ئىسسىقتا ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە...
0
2017-07-16 15:27:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

ھاۋا كۈندىن كۈنگە ئىسسىپ كېتىۋاتىدۇ، ئۆتكەن ھەپتە شەھىرىمىزنىڭ ئەڭ يۇقىرى تېمپىراتۇرىسى 39.2 سېلسىيە گىرادۇسقا، تۇرپان قاتارلىق جايلاردىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك يوللارنىڭ يۈز تېمپىراتۇرىسى 60 سېلسىيە گىرادۇسقا چىقتى؛ بۇنداق ئىسسىقتا ئاپتوموبىل ھەيدەش ئادەمنى بىئارام قىلىدۇ، شۇڭا بىز يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قاتناش ساقچىلىرى يەكۈنلىگەن دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلارنى بايان قىلىمىز.

ئىسسىقتا ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئۇزاق ئېچىش، بەك سوغۇق ئىچىملىك ئىچىش خەتەرلىك: ئىسسىقتا بەك سوغۇق ئىچىملىك ئىچسە، شوپۇرنىڭ ئۆتكۈر ئاشقازان ياكى ئۈچەي ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى كۈچىيىدۇ؛ ئاپتوموبىلنىڭ ھاۋا تەڭشىگۈچى ئۇزاق ئېچىلسا، ئاپتوموبىل ئىچىدىكى ئوكسىگىن ئازىيىپ، شوپۇرنى ئۇيقۇ باسىدۇ ياكى ماغدۇرسىزلاندۇرىدۇ.

ئىسسىقتا كەيپىيات بۇزۇلىدۇ: ئىسسىقتا ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە شوپۇر ئاسان تېرىكىدۇ، بۇنداق چاغدا باشقىلارنىڭ يول بەرمەسلىكى، قىستىشى، ياندىشى سەۋەپلىك جېدەل پەيدا بولىدۇ، شۇڭا شوپۇرلار ئىسسىقتا ئىلمىي ئوزۇقلىنىش بىلەن بىللە، كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇرۇشى، قاتناش قائىدىسىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىشى كېرەك.

ئاپتوموبىلغا ئاسان ئوت ئالىدىغان بۇيۇملارنى قويمىغان ياخشى: قاتناش ساقچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇلتۇر تۇرپان ھەق ئېلىش پونكىتىدا بىر ئاپتوموبىلغا توساتتىن ئوت كەتكەن، بۇنىڭغا ئاپتوموبىلدا تۇرغىنىغا ئۇزاق بولغان چاقماقنىڭ پارتلىغانلىقى سەۋەب بولغان؛ شۇڭا يازدا ئاپتوموبىلغا چاچ يېلىمى، چاقماق، ئەتىر، باتارىيە ۋە يۇقىرى بېسىملىق ئوت ئۆچۈرگۈچلەرنى قويمىغان ياخشى. ئۇنىڭدىن باشقا، شوپۇرلار ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە بەك قېنىق كۆز ئەينەك تاقىسا، كۆرۈش سەزگۈسىگە تەسىرى يېتىپ ئارىلىقنى مۆلچەرلىشى توسالغۇغا ئۇچرايدۇ.

1121551877_15038535201181.jpg