بۇ ئۈچ خىل ئادەم پىياز يېسە بەدەنگە زىيانلىق
0
2019-08-07 18:49:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل
پىياز كۆپچىلىككە تونۇشلۇق بولغان بىر خىل يېمەكلىك بولۇپ، سۇڭپىياز ۋە زەنجىۋىلغا ئوخشاش ئالاھىدە پۇراققا ئىگە، ئۇنى يېگەندە «مەززىلىك ئاچچىق-چۈچۈك » تۇيغۇ بېرىدۇ، تەم سەزگۈسىنى ئازدۇرۇپ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ. لېكىن بەزى كىشلەرگە پىيازنى كۆپ ئىستېمال قىلىشنى تەۋسىيە قىلمايمىز، پىيازنى ئىستېمال قىلىشمۇ چەكلىك بولۇشى كېرەك، ئوزۇقلۇقنى ساغلام قوبۇل قىلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك.

 
 
پىيازنى يەپ نېمىگە ئېرىشەلەيسىز؟ بەزىلەر ئۇنى «كۆكتات خانىشى» دەپ ئاتايدۇ، بەزىلەر «يۈرەكنىڭ تىرىكى» دەيدۇ، بۇنداق كۆپ ماختاشلارغا ئېرىشكەن داڭلىق كۆكتاتنى دائىم يېسە سالامەتلىككە قانداق پايدىسى بار؟ پىيازنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ئەمەلىيەتتە ناھايىتى ئاددىي: پىياز ئىنتايىن ئادەتتىكى كۆكتات، ئۇنىڭ تەركىبىدە بىر قىسىم كاربون-سۇ بىرىكمىسىدىن باشقا، ۋىتامىن B 6، ۋىتامىن C، مىنېرال ماددا فوسفور ئېلېمېنتى، ماگنىي ئېلېمېنتى ۋە گۈڭگۈرت ماددىسى قاتارلىقلار بار بولۇپ، مىقدارى بىر قەدەر مول ھېسابلىنىدۇ. ئوزۇقلۇق ماددىلارنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ قارىغاندا، دائىم يەپ بەرسە سالامەتلىككە قانداق پايدىسى بار؟ ئۈچەي يولىنىڭ ماددا ئالمىشىشىغا پايدىلىق: پىيازنىڭ ئىچىدە مول تالا ماددىسى بار بولۇپ، مۇۋاپىق ئىستېمال قىلغاندا مېتابولىزمنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ، شۇنىڭ بىلەن تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئۈچەي يولىنىڭ ئايلىنىشنى ناچار بولۇش، قەۋزىيەت قاتارلىق قۇرغاقلىشىش خاراكتېرلىك ئۈچەي يولى مەسىلىلىرىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

 
 
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تالا ماددىسىنىڭ تالاسىنىڭ مۇۋاپىق مىقداردا قوبۇل قىلىنىشى سېمىزلىك ۋە 2 تىپلىق دىيابېت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق. ئۇيقۇنى مۇۋاپىق تەڭشەش رولى بار: پىيازنىڭ تەركىبىدە مەلۇم مىقداردىكى فولىك كىسلاتاسى ماددىسى بار بولۇپ، فولىك كىسلاتاسىدىن ئىبارەت بۇ خىل ماددا بەدەندە ھاسىل بولغان ئارتۇق ئوخشاش تىپلىق سىستېئىن ماددىسىنى تورمۇزلاپ، ھورموننىڭ شەكىللىنىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ. شۇڭا، پىيازنى مۇۋاپىق يەپ بەرسە، ئۇيقۇنى مۇۋاپىق تەڭشەش، كەيپىياتنى تەڭشەشتە ياخشى رول ئوينايدۇ. ئىشتىھانى ئېچىپ، تاماق يېيىش ئاكتىپلىقىنى ئاشۇرىدۇ.پىياز بىر قەدەر غىدىقلايدىغان ئالاھىدە پۇراققا ئىگە، بۇنىڭ سەۋەبى ئۇنىڭ تەركىبىدە مەلۇم مىقداردىكى گوڭگۇرتلەشكەن ماددىلار بولغانلىقىدا. دەل مۇشۇنداق بولغاچقا، پىيازنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلغاندا، سىزنى تاماق يېيىشكە تېخىمۇ ئامراق قىلىدۇ. بۇلاردىن باشقا، نۇرغۇن كىشىلەر پىياز قان تومۇرلارنى يۇمشىتىدۇ دەيدۇ، چۈنكى، پىيازنىڭ تەركىبىدە قان تومۇرلارنى يۇمشىتىدىغان بەزى ئوزۇقلۇق ماددىلار بار، لېكىن ئەمەلىيەتتە بۇ رول ئىشەنچىلىك ئەمەس، بۇ ھايۋانات تەجرىبىسىدە نامايان قىلىنغان رول بىلەن بىردەك ئەمەس؛ پىياز پەقەت بىر خىل يېمەكلىك ، يېگىلى بولىدۇ، لېكىن كېسەل داۋالىيالمايدۇ.

 
 
قانداق ئادەم پىياز يېسە بولمايدۇ؟ ئەگەر سىزدە پىيازغا نىسبەتەن زىيادە سېزىمچانلىق مەسىلىسى كۆرۈلسە، ئىستېمال قىلىشنى قەتئىي رەت قىلىڭ، پىياز يېيىش سەۋەبلىك ئەسۋە چىقىش قاتارلىق ھەر خىل رېئاكسىيە ھادىسىلىرىنىڭ يۈز بېرىش خەتىرىنى ئاشۇرماسلىق كېرەك. ئەگەر ئاشقازان-ئۈچىيىڭىز سەزگۈر بولسا، سىرتقى دۇنيادىكى بەزى ماددىلارنىڭ غىدىقلىشى ئاسانلا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئۇنداقتا كۆپچىلىك پىيازنى ئاز يەپ، ئاشقازان-ئۈچەيگە يۈك پەيدا قىلىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك. كۆزى ياخشى بولمىغان كىشىلەر پىيازنى ئاز يەپ، غىدىقلاشنى ئازايتىشى كېرەك. ساغلام پىياز يېيىشتە بەزى كىچىك ئىشلارغا دىققەت قىلىش كېرەك: ئالدى بىلەن، پىياز بىر خىل ياخشى يېمەكلىك بولۇپ، كۆپچىلىكنىڭ دائىم يېيىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز، لېكىن تەييارلاش ئۇسۇلىنىڭ مۇۋاپىق بولۇشىغا دىققەت قىلىپ، ئۇزاق ۋاقىت پىشۇرماسلىق كېرەك، بۇنداق بولغاندا تەم سەزگۈسىگە تەسىر يەتكۈزۈپ، ئۇنىڭدىكى كۆپ قىسىم ئوزۇقلۇق ماددىلار زىيانغا ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، پىياز ئەسلىدە ئالاھىدە پۇراققا ئىگە بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر پىيازنى توغرىغان ۋاقىتتا، كۆزىدىن ناھايىتى ئاسان ياش ئاقىدۇ. شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ پىيازنى توغراشتىن 3 مىنۇت ئىلگىرى پىيازنى سۇغا چىلاپ، كۆزگە بولغان غىدىقلاشنى ئازايتىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. ئەڭ ئاخىرىدا، يېمەكلىك گەرچە ياخشى بولسىمۇ، يېمەكلىك مىقدارى چەكلىك بولۇشى كېرەك. كىچىككىنە پىيازنىڭ تەقى-تۇرقى ئۆزگىچە، ياخشى نامى ناھايىتى كۆپ، يېگىلى بولىدۇ، لېكىن ساغلام يېيىش كېرەك. تۇرمۇشىڭىزنىڭ خاتىرجەم، بەختلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
 
0.jpg