دىققەت: ئەيدىز يەنە بۇ خىل يوللار بىلەنمۇ يۇقىدۇ
0
2019-08-07 18:51:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل
ئەيدىز ئۆزىنىڭ تارقىلىشچان، داۋالىغىلى بولمايدىغان، يۇقۇملانغان ھامان ئۆمۈرۋايەت دورا يەپ كونترول قىلىشقا توغرا كېلىدىغان، ئۆلۈپ كېتىش خەۋپى يۇقىرى بولۇشتەك «ئالاھىدىلىك»لىرى بىلەن، ھەممە ئادەم ئويلاشتىنمۇ قورقىدىغان كېسەللىككە ئايلاندى.

 
 
بۇنىڭدىن باشقا يەنە، سىفىلىس، B تىپلىق جىگەر ياللۇغى قاتارلىق يۇقۇشچان كېسەللىكلەرنىڭمۇ ئادەم بەدىنىگە بولغان زىيىنى چوڭ، داۋالاش قىيىن بولغاچقا، بۇ كېسەللىكلەرمۇ ئوخشاشلا كىشىلەرنى تەشۋىشكە سالىدىغان كېسەللىكلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.
بىز ئادەتتە ئەيدىز كېسىلى، سىفىلىس كېسىلى، B تىپلىق جىگەر ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى پەقەت قان ۋە بەدەن سۇيۇقلۇقى ئارقىلىقلا تارقىلىدۇ دەپ قارايمىز، لېكىن يېقىندا خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ كېسەللىكلەر يەنە بىر قىسىم ھۆسن تۈزەش تۈرلىرى بولغان، بەدەنگە چەكمە چېكىش، قاش چەكتۈرۈش، قۇلاق تېشىش، چىش گۈزەللەشتۈرۈش، پۇت ياسىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىقمۇ تارقىلىدىكەن.

 
 
ئەنگلىيە داڭلىق ئاخبارات ۋاستىسى «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىككى خېرىدار «قانخور ئالۋاستىنىڭ يۈز قىسمىنى پەرۋىش قىلىشى» نامىدىكى ھۆسن تۈزەش تۈرىنى قىلدۇرۇش جەريانىدا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. ئۇنىڭدىن باشقا سىستېمىلاشمىغان يول بويىدىكى قۇلاق تەشكۈچىلەرگە قۇلاق تەشكۈزۈش ۋە باشقا ھۆسن تۈزەش شەكىللىرى بىلەن يۇقىرىقى كېسەللىكلەر بىلەن يۇقۇملىنىش ھادىسىلىرىمۇ كۆپەيگەن.
بەلكىم كۆپچىلىكنىڭ كاللىسىدا قۇلاق تېشىش، قاش چەكتۈرۈشتەك ئۇششاق ئىشلار ئارقىلىقمۇ يۇقىرىقى كېسەللىكلەر بىلەن يۇقۇملىنىپ قالامدۇ دېگەن سوئال تۇغۇلغان بولۇشى مۇمكىن؟
بىز بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى بۇ ئۈچ خىل كېسەللىكنىڭ ئالاھىدىلىكىدىن ئىزدەيلى.
ئەيدىز كېسىلى
ئەيدىز-ئادەم بەدىنىگە بولغان خەۋپى ئىنتايىن زور بولغان بىر خىل يۇقۇملۇق كېسەللىك بولۇپ، بۇ ئادەم بەدىنىدىكى ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى (HIV) نىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىشى بىلەن كېلىپ چىقىدىغان بىر خىل كېسەللىك. يەنى، ئەيدىز ۋىرۇسى (HIV) ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن، ئادەم بەدىنىدىكى ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىتىپ، ھۈجەيرىلەرنىڭ كېسەللىككە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
ئەيدىز كېسىلى يەنە ئۆسمە قاتارلىق ھەر خىل ئېغىر ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى يۇقىرى بولۇپ، ئاساسلىقى جىنسىي مۇناسىۋەتتىن، قاندىن ۋە ئانىدىن بالىغا ئەڭ تېز سۈرئەتتە يۇقىدۇ.
ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى بۇ كېسەلدىن قۇتۇلالمايدىغان بولۇپ، بىر ئۆمۈر دورا ئىچىپ كونترول قىلشقا توغرا كېلىدۇ.
سىفلىس كېسىلى
سىفلىس-تاتارغان بۇرمىسىمان تەنچە كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىك.
95% تىن يۇقىرى بولغان سىفىلىس كېسەللىكى بىنورمال جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق تارقىلىدۇ. سىفىلىس كېسەللىكىنىڭ يۇقۇملىنىش ئىقتىدارى دەسلەپ يۇقۇملانغان ۋاقىتتا ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، كېسەللىك مەزگىلىنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ بارغانسېرى ئاجىزلايدۇ، ئادەتتە يۇقۇملىنىش ۋاقتى تۆت يىلدىن يۇقىرى بولغانلارنىڭ باشقىلارنى يۇقۇملاندۇرۇش نىسبىتى ناھايىتى تۆۋەن بولىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، سىفىلىس كېسەللىكى بىلەن يۇقۇملانغۇچى ھامىلىدار ئاياللارنىڭ قورساقتىكى بالىسىنىڭ بۇخىل كېسەللىك بىلەن يۇقىملىنىش نىسبىتى يۇقىرى بولۇپ، بالا ھەمراھى ئارقىلىق ھامىلىگە يۇقىدۇ. نۆۋەتتە، پېنسىلىن تۈرىدىكى دورىلار سىفلىس كېسەللىكىنى داۋالايدىغان ئەڭ ياخشى دورا ھېسابلىنىدۇ.
B تىپلىق جىگەر ياللۇغى كېسەللىكى
بۇ B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى (HBV) بىلەن يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىققان، جىگەر ياللۇغى كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى ئاساس قىلغان ھەمدە كۆپ ئەزالارنىڭ زەخمىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىك.

 
 
بۇ خىل كېسەللىكنى ۋاقتىدا داۋالىمىغاندا، تەرەققىي قىلىپ جىگەر قېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئادەتتە، B تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىمارلىرى ۋە HBV نى ئېلىپ يۈرگۈچىلەر جىگەر ياللۇغى كېسەللىكىنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى بولۇپ، قان ۋە قان پىلازمىلىرى، بۇزۇلغان تېرە شىللىق پەردىسى ياكى جىنسىي ئۇچرىشىش ئارقىلىق تارقىلىدۇ.
جىددىي خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغىنى ئادەتتە ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش ھاجەتسىز، ئەمما ئاستا خاراكتېرلىك ۋىرۇسلۇق جىگەر ياللۇغىنى ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش زۆرۈر.
ئۇنداقتا ھۆسن تۈزەش مۇۋاپىق بولمىسىمۇ ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى يۈز بېرەمدۇ؟
گۈزەللىكنى سۆيىدىغان كۆپلىگەن كىشىلەر گۈزەللىك قوغلىشىپ، قاش چەكتۈرۈش، قاپاق ياردۇرۇش، چىش گۈزەللەشتۇرۇش، قاڭشار چىقىرىش، بەدەنگە چەكمە چېكىش دېگەندەك ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ گۈزەللىك چۈشىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدىكى ياشلارنىڭ ئومۇمىي يۈزلىنىشى بولۇپ قالدى. بىراق، بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈشكە سېلىنىدىغان مەبلەغنىڭ يۇقىرىلىقى تۆۋەن كىرىملىك كىشىلەرنىڭ قوبۇل قىلىش دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەچكە، بۇ خىل رېئاللىق ئۇلارنىڭ قاراڭغۇ بازاردىكى ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش ئورۇنلىرىغا بېرىشقا مەجبۇر قىلغان ۋە ئۇلارنىڭ كېسەللىك بىلەن يۇقۇملىنىش دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈۋەتكەن.

 
 
ئەمەلىيەتتە، قاراڭغۇ بازاردىكى ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش ئورۇنلىرىدا ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋابلارنىڭ كۆپ قىسمى تەكرار ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، بۇ دەل يۇقىرىدا تىلغا ئالغان كېسەللىكلەر بىلەن يۇقۇملىنىپ قېلىشنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرىدۇر.
يېقىندا مودا بولغان قان ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش يەنە «قان شورىغۇچى ئالۋاستى ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇلى» دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئالدى بىلەن بەدەندىكى بىر قىسىم قان تارتىۋېلىنىپ ئوزون بىلەن ئارىلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن ئاندىن ئادەم بەدىنىگە سېلىنىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇلدا ھۆسن تۈزۈگۈچىلەر بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ھۆسن تۈزەش ۋە قېرىشنى كېچىكتۈرۈش مەقسىتىگە بىرلا ۋاقىتتا يەتكىلى بولىدىغانلىقى، ھەتتا بەدەننىڭ راك ھۈجەيرىلىرىگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆزىنى تەشۋىق قىلىشىدۇ. لېكىن بۇ خىل ئۇسۇل تېببىي ساھەنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشمەيلا قالماستىن، مۇنتىزىم بولمىغان داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا مەشغۇلات قىلىشى ھەرخىل قورقۇنچلۇق كېسەللىكلەرنى يۇقتۇرۇۋېلىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ناۋادا ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك؟
ئەيدىز-يۇقۇملانغان ھامان دەرھال ئۆلۈپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەل ئەمەس. ھازىر ئالىملار ئەيدىز ۋىرۇسىنى تىزگىنلەش دورىسىنى تەتقىق قىلىپ چىقان بولۇپ، يۇقۇملانغۇچى 24 سائەتتىن 72 سائەتكىچە مۇۋاپىق تەدبىر قوللانسا ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ بەدەنگە تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ۋە يۇقۇملىنىش دەرىجىسىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرگىلى بولىدۇ.

 
 
شۇڭا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى يۇقۇملانغاندىن كېيىنكى 72 سائەت ئىچىدە ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنى ئىشلىتىپ، ۋىرۇسنىڭ بەدەنگە تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالسا تامامەن بولىدۇ. بۇ خىل ئالدىنى ئېلىش خىزمەتلىرى، ئاشكارىلانغاندىن كېيىنكى ئالدىنى ئېلىشتىن مەسلىھەت بېرىش، جىددىي قۇتقۇزۇش، پەرۋىش قىلىش، ئەيدىز ۋىرۇسىنى تەكشۈرۈش، 28 كۈن ۋىرۇسنىڭ كۆپىيىشىگە قارشى دورا بىلەن داۋالاش ۋە كېيىنكى پەرۋىش قىلىش قاتارلىق بىر قاتار قەدەم باسقۇچلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئۇنداقتا ئەيدىز كېسىلى، سىفلىس كېسىلى ۋە B تىپلىق جىگەر ياللۇغىدىن قانداق يىراق تۇرۇش كېرەك؟
1. زۆرۈر بولمىغان «قان چىقىرىش»تىن ساقلىنىش. مەسىلەن تەن چەكمىسى، قاش، كالپۇك چەكتۈرۈش، قاپاق ياردۇرۇش، قۇلاق تېشىش، پۇتنىڭ تىرناقلىرىنى ۋە قاداقلىرىنى ئېلىش دېگەندەك بىرقاتار مەشغۇلاتلارنىڭ ھەممىسىدە بەدەندىن قان چىقىدىغان بولۇپ، ناۋادا قىلىش زۆرۈرىيىتى بولغاندا چوقۇم مۇنتىزىم ئاپپاراتلارنى تاللاپ، قاتتىق دېزىنفېكسىيە ئاستىدا قىلىش كېرەك.

 
 
2. تۇرمۇشتا شەخسىي تازىلىققا كۆپرەك دىققەت قىلىش كېرەك. ئورتاق ئىشلىتىدىغان چىش چوتكىسى، ساقال ئالغۇچ قاتارلىق بۇيۇملارنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
3. ساغلاملىق تەربىيەسى ۋە تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، بىنورمال جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ساقلىنىش. ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىدىن توغرا ۋە ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، كۈتۈلمىگەن كېسەللىكلەردىن يۇقۇملىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش.
4. مۇنتىزىم دوختۇرخانىلارغا بېرىپ B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى ۋاقتىدا ئەملەش، B تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغان بىمارلار بىلەن تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئورتاق ئىشلەتمەسلىك. بۇنداق قىلغاندا، B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى ۋە بەدەندە B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ئانتىتېلاسى ھاسىل قىلغىلى، ھەمدە مەسىلىنى ماھىيەتتىن ھەل قىلغىلى بولىدۇ.
5. HIV ۋىرۇسى بىلەن يۇقىملىنىش خەتىرى يۇقىرى تۇغۇتلۇق ئاياللار بالىنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىشتىن ساقلىنىش. ئانا سۈتى بىلەن بېقىلغان بوۋاقلارنىڭ HIV ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتى ئانا سۈتى بىلەن بېقىلمىغان بالىلارغا سېلىشتۇرغاندا %12~%14 كىچە يۇقىرى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تۇغۇتلۇق ئاياللار چوقۇم ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
 
0.jpg