كىرئالغۇغا ئىككى سۇلياۋ بۇتۇلكا سالغاندىكى ئۈنۈم مۇنداق بولىدىكەن
0
2019-08-07 18:48:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

 
 
بۈگۈنكى كۈندە كىر يۇيۇش ۋەزىپىسىنىڭ كۆپىنچىسى كىرئالغۇغا يۈكلەنگەن بولىدۇ. بىراق كىرئالغۇدا يېنىك كىر داغلىرىنى چىقىرىش ئاسان بولغىنى بىلەن، مەينەترەك، خېلى كىرلەشكەن كىيىملەرنى پاكىزلاشقا ئامالسىز. بولۇپمۇ بالىلارنىڭ كىيىملىرىنى يۇيغاندا، كۆپ ساندىكى كىشىلەر قول بىلەن ئۇۋۇلاپ قايتا يۇيۇپ، ئاندىن كىرئالغۇغا سالىدۇ.
ھازىر كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئاپتوماتىك كىرئالغۇنى ئىشلىتىشكە ئامراق كېلىدۇ، چۈنكى ئاپتوماتىك كىرئالغۇنىڭ ئىگەللەيدىغان ھەجىمى كىچىك، كىرلەرنىمۇ بىر كۇنۇپكا بىلەنلا يۇيغىلى بولىدۇ. بىراق بۇ خىل كىرئالغۇ ئانچە مەينەت بولمىغان كىيىملەرگە قارىتىلىپ ياسالغان. ئۇنداقتا ھەم ئەپچىللىكنى قوغلىشىش ھەم كىرنى پاكىز چىقىرىشتا مۇنداق ئەپچىل ئۇسۇلنى تونۇشتۇرىمىز. بۇنىڭغا پەقەت ئادەتتىكى ئىچىملىك قۇتىسى بولسىلا كۇپايە. كىرئالغۇدا كىر يۇيغاندىكى بىرىنچى باسقۇچ ئاۋال كىرنى سېلىپ، كىرئالغۇنى مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇ ئورنىغا تەڭشەيمىز، پاراشوك ياكى كىر يۇيۇش سۇيۇقلۇقى قوشىمىز، ئاندىن ئىككى تال سۇلياۋ بۇتۇلكىنى سېلىپ، كىرئالغۇنىڭ باشلاش كۇنۇپكىسىنى باسىمىز. بىراق سۇلياۋ بۇتۇلكىنى سالغاندا، چوقۇم سىرتىدىكى چاپلاقنى يىرتىپ، ئېغىزىنى ھىم ئېتىمىز.
ئەمەلىيەتتە، بازاردا سېتىلىدىغان مەخسۇس كىيىم يۇيۇشتا ئىشلىتىدىغان كىچىك توپچىلار بىلەن سۇلياۋ بۇتۇلكا سالغاندىكى پرىنسىپ ئوخشاش بولۇپ، ھەممىسى كىيىمنىڭ چىگىلىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ھەمدە ئۇياقتىن بۇياققا سۈركىلىش رولىنى ئويناپ، كىيىمنى پاكىزلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ، كىيىمنىمۇ زەخمىگە ئۇچراتمايدۇ. چۈنكى كىيىم سۇلياۋ بۇتۇلكا ياكى كىر يۇيۇش توپچىسىنى ئورىۋالىدۇ. بۇنداق بولغاندا كىيىمنى يۇيۇپ يېڭى ھالىتىگە ئەكىلىش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ، ئەڭ مۇھىمى كىرنى مۇشۇنداق يۇيغاندا كىرئالغۇمۇ ھېچقانداق زەخمىلىنىشكە ئۇچرىمايدۇ.
 
0.jpg