ياشانغانلار قانداق قىلغاندا قېرىغاندىمۇ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرەلەيدۇ؟
0
2019-07-11 17:39:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت
ئاتا-ئانىنىڭ مۇھەببىتى مۇتلەق بولىدۇ، پەرزەنتلەرنىڭ ۋاپادارلىقى نىسپىي بولىدۇ، پەرزەنتلەرنىڭ دائىم يېنىڭىزدا بولۇشىنى ئۈمىد قىلماڭ، ئۇلارنىڭ قېيىنئاتا-قېيىنئانىسى، ئىدارىسى، پەرزەنتلىرى بار. ئۇلار تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، ئۆگىنىش، خىزمەت قىلىدۇ، ھەر كۈنى سىلەرگە ھەمراھ بولۇشى تەسكە توختايدۇ؟ 2. ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئەڭ چوڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ئۇلارغا ئازراق ئاۋارىچىلىق تېپىپ بېرىش، كۆڭلى-كۆكسى كەڭ بولۇش، سالامەتلىكى ياخشى بولۇش، قۇسۇر ئىزدىمەسلىك، ئاز ئەيىبلەش، ئاز ئاچچىقلىنىش، ئاز پۇل سوراش. 3. ياشىنىپ قالغاندا ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىنى يېتەرلىك ئېلىپ قېلىپ، دەسمايىنى ساقلاپ قېلىش كېرەك، يەپ-ئىچىپ تۈگىتىۋېتىشكە، تەقسىم قىلىۋېتىشكە بولمايدۇ، راستىنلا پۇل كەم بولۇپ قالغاندا، بالىلارغا قولىنى سوزۇش ئاسان ئىش ئەمەس. 4. ياشانغانلار مال-مۈلكىنى ئاز تەقسىم قىلىشى، نەرسە-كېرەكلەرنى ئاز سېتىۋېلىشى كېرەك، نەرسە-كېرەكلەر قانچە كۆپ بولسا، يۈك شۇنچە كۆپ بولىدۇ. 5. ۋالاقتەگكۈر بولۇپ قالماڭ. ۋاقتىڭىز بولسا سەيلە قىلىڭ، ئۇسسۇل ئويناڭ، گۈل بېقىڭ، بېلىق بېقىڭ، تورغا چىقىڭ، پاراڭلىشىڭ ياكى كىتاب كۆرۈڭ. 6. سىز ھامان بىر كۈنى دېۋەڭ بولۇپ قالىسىز، ئۆزىڭىزنى مەڭگۈ ياش تۇرىمەن دەپ قالماڭ. ئۆزى چۈشەنگەن ۋاقىتتا ئاخىرەتلىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئېنىق بىر تەرەپ قىلىپ، پەرزەنتلىرىگە قالايمىقانچىلىق قالدۇرماسلىق كېرەك.

 
 
7. دۇنيادا سىزنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادەم مەڭگۈ سىزنىڭ ھەمراھىڭىز، تىللىسىڭىزمۇ مەيلى، ئۇرسىڭىزمۇ مەيلى، ھەقىقىي مۇھەببەت مەڭگۈ ساقلىنىدۇ، لېكىن پەرزەنتلىرىڭىز ۋە باشقىلار بۇنىڭ سىرتىدا.8. سىزنىڭ بالىلارغا قالدۇرغان ئەڭ چوڭ مىراسىڭىز مېھرىبانلىق، كەڭ قورساقلىق، ئاق كۆڭۈللۈك، تىرىشچان ئەخلاق-پەزىلەت ۋە ھەرىكەت ئۆلچىمى، بالىلار بۇنىڭدىن كېيىنكى كىشىلىك ھايات يولىدا مەسىلە ياكى قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا، دادىسى ياكى ئانىسىنىڭ قانداق قىلغانلىقىنى ئويلايدۇ، ھەرگىزمۇ مەڭگۈ ئېنىق ئايرىغىلى بولمايدىغان ئامانەت پۇل كىنىشكىسى ۋە مال–مۈلۈكنى ئويلىمايدۇ. 9. گۈزەل جايلارنى كۆرۈپ، ئېسىل تائاملارنى يەپ، جەمئىيەتنىڭ بىزگە بەرگەن گۈزەل تۇرمۇشىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇپ، بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلىرىمىزنىڭ كەمتۈكلۈكىنى تولۇقلاپ، يوقاتقان ئۆزىمىزنى قايتۇرۇپ كېلەيلى. 10. بىزنىڭ تۆھپە قوشۇشىمىز شەرتسىز، ئەمما بىز تەلەپ قىلغاندا شەرتلىك بولىدۇ. جەمئىيەتنىڭ ياخشى مۇئامىلە قىلىشىنى خام خىيال قىلماڭ، بالىلارنىڭ نەۋرىلەرنىڭ ۋاپادارلىق كۆرسىتىشىنى خام خىيال قىلماڭ. 11. ئۈمىد بولمىسا ئۈمىدسىزلىكمۇ بولمايدۇ. «بەختلىك كېيىنكى ئۆمۈر» نى پەرزەنتلىرىگە ئارتىپ قويماي، بەلكى ئۆزىنىڭ شارائىتى ۋە ئىجتىمائىي رېئاللىقىغا ئاساسەن، ئۆزىنىڭ ئاخىرقى ئۆمرىنى ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىغا تايىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. 12. كونىلاردا «ئۇزۇن كېسەل كارىۋىتىنىڭ ئالدىدا ۋاپادار بالا يوق» دېگەن گەپ بار، قىيىنچىلىقتىن ئۆتۈشكە ئۆزىنىڭ تەييارلىقى بولۇشى كېرەك. 13. قانداشلىقنى بەك چوڭ بىلىپ كەتمەڭ، پەرزەنتلىرى بىلەن بەلگىلىك ئارىلىق ساقلاش كېرەك.بەك ئارتۇقچە ئويلاپ كەتمەڭ، بۇنداق بولسا ھېسسىياتنىڭ يۈكى ئېغىرلاپ كېتىدۇ.

 
 
14. قەھرىمان قىياپىتىگە كىرىۋالماڭ، كۆڭۈلسىزلىك تاپماڭ، ئاسانلىقچە باشقىلار ئۈچۈن بىرەر ئىش قىلىپ بېرىشكە ماقۇل بولماڭ. «ھەئە» نى ئاز سۆزلەڭ، «ياق» نى كۆپ سۆزلەڭ. بېسىم ۋە يۈك بار ئىشلارنى قىلماڭ، ئۆزىڭىز ئۈچۈن مۇقىم ۋاقىت، مۇقىم ۋەزىپىلەرنى ئاز ئورۇنلاشتۇرۇڭ.15. «بىر ئىش كۆپ بولغىنىدىن ئاز بولغىنى ياخشى»، ئاز-ئازدىن ۋاز كېچىش كېرەك. ئازادە ئۆتۈش ئىنتايىن ئاددىي، «ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى» نى ياخشى قىلىپ، «باشقىلارنىڭ ئىشى» بىلەن كارى بولماسلىق، «دۇنيانىڭ ئىشى» دىن غەم قىلماسلىق كېرەك. 16. ئۆز ئىقتىدارىدىن ھالقىغان ئىشلارنى جاھىللىق بىلەن قىلىش ئىشقا دەخلى يەتكۈزۈپلا قالماي، يەنە ئاۋارىچىلىك تۇغدۇرىدۇ، ھەتتا ھادىسە پەيدا قىلىدۇ. 17. ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى موللاشتۇرۇپ، ئاخىرقى ئۆمرىنى تىنچ-خاتىرجەم ئۆتكۈزۈش كېرەك. 18. گەرچە تېنى بارا-بارا قېرىپ كەتسىمۇ، لېكىن ئۆزىنى خۇشال قىلىدىغان، ئەتراپىدىكىلەرنى خۇشال قىلىدىغان بالىلارچە قەلب بولۇشى كېرەك. ياش ۋە خۇشال ياشاڭ، سىزنى كۆرگەن كىشىلەرنىڭمۇ قەلبىنى ئىللىقلىققا چۆمدۈرۈڭ! 19. كونا ساۋاقداشلار، كونا دوستلار كۆرۈشۈش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، كونا ئاكا-ئۇكا، كونا دوستلارنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىنى قەدىرلەپ، بىكار بولغاندا چاي ئىچىپ، ھېچ ئىش بولمىسا پاراڭلىشىپ تۇرۇش كېرەك. 20. ھەرقانداق ۋاقىتتا كۈتۈپ تۇرماسلىق، تايىنىۋالماسلىق، تەلەپ قىلماسلىق كېرەك، بىز بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ئۆزىمىزنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئىقتىدارى بار.

 
 
21. كىشىلىك ھاياتتا ئۈچ سىلكىنىش بولىدۇ، بىر سىلكىنىپ چوڭ بولىدۇ، ئىككى سىلكىنىپ قېرىيدۇ، ئۈچ سىلكىنىپ تۈگەيدۇ. ھازىر ھەش-پەش دېگۈچە ئىككى سىلكىنىش ئۆتۈپ كەتتى، ئۈچىنچى سىلكىنىش داۋاملىشىۋاتىدۇ، ھازىر بىزنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىمىز ئۈچىنچى سىلكىنىشنى ئىمكانقەدەر ئاستىراق قىلىش. 22. دۇنيا سىزنىڭ، شۇنداقلا مېنىڭ، لېكىن تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، سالامەتلىكى ياخشى كىشىلەرنىڭ! ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەنلەرنىڭ! 23. ئادەم ياشىغانىكەن بىر خىل «روھ» بىلەن ياشايدۇ. تېنىڭىز ساغلام بولسىلا، روھىڭىزنى كۆتۈرۈڭ، 80 ~ 90 ياشقا كىرگەن تەقدىردىمۇ، سىزنىڭ يۈرىكىڭىز يەنىلا ياش تۇرالايدۇ! 24. ئۆزىڭىزگە كۆپرەك ۋاقىت قويۇپ، ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارنى قىلىڭ، باشقىلارنى ئەتىۋارلاپ ئۆزىڭىزنى ئۇۋالچىلىققا قويماي، ئۆزىڭىز ئۈچۈن بىر قېتىم ياخشى ياشاڭ. 25. بۈگۈنكى تۇرمۇشىڭىزنى بۇ دۇنيالىق ھاياتىڭىزنى قەدىرلەڭ.
1124939039_1567091943199_title0h.jpg
F201908281647081456700574.jpg