يىراق قەدىمكى دەۋرلەردە ياشىغان دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ ھايۋاناتلار
0
2017-07-16 15:04:00
|
مەنبەسى:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

يىراق قەدىمكى دېڭىز قۇشى pelagornithidنىڭ گەۋدىسى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، كىچىك تىپلىق ئايروپىلان بىلەن تەڭلىشىپ قالىدۇ. ئۇلار 50 مىليون يىللار ئىلگىرى ھازىرقى ئەنگلىيە تەۋەلىكىدە ياشىغان.

تارىختىن ئىلگىرىكى چوڭ بوغما يىلان. بۇ خىل بوغما يىلاننىڭ ئېغىرلىقى تەخمىنەن 1140 كىلوگرام، بۇرنىدىن قۇيرۇقىنىڭ ئۇچىغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 13 مېتىر كېلىدۇ. ئۇ بوئا بوغما يىلىنىغا ئوخشاش زەھەرسىز چوڭ بوغما يىلان بولۇپ، بۇنىڭدىن 60 مىليون يىللار ئىلگىرى لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ تىروپىك بەلباغ يامغۇرلۇق ئورمانلىقلىرىدا ياشىغان.

پاتقاقلىق دىنوزاۋرى. ئوت-چۆپنى ئوزۇق قىلىدىغان بۇ خىل دىنوزاۋرنىڭ قولىنىڭ تاشقاتمىسى دىنوزاۋرلارنىڭ بارمىقىنىڭ قاناتقا ئۆزگىرىش دەۋرىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

دەرىجىدىن تاشقىرى گۆشخور ھايۋان. ئىلمىي نامى Hurdia victoria بولغان بۇ چوڭ گۆشخور ھايۋاننىڭ سىرتقى شەكلى غەلىتە بولۇپ، بەدەن ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 46 سانتىمېتىر كېلىدۇ، بۇنىڭدىن تەخمىنەن 500 مىليون يىللار ئىلگىرى ياشىغان.

تارىختىن ئىلگىرىكى چوڭ بېلىق. ئالىملار ئۇنى دۇنيادىكى «تۈرلۈك-تۈمەن ھايۋاناتلارنىڭ تۇنجى شاھى» بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىغان. تارىختىن ئىلگىرى ياشىغان بۇ بېلىقنىڭ تەن ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 10 مېتىر، ئېغىرلىقى 4 توننا كېلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭدىن 400 مىليون يىللار ئىلگىرى ياشىغان.

يارا چىشلىق دىنوزاۋرلارنىڭ گەۋدىسى بىلەن چوڭ مېڭىسىنىڭ نىسبىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇلارنى دۇنيا بويىچە مېڭىسى ئەڭ چوڭ دىنوزاۋر دەپ قاراشقا بولىدۇ. بۇ تۈردىكى دىنوزاۋرلارنىڭ يەنە سەزگۈ ئەزالىرى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ئەڭ ئەقىللىق دىنوزاۋرلارنىڭ بىرىدۇر. يارا چىشلىق دىنوزاۋرلار بۇنىڭدىن تەخمىنەن 70 مىليون يىللار ئىلگىرى ياشىغان.

مامونت پىلىنىڭ چىشى ئەگرى بولۇپ، بۇنىڭدىن تەخمىنەن 10 مىڭ يىللار ئىلگىرىكى مۇز دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە نەسلى قۇرۇپ كەتكەن.

بۇ ئاللىبۇرۇن نەسلى قۇرۇپ كەتكەن كەسلەنچۈك پۇتلۇق دىنوزاۋر--كامارازاۋر. كامارازاۋر بۇنىڭدىن تەخمىنەن 100 مىليون يىللار ئىلگىرى ھازىرقى سەھرايى كەبىر قۇملۇقى رايونلىرىدا ياشىغان.

1121551877_15038535201181.jpg