ئاجايىب كەشپىياتلىرى بىلەن تۇرمۇشىمىزنى ئۆزگەرتكەن ئۇلۇغ ئالىملار
0
2017-08-01 14:52:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

 سىز بۇ كىشىلەرنى ئاڭلاپ باققان بولۇشىڭىز مۇمكىن، ئەمما سىز ئۇلارنىڭ ئىنسانىيەتكە قوشقان زور تۆھپىلىرىنىنىڭ ھەممىسىنى تولۇق بىلىشىڭىز ناتايىن. بۇ ئۇلۇغ كەشپىياتچىلارنىڭ غەلىتە يېرى شۇكى، ئۇلار باشقىلار ئويلاپ باقمىغاننى ئويلاپ يېتەلەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ھەيران بولۇش بىلەن بىرگە، ئۇلار بىزگە بەرگەن مۇنداق بىر ھېكمەتنى ئېسىمىزدە تۇتۇشىمىز كېرەك: «خام خىيال قىلىشتىن ھەرگىز قورقماسلىق كېرەك !»

 لىئوناردو داۋىنچى

ئەڭ مەشھۇر كەشپىياتى: ھېسابلىغۇچ

داۋىنچى ۋە ئۇنىڭ كەشپىياتلىرىنى تىلغا ئالغاندا، ئەڭ ياخشىسى «ئۇ قانداق نەرسىنى كەشىپ قىلمىغان؟» دەپ سورىغان تۈزۈك، چۈنكى ئۇ كەشىپ قىلغان نەرسە بەكلا كۆپ. داۋىنچىنىڭ خىزمەت خاتىرىسىگە نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ لايىھە رەسىمى سىزىلغان، لېكىن بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى يەنىلا ھېسابلىغۇچنىڭ لايىھەسى.

داۋىنچىنى ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشىنىڭ باشلامچىسى دېيىشكە بولىدۇ، ئۇ رەسسام (ۋەكىللىك ئەسىرى: مونالىزا)، ھەيكەلتىراش، يەنە كەشپىياتچى. ئۇنىڭ ھازىرغىچە پۈتۈن دۇنيانى مەپتۇن قىلغان خاتىرىسىدە ئادەم بەدىنىدىن تارتىپ تىك ئۇچار ئايروپىلان ۋە تانكىغىچە نۇرغۇن شەيئىلەر ئىخچام تەسۋىرلەنگەن.

داۋىنچىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى 13 مىڭ بەتتىن ئاشىدۇ، ھازىرغا قەدەر پەن تېخنىكا تەتقىقاتىغا تەسىر كۆرسەتمەكتە. 2005-يىلى ئەنگلىيەلىك بىر تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى داۋىنچىنىڭ لايىھەسىدىن پايدىلىنىپ يۈرەكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلغان، ئەينى ۋاقىتتا داۋىنچىنىڭ كاللىسىدا ئادەم بەدىنىدىكى ئايلىنىش سىستېمىسىنىڭ خىزمەت مېخانىزمىغا قارىتا ئازراقمۇ ئۇقۇم يوق ئىدى، ئۇ ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ.

 نىكولا تېسلا

ئەڭ مەشھۇر كەشپىياتى: رادىيو

نىكولا تېسلا ھايات ۋاقتىدا ئېتىراپ قىلىنمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئالىي سوت مەھكىمىسى ئاخىرى ئۇنىڭ پاتېنت ئىلتىماسىنى تەستىقلاپ، رادىيونى ماركونى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ كەشىپ قىلغانلىقىنى دەلىللىدى.

تېسلا بەلكىم باشقىچە يول تۇتۇش ئۈچۈنلا تۇغۇلغان بولۇشى مۇمكىن. گەرچە ئۇ كەشىپ قىلغان بىر خىل «ئۆزگىرىشچان توك» دەپ ئاتىلىدىغان توك يەتكۈزۈش ئۇسۇلى ھازىرغىچە قوللىنىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ تەتقىقاتى توكنىڭ نەزەرىيەدىكى قوللىنىشىغا مەركەزلەشكەن. ھەمىشە ئۆزى تەجرىبە ئۈسكۈنىلىرىنى ياسايدىغان تېسلا X نۇرىدىن تارتىپ يەر تەۋرەشنى ئالدىن بايقاش ئۈسكۈنىسىگىچە بىر قاتار نەزەرىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئەڭ قالتىس ھەقىقەت: تېسلا بىر پۇتى گۆرگە ساڭگىلىغاندىمۇ يەنە بىر خىل جانغا زامىن بولىدىغان نۇرنى تەتقىق قىلغان. ئۇنىڭ ئىلمىي قاراشلىرى ئاڭلىماققا فانتازىيەلىك ھېكايىگە ئوخشاپ قالىدۇ، ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىمۇ بۇنىڭدىن ھېچقانداق قىزىقارلىق نەرسىنى بايقىيالمىغان، نەتىجىدە زۇڭتۇڭ خوۋېر ئىلاجسىز بۇيرۇق چۈشۈرۈپ تېسلانىڭ تەتقىقات ماتېرىياللىرىنى يىغىۋالغان ۋە «مۇتلەق مەخپىي» دەپ ئېلان قىلغان.

 ئالېساندرو ۋولت

ئەڭ مەشھۇر كەشپىياتى: باتارېيە

ۋولت گەرچە توكنى بايقىمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ توكنى ياندا ئېلىپ يۈرىدىغان ياخشى ئامالنى ئويلاپ چىققان. بىلىشىمىز كېرەككى، «ۋولت باتارېيەسى» ھازىرقى باتارېيەنىڭ ئەجدادى ھېسابلىنىدۇ .

ۋولت ئۆمۈر بويى توكقا ئالاقىدە نەرسە بىلەن ھەپىلەشكەن. دەسلەپتە ئۇ ئېلېكتروفورنى كەشىپ قىلغان، بىر يىلدىن كېيىن پۈتۈن زېھنى بىلەن يېپىق يېقىلغۇ گازنى ئوت ئالدۇرۇش ئارقىلىق توك ھاسىل قىلىش تەجرىبىسىنى ئىشلىگەن، بۇ جەرياندا ئۇ پاتقاق گازىنى (مېتان) بايقىغان. ۋەھالەنكى، ئۇنىڭ نامىنى ھەقىقىي چىقارغىنى يەنىلا «ۋولت باتارېيەسى»، ئەمەلىيەتتە بۇ بىر دۆۋە سىنك پارچىسى بىلەن مىس پارچىسىنى تىزىپ، ئاندىن ئىككى خىل مېتال پارچىسى ئارىسىغا توك ئۆتكۈزۈشچان ھەم تۇزغا چىلانغان رەختنى قوشۇشتىنلا ئىبارەت. لېكىن بۇ خىل ئاددىي باتارېيە دۇنياغا مېتال ۋە خىمىيەلىك بىرىكمىدىن قانداق پايدىلىنىپ توك ھاسىل قىلىشنىڭ سىرىنى نامايان قىلغان.

ئەڭ قالتىس ھەقىقەت: 1810-يىلى ناپولېئون ۋولتقا گرافلىق مەرتىۋىسى بېرىش ئارقىلىق بۇ ئىتالىيەلىك ئۇلۇغ كەشپىياتچىنى مۇكاپاتلىغان. لېكىن شان-شەرەپ بۇنىڭلىق بىلەن تۈگەپ قالغىنى يوق، 1881-يىلى، ئېلېكتىر بېسىمىنىڭ بىرلىكى ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن «ۋولت» دەپ ئاتالغان.

ئالېكساندر بېل

ئەڭ مەشھۇر كەشپىياتى: تېلېفون

ئالېكساندر بېلنىڭ تۆھپىسى دۇنيادىكى تۇنجى تېلېفون شىركىتى : بېل تېلېفون شىركىتىنى قۇرغانلىقىدۇر. بېل بىر تەرەپلىمە تالانت ئىگىسى ئەمەس، ئۇنىڭ تەتقىقاتى ھاۋا تەڭشىگۈچ، ھىدروپلان ۋە ئۇچۇر ماگنىتلىق ساقلاش ئۇقۇمى (بۇ ئۇقۇم ئۇ ھايات ۋاقتىدا كۆرۈپ باقمىغان كومپيۇتېر كەشىپ قىلىنىشىغا سەۋەب بولغان) قاتارلىقلارغا چېتىلىدۇ.

ئەڭ قالتىس ھەقىقەت : ئالېكساندر بېل دۇنيادىكى تۇنجى مېتال تەكشۈرۈش ئەسۋابىنى كەشىپ قىلغان، ئۇنىڭ بۇ قۇرۇلمىنى قۇراشتۇرۇشى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى جامېس گارفيېلدنىڭ بەدىنىدىكى ئوقنى بايقاش ئۈچۈن ئىدى. نەتىجىدە تەكشۈرۈش ئەسۋابى خىزمەت قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئوقنىڭ ئورنىنى تاپالمىغان، چۈنكى زۇڭتۇڭ گارفيېلد تەكشۈرۈش جەريانىدا بىر مېتال كارىۋاتتا ياتقان ئىكەن.

ئىساك نىيۇتون

ئەڭ مەشھۇر كەشپىياتى: ئىنتېگرال

ئەگەر سىز ھازىر فىزىكا ئۆگىنىۋاتقان بولسىڭىز، مەيلى ئېغىرلىق كۈچى مەسىلىسى، ياكى نۇر ۋە ئوپتىكىلىق پىرىنسىپ ئۈستىدە توختۇلۇڭ، ھەممىنى ئىساك نىيۇتوننىڭ تەتقىقات نەتىجىسىدىن باشلايسىز. نىيۇتون «نۇرنىڭ زەررىچىدىن تەركىب تاپقانلىقىنى» بىرىنچى بولۇپ ئوتتۇرىغا قويغان، بۇ پىرىنسىقا ئاساسەن ئۇ نۇر قايتۇرۇشچان تېلېسكوپنى تەتقىق قىلىپ چىققان. بۇندىن باشقا، نىيۇتون يەنە ئاۋاز، ئىسسىقلىق پىرىنسىپى تەتقىقاتىغا تۆھپە قوشقان. لېكىن ئۇنىڭ ئەڭ مەشھۇر كەشپىياتى يەنىلا ئىنتېگرال.
ئەڭ قالتىس ھەقىقەت: كىشىلەر ئالىملار بىر توپ تەركىدۇنيا تەجرىبە «چاشقىنى» دەپ قارايدۇ، لېكىن نىيۇتون بۇنىڭ سىرتىدا، ئۇ ئىلگىرى سودىيە بولۇپ، ساختا پۇل سودىسىنى بىر تەرەپ قىلغان.

 جامېس ۋات

ئەڭ مەشھۇر كەشپىياتى: ئەلالاشتۇرۇلغان پار ماشىنىسى

بۈگۈن بىز ھەرگىزمۇ پارنى ئاساسلىق ئېنېرگىيە قىلمايمىز، بىراق سانائەت ئىنقىلابىنىڭ دەسلىپىدە پار كەڭ ئومۇملاشقان ئىدى. جامېس ۋات نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلىپ پار ماشىنىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، دۇنيانىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولغان. ۋات پار ماشىنىسىنى كەشىپ قىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن پار ماشىنىسىنى ئىنسانلار ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرغان. ئەمەلىيەتتە، دەل ۋاتنىڭ يېڭىلىقى سەۋەبلىك، دۇنيا يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىشتىن سانائەتنى ئاساس قىلىشقا قاراپ يۈزلەنگەن. ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ۋە ماشىنىلاردىن سىرت، ۋات يەنە پىرقىرىتىش ماشىنىسى ۋە «ئۇچقۇر توپ» دەپ ئاتىلىدىغان، ئايلىنىش تېزلىكىنى ئاپتوماتىك تەڭشەيدىغان بىر خىل قۇرۇلمىنى كەشىپ قىلغان.

ئەڭ قالتىس ھەقىقەت: قۇۋۋەت بىرلىكى ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن «ۋات» دەپ ئاتالغان، ئۇ ئىزچىل «دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئېنژىنېر» دەپ قارالماقتا.

 جوھاننېس گۇتېنبېرگ

ئەڭ مەشھۇر كەشپىياتى: زامانىۋى مەتبەئە تېخنىكىسى

جوھاننېس گۇتېنبېرگ بارلىق كىچىك نەرسىلەرنى قۇراشتۇرۇپ، بىر دانە مىخ مەتبەئە ماشىنىسى ياسىغان. سىز ئۇنىڭ مەتبەئە تېخنىكىسى ئۇچۇر ئىنقىلابى قوزغايدۇ دەپ ئويلاشتىن بۇرۇن، ئۇنىڭ تەپەككۇرىنى ئۇنچە ئۇلۇغ ئەمەستەك ھېس قىلىشىڭىز مۇمكىن.

جۇڭگولۇقلار مىخ مەتبەئەنى نەچچە يۈز يىل ئىشلەتكەن بولسىمۇ، لېكىن گۇتېنبېرگ تۇنجى بولۇپ خەت بېسىپ كىتاب نەشر قىلغان. بۇ يېڭىلىق كىشىلەرنىڭ بىلىم بىلەن ئۇچرىشىش دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ، «ئاقارتىش دەۋرى»نى شەكىللەندۈرگەن.

ئەڭ قالتىس ھەقىقەت: ئۇ قەرزگە بوغۇلۇپ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىپ، مېينىز باش ئېپىسكوپقا ئىشلەپ بېرىپ ئاخىرقى ئۆمرىنى ئۆتكۈزگەندە، باش ئېپىسكوپ ئۇنى يېمەكلىك ۋە تۇرالغۇ بىلەن تەمىنلەپ، ئۇنىڭ يامان ئادەتلىرىنى تاشلىشىغا ياردەم قىلغان.

 توماس ئېدىسون

ئەڭ مەشھۇر كەشپىياتى: لامپۇچكا

لامپۇچكىدىن باشقا يېڭىلىق يارىتىشقا ۋەكىللىك قىلالايدىغان كەشپىيات بولمىسا كېرەك. ئەمەلىيەتتە ئېدىسوننىڭ كەشپىياتىنىڭ دۇنياغا كۆرسەتكەن چوڭقۇر تەسىرى بارلىق ئۇلۇغ ئىدىيەلەرنىڭ سىمۋولى دەپ ئاتالماقتا.

1882-يىلى، ئېدىسون دۇنيادىكى تۇنجى توك يەتكۈزۈش شىركىتىنى قۇرۇپ، توكنى نيۇيوركنىڭ مانخاتتون رايونىدىكى 59 ئىستىمالچىغا يەتكۈزۈپ بەرگەن. مورگان ۋە ۋەندېلبىلت جەمەتى مالىيە گۇرۇھىنىڭ قوللىشى ئاستىدا، ئېدىسون ئۆزىنىڭ بىلىمىدىن پايدىلىنىپ دەسلەپكى نۇسخىدىكى پاي چېكى ماشىنىسى ياساپ چىققان.

ئەڭ قالتىس ھەقىقەت: ئېدىسون ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا بىر خىل مودا بولغان ئاشلىق تېجەش ئۇسۇلىغا مەپتۇن بولۇپ قالغان، يەنى ھەر ئۈچ سائەتتە بىر پىنت سۈت ئىچىش. ھېلىمۇ ئېدىسون ئۆزىنىڭ بىلىمىنى ئادەم بەدىنى ھاياتلىق ئىلىمى ساھەسىگە ئىشلەتمەپتىكەن.

a02.jpg