نەۋرە سىڭلىسى بىلەن توي قىلغان دارۋىننىڭ 10 پەرزەنتىنىڭ تەقدىرى قانداق بولدى؟
0
2017-07-31 14:34:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

داۋىن كەنتى لوندونغا 23 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا بولۇپ، كەنتتىن 500 مېتىر يېراقلىقتىكى يولنىڭ بويىدا بىر 3 قەۋەتلىك تۇرالغۇ بار، بۇ دەل داڭلىق دارۋىن تۇرالغۇسى ــ داۋىندىكى كونا قورو. 1842-يىلى دارۋىن بۇ تۇرالغۇنى سېتىۋالغاندىن كېيىن، 1882-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەنگە قەدەر ئىزچىل مۇشۇ يەردە تۇرغان. 1996-يىلى ئەنگلىيە مەدەنىي مىراسلار كومىتېتى بۇ تۇرالغۇنى سېتىۋېلىپ، رېمونت قىلغاندىن كېيىن مۇزىي سۈپىتىدە سىرتقا ئېچىۋەتكەن.

بىز داۋىن كەنتىنى زىيارەت قىلغان ۋاقىت بىر يازنىڭ چۈشتىن كېيىنى ئىدى. كەنت ناھايىتى جىمجىت ۋە پاكىزە بولۇپ، دارۋىن تۇرالغۇسىنىڭ ئەتراپىدىكى گۈللەر ھۈپپىدە ئېچىلىپ كەتكەن، تومۇز ياز كۈنلىرى بولسىمۇ، ھاۋا ئانچە ئىسسىق ئەمەس ئىدى. دارۋىننىڭ ئۆيى تىپىك ئېنگلاند سەھرا ئۇسلۇبىدا سېلىنغان بولۇپ، ياخشى ئاسرالغاچقا خېلىلا يېڭى كۆرۈنەتتى.

دارۋىننىڭ 10 بالىسىنىڭ ئىچىدە سەككىزى مۇشۇ يەردە تۇغۇلغانىدى. ئۇ «تۈرلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى»، «ئىنسانىيەتنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە جىنىس تاللىنىشى»، «ئىنسانلار ۋە ھايۋانلار ھېسسىياتىنىڭ ئىپادىلىنىشى» قاتارلىق دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن داڭلىق ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسىنى مۇشۇ يەردە تاماملىغان ئىدى. بۇ كونا قورودا دارۋىننىڭ كىتابخانىسى، تەجرىبىخانىسى ۋە ياتاق ئۆيى، بالىلارنىڭ پائالىيەت ئۆيى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئەينى ھالىتى بويىچە مۇكەممەل ساقلانغانىدى. ئۈستەل ۋە ئىشكاپلارنىڭ ئىچىدە بەزى ھايۋانلارنىڭ ئەۋرىشكىلىرىمۇ بار ئىدى.

دارۋىن 1846-يىلىدىن باشلاپ ئۆينىڭ ئەتراپىدىكى يەرلەرنى زور كۆلەمدە ئىجارىگە ئېلىش ۋە سېتىۋېلىشقا باشلىغان بولۇپ، بۇ چوڭ ئائىلىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن داۋىندىكى قورونى سېلىپلا قالماستىن، ئۆزىنىڭ پارنىكىنى قۇرۇپ ئۆسۈملۈك تېرىغان ۋە ئۇلاش تەجرىبىسى ئېلىپ بارغانىدى. ئۇ ھويلىغا يەنە ئامېرىكا قىتئەسى ۋە جەنۇبىي تىنچ ئوكيان رايونىدىن ئېلىپ كەلگەن دەرەخ، گۈل-گىياھ قاتارلىقلارنى تىكىپ، نۇرغۇن قۇشلار ۋە باشقا جانلىقلارنى باققانىدى. ھەر كۈنى ئۇلارنى كۆزىتەتتى، تەتقىق قىلاتتى.

دارۋىن ھاياتىنىڭ ئاخىرقى 21 يىلىدا كېسەلنىڭ ئىبلىس قولىدا يەتكۈچە ئازاب تارتقان بولسىمۇ، بىراق تەتقىقات ۋە يېزىقچىلىقنى تاشلىمىدى. ئۇ نۇرغۇن چاغلاردا ھۇجرىسىدىكى تەجرىبە ئەسلىھەلىرىگە تولۇپ كەتكەن كارىۋىتىدا يېتىپ، ئوغلى ۋە ياردەمچىسىنىڭ ياردىمىدە كۆزىتەتتى ۋە ھەر خىل تەتقىقاتلارنى ئېلىپ باراتتى، ئەسىرىنى ئاغزاكى بايان قىلىپ ئۇلارغا يازغۇزاتتى.

1882-يىلى دارۋىن يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۆيىدە ۋاپات بولدى. ئۇ ھاياتىدىكى ئەڭ ئاخىرقى سۆزىنى خانىمى ئېمماغا ئېيتقان ئىدى: مەن ھازىر ئۆلۈمدىن ئازراقمۇ قورقمايمەن. ئېسىڭىزدە بولسۇن، سىز ماڭا نىسبەتەن ناھايىتى ياخشى بىر ئايال ھېسابلىنىسىز. بالىلارغا ئېيتىپ قويۇڭ، ئۇلار مەڭگۈ مېنىڭ يۈرەك پارەم.

دارۋىن تۇغقانلىرى ۋە دوستلىرى ئارىسىدا بالىلارنى ياخشى كۆرۈشتە داڭق چىقارغانىدى. ئايالى ئېمما ئۇنىڭ يېقىن تۇغقىنى بولۇپ، ئېممانىڭ دادىسى ئۇنىڭ تاغىسى بولاتتى. دارۋىننىڭ دادىسى ۋە ئانىسىمۇ نەۋرە قېرىنداشلار بولۇپ، 3-ئەۋلاد تۇغقان ئىدى. دارۋىن تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيەسىنىڭ ئاتىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇنداق يېقىن تۇغقانلار ئۆزئارا تويلىشىشنىڭ بالىلارغا ئېرسىي كېسەللىك ئېلىپ كېلىشىدىن ناھايىتى قورقاتتى. شۇڭلاشقا كىملا ئاغرىپ قالسا ناھايىتى جىددىيلىشەتتى.

دارۋىننىڭ 6 قېرىندىشى بولۇپ، ھەممىسى ساغلام چوڭ بولدى ۋە توي قىلىپ بالىلىق بولدى. ئۆمرى ئەڭ قىسقا بولغىنىمۇ 50 ياشقا كىرگەنىدى. بىراق دارۋىننىڭ ئائىلىسىنىڭ تەقدىرى ئۇنداق كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى. ئۇنىڭ 2 پەرزەنتى بوۋاق ۋاقتىدىلا ئۆلۈپ كەتتى، بىرسى 10 ياشقىچە ياشىدى، بويىغا يەتمەيلا ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى %30غا يەتتى. باشقا 7 پەرزەنتى ئىچىدە بىر قىزى ئۆمۈر بويى ياتلىق بولمىدى، قالغان ئۈچى توي قىلغان بولسىمۇ پەرزەنتلىك بولالمىدى، يەنىلا %30 بولدى.

يېقىن تۇغقانلار توي قىلىش ئىنتايىن ئومۇملاشقان، بوۋاقلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى بولغان ئۇ يىللاردا، دارۋىن ئائىلىسى ئىزچىل ئېرسىيەتشۇناسلارنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتى بولۇپ كەلدى. دارۋىن ئۆلۈپ كېتىپ نۇرغۇن يىللاردىن كېيىنمۇ شۇنداق بولدى. چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتى ئېرسىيەت ئىلمى تەتقىقات مەركىزىنىڭ قارىشىچە، دارۋىن ئائىلىسىدىكى بالىلارنىڭ %30لىك ئۆلۈپ كېتىش نسبىتى ۋە %30لىك پەرزەنتلىك بولالماسلىق نىسبىتى دەل يېقىن تۇغقانلار توي قىلغانلىقنىڭ نەتىجىسى ئىدى.

بىراق دارۋىن ئائىلىسىنى 6 ئەۋلاد ئىز قوغلاپ تەتقىق قىلىشنىڭ نەتىجىسىدىن ئايان بولدىكى، ئەھۋال كىشىلەر ئويلىغاندەك ئۇنداق ئېغىر بولمىدى. بۇ 6 ئەۋلاد ئائىلە ئەزالىرى ئىچىدە يېقىن تۇغقىنى بىلەن توي قىلغانلار خېلى كۆپ بولۇپ، ئېرسىيەت خاراكتېرلىك كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئانچە يۇقىرى بولمىدى. دارۋىننىڭ ئۆزى ۋە بالىلىرىنىڭ %70نىڭ قۇرامىغا يېتىشى ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشى ئەينى ۋاقىتقا نىسبەتەن ئېيتقاندا خېلى يۇقىرى سان ھېسابلىناتتى.

دارۋىن 70 ياشقىچە ياشىدى، بالىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى 70 ياش، 80 ياشلارغىچە ياشىدى. 5 ئوغلىنىڭ ھەممىسى كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈردى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۈچى ئاسترونوم، بوتانىك ۋە ئىنژېنېر بولۇپ، ئەنگلىيە خان جەمەتى ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەزاسى بولدى ۋە كېنەز دېگەن نامغا ئېرىشتى. بىر ئوغلى ئىقتىسادشۇناس ۋە سىياسىيون، يەنە بىر ئوغلى بانكىر بولدى. نەۋرىلىرىنىڭ ئىچىدە كۆپىنچىسى ئىلىم-پەن ساھەسى ۋە سەنئەت ساھەسىدىكى داڭلىق كىشىلەرگە ئايلاندى.

ھاياتلىقنىڭ داۋاملىشىشى ۋە ئۆزگىرىشى، گېننىڭ ئېڭى ۋە خاتىرىسى، بەلكىم يەنە بىز بىلمەيدىغان نۇرغۇن سىرلار، دارۋىن جەمەتىنىڭ ھېكايىلىرى بەلكىم بىر ياخشى مىسالدۇر. بىز دارۋىننىڭ ئۆيىدىن چىقىپ، دارۋىننىڭ «شېغىللىق يولدىكى شادلىق» دېگەن چىغىر يولىغا چىقتۇق. بۇ دارۋىن داۋىن كونا قورۇسىغا كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، ئۆزى ئورمانلىقتا ھاسىل قىلغان بىر كىچىك چىغىر يول ئىدى. ئۇ دوستىغا يازغان خېتىدە بۇ يولنى «شېغىللىق يولدىكى شادلىق» دەپ ئاتىغانىدى.

دارۋىن ۋەسىيەت قالدۇرۇپ داۋىن كەنتىدىكى بۈۋى مەريەم چېركاۋىغا دەپنە قىلىشنى ئېيتقان ئىدى. بىراق دوستلىرىنىڭ تەلىپى بىلەن، ئامما ۋە پارلامېنت بىردەك ئۇنى ۋېستمىنىستېر چېركاۋىغا دەپنە قىلىش كېرەك دەپ قارىدى. ئاخىرىدا، ئەنگلىيە خان جەمەتى ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ۋىليام دارۋىننىڭ دەپنە مۇراسىمىنى ئورۇنلاشتۇردى. نەچچە مىڭلىغان كىشىلەر قاتناشقان دەپنە مۇراسىمىدىن كېيىن، دارۋىن نيۇتون، ھېرشېل قاتارلىقلار بىلەن مەڭگۈلۈك قوشنا بولدى.