قولىمىزدىكى كىملىك قانداق ياساپ چىقىلىدۇ؟
0
2017-07-09 16:19:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئايروپىلان، يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزغا ئولتۇرغان، مېھمانسارايلاردا ياتقان، مۇناسىۋەتلىك كىنىشكىلەرنى بېجىرگەن ۋاقىتتا ئاھالىلەر كىملىكى ئىشلىتىلىدۇ، كىملىك شەخسكە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەت ۋە رولغا ئىگە. ئۇنداقتا كىملىك زادى قانداق ياسىلىدۇ؟ ئىشلىتىش جەريانىدا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

مۇخبىر يۈننەن ئۆلكىلىك كىملىك ياساش مەركىزىدە خىزمەتچى خادىملارنى زىيارەت قىلدى. تونۇشتۇرۇشىچە، كىملىك ياساش جەريانى ئۇچۇر توپلاش، قېلىپىنى بېسىپ چىقىرىش، ئورۇن بەلگىلەش قاتارلىق ئالتە باسقۇچنى بېسىپ ئۆتىدىكەن، ھەرقايسى ئۆلكە-شەھەرلەرنىڭ ياساش جەريانى ئوخشاپ كېتىدىكەن.

كىملىك ياساش جەريانى:

1. ئۇچۇر توپلاش

ئاساسىي قاتلام ساقچىخانىسى توپلىغان سۈرەت، ئىسىم-فامىلە، مىللەت، ئادرېس ۋە بارماق ئىزى ئۇچۇرى قاتارلىق شەخسلەر ئۇچۇرى تەرتىپ بويىچە ناھىيەلىك، شەھەرلىك ئىككى دەرىجىلىك ج خ ئورگانلىرىنىڭ تەستىقلىشىغا يوللىنىدۇ، تەستىقتىن ئۆتكەندىن كېيىن ئۆلكە دەرىجىلىك ج خ نازارىتىنىڭ تەكشۈرۈپ دەلىللىشىگە يوللىنىدۇ، ئاخىرىدا مۇشۇ ئورۇندا ياسىلىدۇ.

2. قېپىنى بېسىپ چىقىرىش

شەخس ئۇچۇرى قېلىپ باسما سېخىغا يوللىنىپ بېسىپ چىقىرىلىدۇ.

قېلىپ بېسىش سېخى

3. ئورۇن بەلگىلەش

بېسىپ چىقىرىلغان قېلىپ ئۇچۇر يېزىلغان قۇرۇق كارتىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ ئورنى بەلگىلىنىدۇ، ئورۇننىڭ توغرا بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ، ھەر بىر كىملىكنىڭ ئۆزىگە خاس قېلىپ كارتىسى بولىدۇ.

4. قېلىپنى پىرىسلاپ كېسىش

قېلىپ يۇقىرى تېمپىراتۇرىدا پىرىسلىنىپ، بېسىلغان كارتا توغرا كېسىپ چىقىلىدۇ.

5. ئېلېكترونلۇق ئۆزەككە ئۇچۇر يېزىش

كىملىكتىكى «ئادرېس» دېگەن ئىستوننىڭ سول تەرىپىدە بىر پارچە ئۆزەك بار، ئۇنىڭدا شەخسنىڭ ئېلېكترونلۇق ئۇچۇرى ساقلىنىدۇ، بۇ قەدەمدە شەخسلەرنىڭ ئۇچۇرى ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق كىملىككە يېزىلىدۇ.

كېسىش ۋە ئېلېكتىرونلۇق خەت يېزىش سېخى

6. كىملىكنى تەكشۈرۈپ دەلىللەش

«كىملىكنى ئاپتوماتىك تەكشۈرۈش» ئۈسكۈنىسى ۋە ئادەم كۈچى بىلەن كىملىكتىكى ئۇچۇرلارنىڭ توغرىلىقى، مەسىلە بار-يوقلۇقى تەكشۈرۈلۈپ، خاتالىق نىسبىتى تۈمەندىن بىر ئىچىدە كونترول قىلىنىدۇ. ئاخىرىدا كىملىك ئىلتىماس قىلغۇچى بېكىتكەن ئېلىۋېلىش ئورنىغا سېلىپ بېرىلىدۇ.

تۈرگە ئايرىش ئۈسكۈنىسى

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:

1. كىملىكنى قانداق ساقلاش كېرەك؟

قاتلاشقا بولمايدۇ، بولمىسا ئۆزەك بۇزۇلۇپ كېتىدۇ، ئامال بار يانفون، بانكا كارتىسى قاتارلىق ماگنىتلىق نەرسىلەر بىلەن بىرگە قويماي، كىملىكنىڭ ماگنىتلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.

2. ئۇچۇر بىخەتەرلىكىگە قانداق كاپالەتلىك قىلىنىدۇ؟

كىملىك ئىگىسى كىملىكنى نۇسخىلىغان ۋاقىتتا سۈرەت بار تەرەپكە «بۇ كىنىشكا xx (ئادەم ياكى ئىش)كە ئىشلىتىشكە تەمىنلەپ بېرىلىدۇ» دېگەندەك خەتلەرنى يېزىپ قويۇشى كېرەك.

3. كىملىكنىڭ ئالدى ۋە ئارقا تەرىپى قانداق پەرقلەندۈرۈلىدۇ؟

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاھالىلەر كىملىكى» دېگەن خەت يېزىلغان تەرىپى ئالدى تەرىپى، شەخسنىڭ سۈرىتى ۋە ئۇچۇرى بېسىلغان تەرىپى ئارقا تەرىپى بولىدۇ.

4. كىملىك سۈرىتى قانداق تارتىلىدۇ؟

كىملىك سۈرىتى تارتقان ۋاقىتتا ئاياللار گىرىمنى سۇس قىلىشى، يۈزىدە تەر بولماسلىقى، ياقىسى بار كىيىم كىيىشى، زىننەت بۇيۇملىرى ۋە يالغان كىرپىك تاقىماسلىقى، قىش كۈنلىرى سۈرەتكە تارتقاندا شارپا تاقىماسلىقى، خىزمەت كىيىمى ۋە سۇس رەڭلىك كىيىملەرنى كىيمەسلىكى كېرەك.

سۈرەتكە تارتىش تەلىپى:

① خىزمەت كىيىمى كىيىشكە بولمايدۇ.

② زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقاشقا بولمايدۇ.

③ قېنىق گىرىم قىلىشقا بولمايدۇ.

④ قۇلاق، پېشانە قىسمىنى توسۇپ قويۇشقا بولمايدۇ.

⑤ باش كىيىم كىيىشكە بولمايدۇ، چىراي ئىپادىسى تەبىئىي بولۇشى كېرەك.

كىملىك سۈرىتىنىڭ ياخشى چىقىشى ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرنى قىلىش كېرەك:

① قارا رەڭلىك كىيىم كىيگەندە سۈرەتكە تارتىش ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.

② ئىككى قولنى تەبىئىي يوشۇندا تىزنىڭ ئۈستىگە قويۇش لازىم.

③ ئازراق داغ يوقىتىش مەلھىمى قاتارلىق يۈز مايلىرىنى سۈرۈۋالسا بولىدۇ.

④ بەلنى تۈزلەپ، يۈزنى سۈرەتنىڭ ئوتتۇرىسىغا كەلتۈرۈش لازىم.

⑤ ئالدى تەرەپكە تەبىئىي قاراپ تۇرۇش، ئاپپاراتقا قادىلىپ قارىۋالماسلىق كېرەك.

⑥ سۈرەتكە تارتقان ۋاقىتتا كۈلۈمسىرەپ تۇرۇش، ئەڭ ياخشىسى ئۈستۈنكى چىشلىرى كۆرۈنۈپ تۇرۇش كېرەك.

⑦ باشنى سەل ئېگىپ، ئاستى ئېڭەكنى سەل ئىچىگە تارتىش كېرەك.

⑧ جىددىيلەشمەسلىك، تەبىئىي ھالىتىنى ساقلاش لازىم.

5. قانداق ئەھۋالدا كىملىك ئالماشتۇرۇلىدۇ؟

① كىملىكنىڭ كۈچكە ئىگە ۋاقتى توشقاندىن باشلاپ ئۈچ ئاي ئىچىدە ئالماشتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش لازىم.

② نوپۇس باشقا ئورۇنغا يۆتكەلگەن بولسا، يۆتكەپ ئەكىرگەن ئورۇندا نوپۇس يۆتكەش رەسمىيىتى بېجىرگەن ۋاقىتتا كىملىك ئالماشتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش كېرەك.

③ پۇقرالار كىملىكتىكى ئۇچۇرلارنى ئۆزگەرتكەن، تۈزەتكەن ۋاقىتتا ئالماشتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش كېرەك.

④ پۇقرالارنىڭ كىملىكى بۇزۇلۇش، كەمتۈك بولۇپ قېلىش سەۋەبلىك پەرقلەندۈرگىلى بولمىغان ۋاقىتتا ئالماشتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش كېرەك.

كىملىك ئالماشتۇرۇش تەرتىپى:

① نوپۇس تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى ساقچىخانىغا ئىلتىماس قىلىنىدۇ.

② «ئاھالىلەر كىملىكى ئىلتىماس قىلىپ ئېلىشنى تىزىملاش جەدۋىلى» تولدۇرۇلۇپ، «ئاھالىلەر نوپۇسى» ۋە كىملىكنىڭ ئەسلى نۇسخىسى دەلىللەشكە تاپشۇرۇلىدۇ.

③ كىملىك سۈرىتى تارتىلىپ، بارماق ئىزى ئۇچۇرى خاتىرىلىنىدۇ.

④ يېڭى كىنىشكا ئېلىش بىلەن بىرگە، ئەسلىدىكى كىنىشكا تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ.

قولىمىزدىكى كىملىك قانداق ياساپ چىقىلىدۇ؟

未命名.jpg
1121391592_15011576740571n.jpg