بۇ تۆت بىلىمنى ئۆگىنىۋالسىڭىز ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالالايسىز
0
2019-08-07 18:46:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

 
 
1. ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەم بەدىنىنىڭ قايسى جايلىرىدا بولىدۇ؟
دەلىل-ئىسپات دەرىجىسىگە ئاساسەن، ئۈچ خىل ئەھۋالغا ئايرىشقا بولىدۇ، ئۇلار مۇتلەق يۇقۇمچانلىققا ئىگە، يۇقۇمچانلىققا ئىگە ۋە ئادەتتە يۇقۇمچانلىققا ئىگە ئەمەس دەپ ئۈچ خىلغا بۆلۈنىدۇ. بىرىنچى خىلى، قان، بەدەن سۇيۇقلۇقى، ئىسپېرما ۋە جىنسىي يول ئاجرالمىلىرى قاتارلىق مۇتلەق يۇقۇمچانلىققا ئىگە نەرسىلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئىككىنچى خىلى، بولغان مېڭە-يۇلۇن سۇيۇقلۇقى، بوغۇم سۇيۇقلۇقى، كۆكرەك بوشلۇقىغا يىغىلغان سۇ، قورساق سۈيى، يۈرەك قېپىغا يىغىلغان سۇ، ھامىلە سۈيى قاتارلىق يۇقۇملاندۇرۇش ئېھتىمالى بولغان نەرسىلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئۈچىنچى خىلى، گەندە، پوتلا، شۆلگەي، بەلغەم، تەر، ياش سۇيۇقلۇقى، سۈيدۈك ۋە قۇسۇق قاتارلىق ئادەتتە يۇقۇمچانلىققا ئىگە ئەمەس دەپ قارالغان ماددىلارنى كۆرسىتىدۇ.

 
 
يۇقىرىدا بايان قىلىنغان يۇقۇش مەنبەسى بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، ئاساسىي نەزەرىيەنى چۈشەنگەندىن كېيىن، كېيىنكى قەدەمدە ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىش يوللىرى، قايسى قىلمىشلاردىن ئەيدىز كېسىلى يۇقمايدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ سەۋەبلىرىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشەنگىلى بولىدۇ.
2. ئەيدىز كېسىلى چوقۇم يۇقىدىغان ئەھۋال
ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىشى مۇستەقىل ۋىرۇس مەنبەسى ياكى يۇقۇملانغۇچىنىڭ بەدەن سۇيۇقلۇقى، بولۇپمۇ قان، مەنىي سۇيۇقلۇقى، جىنسىي يول ئاجرالمىلىرى، ئانا سۈتى، شۆلگەي ۋە يارا ئېغىزى قاتارلىقلار ياكى تېرە ۋە شىللىق پەردىنىڭ زەخىمىلىنىشىدىن سىرغىپ چىققان ماددىلار بىلەن ئۇچرىشىشقا موھتاج. كۆپ ئۇچرايدىغان تارقىلىش يوللىرىدىن، كۆپىيىش ئەزالىرى يوللىرى، مەسىلەن، ئەر بىلەن ئايال، ئەر بىلەن ئەر، ئايال بىلەن ئايال ياكى قوش جىنىسلىقلار تەسۋىرلەشكە بولمايدىغان ئىشلارنى قىلغاندا، بىۋاسىتە كۆپىيىش يولى، تۈز ئۈچەي ياكى ئېغىز بوشلۇقى سۇيۇقلۇقىنى ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يەنە بىر تارقىلىش يولى يىڭنە سايمانلىرى ياكى ئەسۋابلارنى ئىشلىتىشكە مۇناسىۋەتلىك، مەسىلەن، قاندىن بۇلغانغان ئوكۇل يىڭنىسىنى ئورتاق ئىشلىتىش ياكى تەركىبىدە ئەيدىز ۋىرۇسى بولغان بەدەن سۇيۇقلۇقى بىلەن بۇلغانغان ئەسۋابلار بىلەن ئۇچرىشىش، يەنە بىر يۇقۇش يولى ئانىدىن بالىغا يۇقۇش يولى، مەسىلەن، بالا ھەمراھى، تۇغۇت ياكى بالا ئېمىتىش. ئەڭ ئاخىرقى بىر يول قان بېرىش ياكى ئەزا كۆچۈرۈش يولى.
3. ئەيدىز كېسىلى ئادەتتە يۇقمايدىغان ئەھۋاللار
يۇقىرى سەۋىيەلىك ۋىرۇس مىقدارى ئاسانلا تارقىلىدۇ، HIV بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ھەتتا كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن مەزگىلدە بىمارنىڭ ۋىرۇس مىقدارى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن. گەرچە نەزەرىيە جەھەتتە يۆتىلىش ياكى چۈشكۈرۈشتىن پەيدا بولغان شۆلگەي ياكى چاچراندىلار ئارقىلىق ۋىرۇس تارقىتىش ئېھتىماللىقى بار بولسىمۇ، لېكىن بۇ خىل تارقىلىش ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ. خىزمەت، مەكتەپ ياكى ئۆيدە ئادەتتىكى غەيرىي جىنسىي ھەرىكەت يۈز بەرگەندىكى ئۇچرىشىشتىن ئەيدىز كېسىلى يۇقمايدۇ. مەسىلەن: ئەدەپ-قائىدە يۈزىسىدىن سۆيۈشۈش، بەدەن بىلەن بەدەننىڭ سۈركىلىشى ۋە ئۇۋۇلاش، بىللە يۇيۇنۇش ۋە ۋاننىغا چۈشۈش، چىقىرىندىلار ياكى سۈيدۈكنىڭ تېرە بىلەن ئۇچرىشىشى قاتارلىقلارنىڭ يۇقۇملىنىش خەتىرى يوق.
لېكىن، يۇقىرىدا ئېيتىلغانلارنىڭ ھەممىسى نورمال ئەھۋال ئاستىدا، ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشىنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بىز يەنە بىر خىل ئالاھىدە ئەھۋالنى ئويلىشىشىمىز كېرەك، يەنى ئەگەر جاراھەت ياكى بۇزۇلغان تېرە پەيدا بولغاندا باشقىلار بىلەن ئۇچرىشىش جەريانىدا يۇقۇملىنىپ قالامدۇ-يوق دېگەندە، بۇ يەنە باشقا گەپ. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈش كېرەككى، چوڭقۇر سۆيۈشۈشنىڭ نەزەرىيە جەھەتتىن يۇقۇملىنىش خەۋپى بولىدۇ، يارا ئېغىزى بار ئەھۋالدا يۇقۇملىنىش خەتىرى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.
4. قەستەن يىڭنە سانجىپ يۇقتۇرۇشنىڭ خەۋپ-خەتىرى
ئاخىرىدىكى بۇ مەزمۇننى دېيىشتىكى سەۋەب، دائىم تورداشلار سىرتتا ئۆزىگە ئېھتىياتسىزلىقتىن ئوكۇل يىڭنىسى سانجىلىپ كەتكەنلىكىنى، ئەيدىز قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بار-يوقلۇقى، يۇقۇملىنىش خەۋپىنىڭ قانچىلىك يۇقىرى بولىدىغانلىقى قاتارلىقلار توغرىسىدا مەسلىھەت سوراپ تۇرىدۇ. شۇڭا، بۇ يەردە بۇ ساۋاتنى سۆزلەپ ئۆتەي. ئەمەلىيەتتە، يۇقۇملانغۇچىنىڭ قېنى بىلەن بۇلغانغان داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى تېرىنى يارىلاندۇرغاندىن كېيىن، ۋاقتىدا ئالدىنى ئېلىش دورىسى ئىشلەتمىسە، يۇقۇملىنىش يۈز بېرىش خەۋپى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1/300 بولىدۇ. ئەگەر يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى بارلىقى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن دەرھال ئالدى ئېلىش دورىسى ئىشلەتكەندە خەتەرنى 1/1500 گە تۆۋەنلەتكىلى بولىشى مۇمكىن. ئەگەر يارا ئېغىزى چوڭقۇر بولسا ياكى قان يارا ئېغىزىغا كىرىپ كەتسە( مەسىلەن، بۇلغانغان كاۋاك يىڭنە زەخىملەنسە) خەتىرى تېخىمۇ يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن. ئۇيۇل يىڭنە ياكى باشقا سىرتقى يۈزىدە قان يۇقى بولغان تېشىش ئەسۋابلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ۋېناغا ياكى ئارتېرىيەگە سانجىشقا ئىشلىتىلىدىغان كاۋاك يىڭنە سانجىلىپ زەخىملەنسە يۇقۇملىنىش خەۋپىمۇ ئاشىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى، كېيىنكىسىدە تېخىمۇ كۆپ قان بولغاچقا، ئاسانلا HIV دىن يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 
 
شۇڭا، ئۆزىنى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان دەپ گۇمان قىلغانلار HIV ئانتىتېلاسىنى تەكشۈرتسە بولىدۇ. مەسىلەن، قان ياكى شۆلگەينى تەكشۈرسە بولىدۇ، بىراق يۇقۇملانغان دەسلەپكى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە(كۆزنەك مەزگىل)، ئانتىتېلا تەكشۈرۈش نەتىجىسى مەنپىي بولۇپ چىقىشى مۇمكىن، لېكىن ئەگەر ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانسا، خەۋپ-خەتەر دەرىجىسىگە ئاساسەن، تەتۈر كۆچۈرگۈچى ۋىرۇسقا قارشى دورىلار ئارقىلىق ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك داۋالاشنى تېزدىن باشلاش كېرەك.
 
0.jpg