ماشىنا ھەققىدىكى كۆپىنچە كىشىلەر بىلمەيدىغان بىلىملەر
0
2017-07-12 13:49:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

1. سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ئاياللارنىڭ ماشىنا ھەيدىشىگە بولمايدۇ

ئېلىمىزدە ئاياللار بارلىق ساھەلەردە ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ، لېكىن دۇنيادا يەنە بىر دۆلەتنىڭ ئاياللارنىڭ ماشىنا ھەيدىشىگە رۇخسەت قىلمايدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان بولغىيدىڭىز ھە! 1991-يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى دىنىي قانۇننى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئاياللارنىڭ ماشىنا ھەيدىشىنى چەكلەش توغرىسىدا پەرمان چىقارغان، لېكىن ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتە چىقارغان سەۋەبى تېخىمۇ غەلىتە بولۇپ، ئۇلار بۇنداق قىلىشنى «قىز-ئاياللارنىڭ جىنسىي زىيانكەشلىككە ئۇچراپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن» دېگەن، ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ياۋروپا ۋە ئامېرىكا قاتارلىق باشقا دۆلەتلەردىكى ئاياللارنىڭ ئەركىن ھالدا ماشىنا ھەيدىيەلىشىدىكى سەۋەب ئۇلارنىڭ جىنسىي زىيانكەشلىككە ئۇچراشنى كۆڭلىگە ئالمايدىغانلىقىدىن ئىكەن.

2. ھەر تۆت ماشىنىنىڭ بىرى دەل جۇڭگودا ياسالغان

بىز پەقەت يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول مۇساپىسىدىلا دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئەمەس، يەنە تېخى ياساش مىقدارى جەھەتتىمۇ دۇنيا بويىچە بىرىنچى. شۇنىڭ ئۈچۈن، سىزنىڭ يېنىڭىزدىن غۇيۇلداپ ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ھەر خىل ئېسىل ماشىنىلارغا يەنە ھەۋەس قىلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، ئىشقىلىپ ھەممىسى ئۆز «ئۆيىمىز»دە ياسالغان.

3. يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول دەسلىپىدە ئايروپىلان ئۇچۇش يولى قىلىش ئۈچۈن ياسالغان

تاكى بۈگۈنگە قەدەر، بىزمۇ دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى كۆپلىگەن ھەربىي ئايرودروملارنىڭ ئەتراپىدا تۈپتۈز ۋە ناھايىتى تەكشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايرىش بەلبېغى يوق بىر ياكى ئىككى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ بارلىقىنى، يەنە بەزىدە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ بۇ يەردىن پەس ئۇچۇپ ئۆتۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز. بۇ ھەربىي مانېۋىرمۇ؟ ئەلۋەتتە ئەمەس، بۇنداق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ئەھمىيىتى شۇ يەردىكى، ئۇنىڭدا ماشىنىلارنىڭ يۈرۈشىشىدىن باشقا، ئۇرۇش مەزگىلىدە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ئۇچۇپ قونالىشىغا قولايلىق يارىتىش دەل ئۇنىڭ تېخىمۇ مۇھىم بىر نۇقتىسى.

4. شىمالىي قۇتۇپتا ماشىنا ھەيدىگەندە ماشىنا ئىشىكىنى قۇلۇپلاپ يول يۈرۈشكە بولمايدۇ

قۇتۇپ رايونىدىكى كىشىلەر سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن مەخسۇس قۇتۇپ رايونى ئۈچۈن ئىشلەپچىقىرىلغان ماشىنىلارنى ئىشلىتىدۇ. لېكىن، بۇ يەردە گەرچە قاتناش قانۇنىنىڭ چەكلىمىسى بولمىسىمۇ، ئەمما بۇ يەردە ماشىنا ھەيدىمەكچى بولسىڭىز، ئۇنداقتا «ماشىنا ئىشىكىنى قۇلۇپلاشقا بولمايدۇ!» دېگەن مۇنداق بىر بۇيرۇققا چوقۇم بويسۇنۇشىڭىز كېرەك. نېمە ئۈچۈن شىمالىي قۇتۇپتا ئاپتوموبىل ئىشىكىنى قۇلۇپلاشقا بولمايدۇ دېگەندە، بۇنىڭ ھەقىقىي سەۋەبى شۇكى، ئۇنىڭدا ئەمەلىيەتتە شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىشى مۇمكىن بولغان كىشىلەرگە بىر ھايات قېلىش ئىمكانىيىتى قالدۇرۇپ قويۇش ئۈچۈندۇر. قانداقلا بولمىسۇن شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقى قۇتۇپ رايونىنىڭ ھەقىقىي پادىشاھى، ئۇنىڭغا يولۇققاندا پەقەت جېنىنى ئېلىپ قېچىپ قۇتۇلۇشتەك بىرلا يول بار.

5. پۈتۈن دۇنيا بويىچە بىرلا ۋاقىتتا روللىس رويىسنى ئەڭ كۆپ كۆرگىلى بولىدىغان شەھەر − شياڭگاڭ

سالاپەت ۋە ئالىيجانابلىقنىڭ سىمۋولى بولغان روللىس رويىس مەڭگۈ خۇددى باشقا ماركىدىكى ماشىنىلارغا ئوخشاش «توپلىشىپ يىغىلىش» ئۆتكۈزمەيدۇ، لېكىن بۇ ئەھۋال شياڭگاڭدا پۈتۈنلەي باشقىچە ئۆزگىرىپ كەتتى. دۇنيا بويىچە 3-چوڭ پۇل مۇئامىلە مەركىزى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ يەردە روللىس رويىسقا ئىگە بولغان ھەقىقىي مۆتىۋەرلەر كەم بولمايدۇ. بۇرۇن شياڭگاڭدىكى داڭلىق يېرىم ئارال مېھمانسارىيى بىر مەھەل روللىس رويىسنىڭ «ماشىنا توختىتىش مەيدانى»غا ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، 14 دانىدىن ئاشىدىغان كۆلەڭگە بىرلا ۋاقىتتا توختىغان ئىدى، پۈتۈن يەر شارىدا پەقەت شياڭگاڭدىلا مۇشۇنداق ئەھۋال كۆرۈلۈدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

6. «يېشىل چىراغ» ماشىنىدىن 18 يىل بۇرۇن دۇنياغا كەلگەن

دۇنيا بويىچە تۇنجى ماشىنا 1886-يىلى دۇنياغا كەلگەن ئىدى، ئەمما قاتناشنى تەرتىپكە سالىدىغان سىگنال چىرىغى، يەنى بىز ئادەتتە «قىزىل-يېشىل چىراغ» دەپ ئاتايدىغان چىراغ 1868-يىلىلا بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئاپتوموبىلغا قارىغاندا توپتوغرا 18 يىل بالدۇر بارلىققا كەلگەن ئىدى. 1868-يىلى 9-ئايدا دائىم ئات ھارۋىسىنىڭ يولۇچىلارنى سوقۇۋېتىش ۋەقەسى يۈز بېرىدىغان ئەنگلىيەنىڭ لوندوندىكى پارلامېنت بىناسى مەيدانىدا، مېخانىك نايىت باش ساقچى ۋالىيسى چاد مېيننىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن، جورجى كوچىسى بىلەن بىرىج چوڭ كوچىسىنىڭ كېسىشمە يول ئېغىزىدا دۇنيا بويىچە تۇنجى سىگنال چىرىغىنى ئورناتقان ئىدى. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، بۇ ئۆمرى قىسقا «قىزىل-يېشىل چىراغ» پەقەت 23 كۈن خىزمەت قىلىپلا مەغلۇپ بولغان ئىدى.

7.تۇنجى بولۇپ ماشىنا نومۇر تاختىسى ۋە پىراۋا ئىشلەتكەن دۆلەت -فىرانسىيە

ماشىنا گەرچە گېرمانىيەلىكلەر تەرىپىدىن كەشپ قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن فىرانسىيە ئالدى بىلەن ماشىنا نومۇر تاختىسى ۋە پىراۋا ئىشلەتكەن دۆلەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 1893-يىلى فىرانسىيە پارىژ ساقچى دائىرىلىرى مۇنداق دەپ ئېنىق بەلگىلىمە چىقارغان ئىدى: «بارلىق ماشىنىلار چوقۇم ماشىنا گەۋدىسىنىڭ سول يېنىغا مېتال ماشىنا تاختىسى ئېسىشى، ئۈستىگە ماشىنا ئىگىسىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، ئادرېسى ۋە تىزىملاش نومۇرى بېسىلىشى كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قۇيرۇق چىرىغىنىڭ ئەينىكىگىمۇ نومۇرى يېزىلىشى كېرەك».

1121551877_15038535201181.jpg