iPhone 7s نىڭ لايىھەسى ئاشكارىلاندى: ئالدى يۈزىدە ئېكراندىن باشقا نەرسە يوق!
0
2016-05-13 10:15:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

ئىلگىرى تارقالغان ئۇچۇرلاردا بۇ يىل ئېلان قىلىنىدىغان iPhone 7 نىڭ شەكلى iPhone 6s بىلەن ئوخشىشىپ قالىدىغانلىقى بىراق، كېلەر يىلى ئوتتۇرىغا چىقىدىغان iPhone 7s نىڭ شەكلىدە بىر قەدەر چوڭ ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان، كېلەر يىلى يەنە ئالما شىركىتىنىڭ ئايفوننى بازارغا سالغانلىقىنىڭ ئون يىللىق خاتىرە كۈنى. ئالما شىركىتىگە ئائىت ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى تەمىنلەپ كېلىۋاتقان John Gruber بۈگۈن كېلەر يىلى ئېلان قىلىنىدىغان iPhone 7s ىڭ سىرتقى شەكلىگە ئائىت ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىغان.

بىر قېتىملىق زىيارەت داۋامىدا، John Gruber ئۆزى ئېرىشكەن ئۇچۇرغا قارىغاندا، كېلەر يىلى مەيدانغا چىقىدىغان ئايفوننىڭ رامكىسى «ئالاھىدە تار» بولىدىغانلىقى، ھېسابتا يانفون ئالدى يۈزىدە ئېكراندىن باشقا نەرسە كۆرۈنمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان، ئۇنىڭ دېيىشىچە، يانفون ئالدى كامېراسى، Touch ID بارماق ئىزىنى تونۇش ئىقتىدارى ۋە باشقا سېنىزورلارنىڭ ھەممىسى بىۋاستە ھالدا ئېكران ئىچىگە «پاتۇرۇلىدىكەن».

يەنە بىر تۈرلۈك ئۇچۇرغا قارىغاندا، ئالما شىركىتى كېلەر يىلى ئېلان قىلىدىغان ئايفونغا OLED ئېكرانى ئىشلىتىدىغان بولۇپ، بۇ خىل ئېكران يۇقاردا دېيىلگەندەك «ئالاھىدە تار رامكا» لىق لايىھەنى قوللايدىكەن، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ئالما شىركىتى ئاللىقاچان سامسۇڭ بىلەن قىسمەن OLED ئېكران تاختىسىنى تەمىنلەش ھەققىدە كېلىشىم ئىمزالىغان.

بۇندىن باشقا، ئۇچۇردا يەنە iPhone 7s دە مېتال قاپلىق لايىھە بىكار قىلىنىپ، iPhone 4s دىكىگە ئوخشاش ئەينەك قاپلىق لايىھە قايتا قوللىنىلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. ئىگەللىنىشىچە، ئالما شىركىتى 2015-يىلىدىن باشلاپ، سېزىمچان ئېكرانغا ئۆزەكچە «پاتۇرۇش» تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق Touch ID قاتارلىق ئىقتىدارلارغا چېتىلىدىغان سېنىزور ۋە باشقا سىستېمىلارنى بىۋاستە ئېكرانغا بىرلەشتۈرمەكچى بولغان، بۇنداق بولغاندا ئايفوندىكى Home كۇنۇپكىسىنىڭ ھاجىتى قالمايدىكەن.

iPhone 7s دە غايەت زور ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، تاراتقۇلار ئالما شىركىتى iPhone 7s نىڭ ئىسمىنى بىراقلا iPhone 8 گە ئۆزگەرتىشى مۇمكىن دەپ قارىغان.

132.jpg
initpintu_副本.jpg
QQ截图20160512101828.jpg
122.jpg