگەن ئەھۋالدا، بىر قېتىمدا 100 گرامدىن ئارتۇق تاۋۇز يېمەسلىكى كېرەك. ئەگەر بەك كۆپ يەۋالسا، قان قەنتىنىڭ كۈچلۈك دولقۇنلىشىنى پەيدا قىلىدۇ.
ھەيز مەزگىلىدىكى خانىم-قىزلار تاۋۇز ۋە توڭلىتىلغان تاۋۇزنى زىيادە كۆپ يېيىشتىن ساقلىنىشى كېرەك، بولمىسا ئاسانلا ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش ئەھۋالىنى پەيدا قىلىدۇ.
تاۋۇزنىڭ تەبىئىيتى سوغۇق بولۇپ، بەدىنى ئاجىز، ئاشقازىنىنى سوغۇق قاپلىغانلار تاۋۇزنى كۆپ يېسە ئاسانلا ئاشقازان ئاغرىقى، قورساق كۆپۈش ۋە ئىچى سۈرۈشتەك ئەھۋاللارنى پەيدا قىلىدۇ.
بۆرەك ئىقتىدارى نامۇكەممەللەرنىڭ سۇنى تەڭشەش ئىقتىدارى نورمال كىشىلەرنىڭكىدىن تۆۋەن بولۇپ، تاۋۇزنى كۆپ يېگەندە، بەدەندىكى سۇ مىقدارى زىيادە كۆپىيىپ، ۋاقتىدا بەدەن سىرتىغا چىقىرىلماي، قان سىغىمىنىڭ جىددى سۈرئەتتە كۆپىيىشىنى پەيدا قىلىپ، ئاسانلا جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىشدىن قازا قىلىشتەك ئەھۋاللارنى پەيدا قىلىدۇ.
زۇكامنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە تاۋۇز يېمەسلىك كېرەك. بولمىسا زۇكامنى ئېغىرلاشتۇرىدۇ ۋە ساقىيىش ۋاقتىنى ئۇزارتىدۇ.
1124939039_1567091943199_title0h.jpg
F201908281647081456700574.jpg