دۇنيادىكى ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان 10 چوڭ سىرلىق تۇرالغۇ (2)
0
2017-07-31 14:11:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

6. جۇڭگودىكى بىر سودا ساراينىڭ ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ھەشەمەتلىك داچا.

بۇ نەپس، ھەشەمەتلىك داچا جۇڭگودىكى بىر سودا ساراينىڭ ئەڭ ئۈستىگە جايلاشقان.

بۇ ئۆيلەرنىڭ ئۆگزىسى كۆك، تاملىرى سېرىق رەڭدە بولۇپ، ئەتراپىغا چۆرۈلدۈرۈپ بالكون ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ئاچقۇچى شىركەتنىڭ سودا سارايلارنىڭ ئۈستىگە تۇرالغۇ ئۆي سېلىش سالاھىيىتى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئۆي سېتىلىشقىمۇ، چېقىۋېتىلىشكىمۇ رۇخسەت قىلىنمىغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ تاشلاندۇق داچا سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەرنىڭ تۇرالغۇسى بولۇپ قالغان.

7. قۇرۇلۇشچى رېمونت قىلىش جەريانىدا بايقالغان ئۆي ئىچىدىكى ئۆي.

مىسسىسىپى دەرياسى بۇلاق ئەگىمىگە جايلاشقان ۋىكتورىيە دەۋرىدىكى بىر كونا ئۆينى رېمونت قىلىش جەريانىدا قۇرۇلۇشچىلار قىزىقارلىق ئىشتىن بىرنى بايقىغان. شۇ ۋاقىتتا ئۇلار رېمونت قىلىۋاتقان تۇرالغۇنىڭ ئىچىدە يەنە بىر تۇرالغۇ بار ئىدى.

بۇ تۇرالغۇنى سېتىۋالغان كەرېن تەكشۈرگەندىن كېيىن ئۇنىڭ 1850-يىللاردا سېلىنغانلىقى، تېمىنىڭ بىر قىسىمىنىڭ ئاق تاختا بىلەن توسۇۋېتىلگەنلىكىنى بايقىغان. ئۇ: «بۇنداق كىچىك تاختىلار ئادەتتە چېگرا رايونلاردىكى كىچىك ئۆيلەرگە ئىشلىتىلەتتى. ئۇلار كىپارس دەرىخىدىن ياسالغان بولۇپ، پاكىز كۆرۈنىدىغان قىلىش ئۈچۈن ئاقارتىۋېتىلگەنىكەن» دېگەن. بۇ ئۆي ئىلگىرى شەھەر باشلىقى فېرىدېرىكنىڭ ئۆيى ئىدى. ئۇ 1899-يىلىدىن 1910-يىلىغىچە ۋەزىپە ئۆتىگەن. كېيىن بۇ تۇرالغۇ دۆلەتلىك قەدىمىي يادىكارلىقلار قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.

8. مانخاتتوندىكى بىر بىنانىڭ ئۈستىگە جايلاشقان كىچىك ئۆي.

بۇ ئادەتتىكىچە كىچىك ئۆي مانخاتتون غەربىي كەنتىدە تۇرىدىغان داۋېي بىلەن ئېيلىڭنىڭ. كوچىدىن قارىغاندا بۇ ئۆي بەكلا ئادەتتىكىچە كۆرۈنىدۇ. بىراق، تىك ئۇچار بىلەن چۈشۈپ قارىغاندا ئۇنىڭ بىر مۇكەممەل ئايۋان ئىكەنلىكى، بىر ئۈستەل قويۇلۇپ، چىرايلىق كىچىك ھويلا ھاسىل قىلىنغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ھازىر بۇ جايدا تۇرىدىغان ئەر-ئايال ئىشىك يېپىلغاندا چىقىدىغان كۈچلۈك ئاۋازلاردىن بىزار بولۇپ يۈرمەيدۇ، ناھايىتى خاتىرجەم ياشايدۇ.

9. ئەنگىلىيەنىڭ تىپتىنچ كوچىسىدىكى ئانچە كۆزگە چېلىقمايدىغان بىر ئىشىك ئارقىلىق كىرگىلى بولىدىغان كەڭتاشا بوشلۇق.

كوچىدىغان قارىغاندا بۇ جاي خۇددى كىچىك ئىشخانىدەك كۆرۈنىدۇ. بىراق، بۇ ئىشىكنىڭ ئارقىدا ناھايىتى چوڭ يەر ئاستى تۇرالغۇ بار.

چەۋەندازلار كۆۋرۈكىگە جايلاشقان بۇ «مەخپىي تۇرالغۇ»نىڭ كۆلىمى 195 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان بولۇپ، 3 ياتاق ئۆيى بار. بۇ تۇرالغۇنى LTS ئارخىتېكتورلىرى لاھىيەلىگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن يولدىن ئۆتكەنلەر بۇ تۇرالغۇنىڭ ھەيران قالارلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى بايقىيالمايدۇ. بۇ سىرلىق ۋە ھەيران قالارلىق تۇرالغۇ 16 ئايدا پۈتتۈرۈلگەن بولۇپ، بىر مىليون 900 مىڭ فوندستېرلىڭ چىقىم كەتكەن.

10. يۇتا ئىشتاتىدىكى قىيا تاش ئارىلىقىغا جايلاشقان مەخپىي تۇرالغۇ.

بۇ تۇرالغۇ يۇتا ئىشتاتى مونتازارې رايونىغا قاراشلىق جىلغا ئىچىگە جايلاشقان. بۇ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە مەخپىي تۇرالغۇ ئۆزىنى ئۆزى تەمىنلىيەلەيدىغان بولۇپ، قۇياش ئېنىرگىيەسى قوبۇللايدىغان تاختاي بار؛ سىغىمى 12 مىڭ گاللون بولغان تاتلىق سۇ ساقلاش سىستېمىسى بار؛ يەنە تېخى 6 مو كېلىدىغان كۆكتاتلىقى، مېۋىلىك بېغى بار. بۇ باغلاردىن پەسىللىك كۆكتات ۋە مېۋە-چىۋىلەر چىقىپ تۇرىدۇ، يەنە تېخى ئۈزۈملەردىن ھاراق ئېچىتىلىدۇ.

بۇ تۇرالغۇ 2017-يىلى 2-ئايدىكى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش يىغىنىدا سېتىۋېتىلدى.

1121551877_15038535201181.jpg