تاكسىنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە تەرەققىيات تارىخى
0
2017-08-02 15:27:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

تاكسى: (ئىنگلىزچە نامى ۋە كۆپ قىسىم غەربىي ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى يېزىلىشى: Taxi، جۇڭگونىڭ كۆپ قىسىم شەھەرلىرىدە كىرا ئاپتوموبىلى «出租车» دەپ ئاتايدۇ، تەيۋەندە «计程车»، گۇاڭدۇڭ، شىياڭگاڭ ۋە ئاۋمېندا «的士»، سىنگاپور، مالايسىيادا «德士» دەپ ئاتايدۇ) ھەق ھېسابلىغۇچقا ئاساسەن ھەق ئالىدىغان قاتناش قورالى، ھەق ئېلىش ئۆلچىمى ئادەتتە باشقا قاتناش قورالىدىن يۇقىرى بولىدۇ. تاكسىنىڭ يولۇچى مىقدارى كۆپ ئەمەس، ئادەتتە 4-5 كىشىلىك بولىدۇ. تاكسىنى كوچىدا تۇرۇپ قول پۇلاڭلىتىپ چاقىرغاندىن باشقا، تېلېفون ۋە توردا چاقىرىشقىمۇ بولىدۇ. 2013-يىلى 5-ئايدا بېيجىڭدا تاكسى ھەققىنى ئۆستۈرۈشنى گۇۋاھلىقتىن ئۆتكۈزۈش يىغىنى ئېچىلغان بولۇپ، باشلىنىش باھاسى 13 يۈەنگە تەڭشەلگەن.

كىرا ئاپتوموبىلى، يەنى تاكسى:

1907-يىلى باش باھارنىڭ بىر ئاخشىمى باي ئائىلىسىنىڭ پەرزەنتى ئارون قىز دوستى بىلەن بىرگە نيۇيوركتىكى برودۋېيغا ئوپېرا كۆرگىلى بارىدۇ. قايتىدىغان ۋاقىتتا مەپە چاقىرىدۇ كىرا ھەققىنى سورايدۇ، گەرچە تىياتىرخانىغا ئاران يېرىم چاقىرىملا يول بولسىمۇ، ئەمما مەپىكەش ئادەتتىكى ۋاقىتتىكىنىڭ 10 ھەسسىسىچىلىك باھا ئېيتىدۇ. ئارون بۇنى ئەقلىگە سىغدۇرالماي، مەپىكەش بىلەن سوقۇشۇپ كېتىدۇ، نەتىجىدە مەپىكەشتىن تاياق يەيدۇ. ئارون يارىسى ساقايغاندىن كېيىن مەپىكەشتىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ماشىنا بىلەن مەپىسىنى سوقۇشنى پىلانلايدۇ. كېيىن ئۇ سائەت رېمونت قىلىدىغان بىر دوستىنىغا بىر باھا ھېسابلىغۇچ ياساتقۇزىدۇ ھەمدە بۇ ماشىنىغا «Taxi-car» دەم ئىسىم قويىدۇ، مانا بۇ پۈتۈن دۇنيادا ئورتاق ئىشلىتىلىۋاتقان تاكسىنىڭ كېلىش تارىخى. 1907-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى «تاكسى» تۇنجى قېتىم نيۇيورك كوچىلىرىدا پەيدا بولغان. تورلاردا «Taxi» دېگەن سۆز يەنە «تولىمۇ ئەپسۇس» دېگەن مەنىنىمۇ بىلدۈرىدۇ.

تاكسىنىڭ يولۇچى مىقدارى كۆپ ئەمەس، ئادەتتە تۆت كىشىلىك بولىدۇ. ئۇنى كوچىلاردا قول پۇلاڭلىتىپ چاقىرغاندىن باشقا، يەنە تېلېفونلاردا چاقىرىشقىمۇ بولىدۇ.

ئىسمى: تاكسىنىڭ ئىنگلىزچە نامى «Taxi» بولۇپ، «taximeter» دېگەن سۆزنىڭ قىسقارتىلمىسى، يەنى «مۇساپە ھېسابلىغۇچ»، «ئارىلىق ئۆلچىگۈچ» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. ئەمەلىيەتتە «Taxi» دېگەن سۆزنىڭ تۆۋەندىكى توققۇز خىل تىلدىكى ئوقۇلۇشى ئوخشاش: ئىنگلىز تىلى، فىرانسۇز تىلى، گېرمان تىلى، شۋېد تىلى، دانىش تىلى، نورۋېگىيە تىلى، ئىسپان تىلى، گوللاندىيە تىلى، پورتۇگال تىلى.

2013-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى بېيجىڭ تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى ئېلان قىلغان كۈنتەرتىپكە ئاساسەن، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ تاكسى باھاسىنى تەڭشەشنى گۇۋاھلىقتىن ئۆتكۈزۈش يىغىنى چۈشتىن كېيىن سائەت 2:30دا ئېچىلدى، 10 نەپەر ئىستېمالچى يىغىنغا قاتناشتى.

5-ئاينىڭ 7-كۈنى بېيجىڭ شەھەرلىك تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى، بېيجىڭ شەھەرلىك قاتناش كومىتېتى تور بېكىتىدە بېيجىڭ شەھىرىنىڭ تاكسى باھاسىنى تەڭشەش ۋە يېقىلغۇ قوشۇمچە ھەققىنى جانلىق تەڭشەپ مۇكەممەللەشتۈرۈش مېخانىزمىنى گۇۋاھلىقتىن ئۆتكۈزۈش لايىھەسى ئېلان قىلىندى ھەمدە شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 2:30دا باھا تەڭشەشنى گۇۋاھلىقتىن ئۆتكۈزۈش يىغىنى ئېچىلىپ، جامائەتچىلىكنىڭ پىكرى ئېلىندى.

شۇ قېتىملىق باھا تەڭشەشتە تاكسىلارنىڭ ئىككى خىل باشلىنىش باھا لايىھەسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ گۇۋاھلىقتىن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئىككىلىسىدە شۇ ۋاقىتتىكى 10 يۈەندىن 13 يۈەنگە تەڭشەلدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەسلىدىكى ئاساسىي باھا ئاساسىدا ھەر كىلومېتىرىغا 3 يۈەندىن قوشۇپ ئېلىنىدىغان يېقىلغۇ قوشۇمچە ھەققى بارلىق يولۇچىلاردىن 1 يۈەن ئېلىنىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىلدى. ھەر بىر كىلومېتىرغا مۇساپە بويىچە ئېلىنىدىغان باھاسى شۇ ۋاقىتتىكى ئىككى يۈەندىن 2.3 يۈەن ۋە 2.6 يۈەنگە تەڭشەلدى.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئەتىگەن، كەچتىكى قاتناشنىڭ يۇقىرى پەللىسىدە (7:00-9:00غىچە ۋە 17:00-19:00غىچە) تۆۋەن سۈرئەتتە ساقلاش ھەققى (سائەتلىك سۈرئىتى 12 كىلومېتىردىن تۆۋەن) ھەر 5 مىنۇتتا بىر كىلومېتىرلىق مۇساپە ھەققى ئېلىشتىن ھەر بەش مىنۇتتا ئىككى كىلومېتىرلىق مۇساپە ھەققى ئېلىشقا ئۆزگەرتىلدى.

تاكسىنىڭ تەرەققىيات تارىخى

18-ئەسىردە ئەگەر بىر پۇلدار ئادەم قىسقا مۇساپىلىق ساياھەت قىلماقچى بولسا تاق ئات قېتىلغان قوش چاقلىق ھارۋا (cabriolet)نى ياللايتتى. cabriolet دېگەن سۆز فىرانسۇز تىلىدىكى پېئىل بولۇپ، «سەكرەش» دېگەن مەنىدە. 19-ئەسىرگە كەلگەندە كىشىلەر بۇ سۆزنىڭ قىسقارتىلغان شەكلى «cab»نى ئىشلىتىپ شەھەرلەردىكى مەخسۇس ئىجارىگە بېرىلىدىغان چوڭ تىپتىكى ھارۋىلارنى ئىپادىلەيدىغان بولدى، بۈگۈنكى كۈندىكى كىرا ئاپتوموبىللىرى (catching a cab) دېگەن نام شۇنىڭدىن كەلگەن.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ ۋاقىتىلاردىكى تاكسىلار يەنە hackneys ياكى hacks دەپمۇ ئاتىلاتتى، بۇ سۆزلەر فىرانسۇز تىلىدىكى haquenee (يەنى horse، ئات دېگەن مەنىدە) دېگەن سۆزدىن كەلگەن. بۈگۈنكى كۈندە كۆپلىگەن شەھەرلەردىكى تاكسى شوپۇرلىرى يەنىلا hackies دەپ ئاتىلىدۇ.

ئەلۋەتتە ئەينى ۋاقىتتىمۇ تاكىسىلارغا ئولتۇرغاندا ھەق ئېلىنغان. دەسلەپكى مەزگىللەردە تاكسى شوپۇرلىرى تەخمىنىي مۇساپىگە ئاساسەن ھەق ئالغان. 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگە كەلگەندە مەلۇم بىرى ماشىنىنىڭ ئەمەلىي باسقان مۇساپىسىغا ئاساسەن مۇساپە ھېسابلىغۇچ (taximeter)نى كەشىپ قىلدى، بۇ سۆز فىرانسۇز تىلىدىكى taxe (ئىنگلىزچىدىكى tariff بىلەن ئوخشاش) ۋە metre (ئىنگلىزچىدىكى meter بىلەن ئوخشاش)دىن كەلگەن. مۇساپە ھېسابلىغۇچ كەشىپ قىلىنىپ ئىشلىتىلگەندىن كېيىن، تاكسى ناھايىتى تېزلا taxicab دەپ ئاتالغان، قىسقارتىلىپ taxi دېيىلگەن.

«打的» دېگەن سۆز ھازىرقى زامان خەنزۇ تىلىدا ئەسلىدىنلا بار بولغان سۆز ئەمەس، ئۇ ئەسلىدە گۇاڭدۇڭ شىۋىسىدىن كەلگەن سۆز. تاكسى ئىقتىسادى نىسبەتەن تەرەققىي قىلغان شىياڭگاڭ ۋە گۇاڭدۇڭ رايونىدا بالدۇر بارلىققا كەلگەن، شۇنىڭ بىلەن گۇاڭدۇڭ شىۋىسىدە ماس ھالدا «搭的士 (تاكسىغا ئولتۇرۇش)» دېگەن سۆز بارلىققا كەلگەن. ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، تاكسىدىن ئىبارەت بۇ يېڭى شەيئى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى تۇرمۇشتىكى ئېھتىياجلىق قاتناش قورالىغا ئايلانغان، شۇنىڭ بىلەن «搭的士 (تاكسىغا ئولتۇرۇش)» دېگەن سۆزمۇ ئىچكىرىدىكى جايلارغا تارقالغان. ئەمما «搭的士» دېگەن سۆز ئىچكىرىگە تارقىلىپ كىرگەندىن كېيىن «打的»غا ئۆزگىرىپ قالغان. بۇ بەلكىم بۇ سۆزلەرنىڭ ئاھاڭىنىڭ ئوخشاپ كېتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.

ھەرقايسى جايلارنىڭ تاكسىلىرى

شىياڭگاڭدىكى تاكسى

شىياڭگاڭدىكى تاكسىلار «的士» دەپ ئاتىلىدۇ، شىياڭگاڭنىڭ تاكسىلىرى ئۈچ خىل، ئۇلار ئايرىم-ئايرىم شەھەر رايونى تاكسىلىرى (قىزىل رەڭلىك)، يېڭى دۇنيا تاكسىلىرى (يېشىل رەڭلىك) ۋە دايۈشەن تاكسىلىرى (كۆك رەڭلىك).

ئۈچ خىل تاكسى ئىچىدە پەقەت شەھەر تاكسىلىرىلا شەھەرنىڭ ھەممىلا يېرىدە قاتنىيالايدۇ (دايۈشەننىڭ جەنۇبى ۋە يۈجىڭۋەندىن باشقا)، يېڭى دۇنيا تاكسىلىرى پەقەت شىنشىجيېنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا قاتنىيالايدۇ (ئۇنىڭدىن باشقا يېڭى دۇنيا تاكسىلىرى بەلگىلەنگەن لىنىيەدە چۈەنۋەن مېترو بېكىتى، شاتىيەن شاھزادە ۋېلىس دوختۇرخانىسى، شاتىيەن بەيگە مەيدانى، كېڭكو مېترو بېكىتى، شىياڭگاڭ خەلقئارا ئايرودرومى، چىڭيى مېترو بېكىتى ۋە شىياڭگاڭ دىسنېي شادلىق باغچىسى ئىستىراھەت رايونىغا قاتنايدۇ)، دايۈەن تاكسىلىرى پەقەت دايۈشەننىڭ جەنۇبى، شەرقى، ئايرودروم ۋە دىسنېيدا قاتنايدۇ.

شىياڭگاڭ تاكسىلىرى دەسلەپكى ئىككى كىلومېتىرنى ئاساسلىق ھەق ئېلىش ئۆلچىمى قىلغان بولۇپ، شەھەر تاكسىلىرىنى مىسال قىلساق، باشلىنىش باھاسى 18 شىياڭگاڭ پۇلى، يېڭى دۇنيا تاكسىلىرىنىڭ باشلىنىش باھاسى 13.5 يۈەن، دايۈشەن تاكسىلىرىنىڭ بولسا 13 يۈەن. ئاندىن ھەر 200 مېتىر ياكى ھەر ئىككى مىنۇت ساقلاش ۋاقتىغا قارىتا تاكسى تۈرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن بىر شىياڭگاڭ پۇلىدىن 1.4 شىياڭگاڭ پۇلىغىچە ھەق ئېلىنىدۇ.

ئاۋمېندىكى تاكسىلار

ئاۋمېندىكى تاكسىلار قارا رەڭدە بولۇپ، باسقان مۇساپىگە ئاساسەن ھەق ئالىدۇ؛ سېرىق رەڭلىك تاكسىنىڭ ھەق ئېلىش ئۆلچىمى قارا رەڭلىككە ئوخشىمايدىغان بولۇپ، دەسلەپكى 500 مېتىرىغا 11 ئاۋمېن پۇلى، شۇنىڭدىن كېيىنكى ھەر 180 مېتىرغا ئاۋمېن پۇلى ئېلىنىدۇ.

سىنگاپور تاكسىلىرى

سىنگاپوردا جەمئىي ئالتە تاكسى شىركىتى بار، ئۇلار ئايرىم-ئايرىم Comfort، City Cab، SMRT، Trans-Cab، Premier Taxis، Smart Cab؛ بۇنىڭ ئىچىدە Smart ئالي دەرىجىلىك تاكسى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئەمما ئادەتتىكى تاكسىلاردىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق ھەق ئالىدۇ. سىنگاپوردىكى تاكسىلارنىڭ ھەق ئېلىش شەكلى مۇنداق: (تۆۋەندىكىلەرنىڭ ھەممىسى سىنگاپور پۇلىنى كۆرسىتىدۇ)، تۇنجى بىر كىلومېتىرغا 2.5 يۈەن، شۇنىڭدىن كېيىنكى 0.21 كىلومېتىرغا (1.01-10.0 كىلومېتىرغىچە)/0.175 كىلومېتىر (10.01 كىلومېتىر ياكى ئۇنىڭدىن كېيىن) غا 0.1 يۈەن ئېلىنىدۇ؛ ھەر 25 سېكۇنت ساقلىسىمۇ 0.1 يۈەن ئېلىنىدۇ؛ ئەگەر تاكسىنى تېلېفوندا چاقىرسىڭىز 3.2 يۈەن (دەرھال كېلىش ئۈچۈن) ياكى 5.2 يۈەن (ۋاقتىنى كېلىشىش ئۈچۈن)  قوشۇپ ئېلىنىدۇ. سىنگاپور تاكسىلىرىغا ئولتۇرغاندا ھەق يۈەندىن ئېشىپ كەتسە كارتا سۈركەشكە بولىدۇ (ئەمما %3لىك قوشۇمچە ھەق ئېلىنىدۇ). سىنگاپور تاكسىلىرىدا كېچىسى كۈندۈزدىكىنىڭ 1.5 ھەسسىسى بويىچە ھەق ئېلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بايرام ۋە ھارپا كۈنىدىمۇ بىر يۈەن قوشۇپ ئېلىنىدۇ؛ ئەگەر چانگى ئايرودرومىدىن يولغا چىقسىمۇ 3-5 يۈەن قوشۇپ ئېلىنىدۇ. سىنگاپوردا شەخسىي ماشىنىلار قاتتىق باشقۇرۇلىدىغان بولۇپ، قاتناش توسۇلۇشقا قويغان تەلىپى يۇقىرى بولۇپلا قالماي، يەنە قاتناش يۇقىرى پەللىسىدە شەھەر رايونىغا كىرسىمۇ ھەق ئېلىنىدۇ. (دىققەت: 100 سىنگاپور دوللىرى ≈ 547 شىياڭگاڭ پۇلى)

تەيۋەننىڭ تاكسىلىرى

تەيۋەن ئادەتتە «计程车» دەپ ئاتايدۇ. تەيۋەندىكى بۇ خىل تاكسىلار بىردەك سېرىق رەڭدە ھەمدە تېگى ئاق خېتى قىزىل نومۇر تاختىسى ئېسىلىدۇ، تورۇسنىڭ ئۈستىگە «TAXI» ياكى «كىرا ئاپتوموبىلى» دېگەن خەت يېزىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ خىل تاكسى تەيۋەندە ئامما تەرىپىدىن يەنە «كىچىك رىكشا» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

تەيۋەندىكى تاكسىلارنىڭ كۆپىنچىسىگە «مۇساپىگە قاراپ ھەق ئېلىش» تۈزۈمى يولغا قويۇلغان. تاكسى شوپۇرلىرى ئادەتتىكى كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىللارنىڭ پىراۋىسىنى ئېلىشتىن باشقا، يەنە ئىمتىھان بېرىپ تاكسى ھەيدەشنى تىزىملاش كىنىشكىسى ئېلىشى كېرەك. بەلگىلىك شەرتنى قانائەتلەندۈرگەن ھەمدە ھۆكۈمەت ئېچىۋەتكەن ۋاقىتتا، ئاندىن «شەخسىي ئىجارىگەرچىلىك ئورنى» ئېچىشقا بولىدۇ. مۇساپىگە قاراپ ھەق ئېلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان بولغاچقا، ئىجارىگەرچىلىك ئورۇنلىرى تاكسى شوپۇرلىرىنى دائىم بوزەك قىلىدۇ، ھەتتا ماجىرا كېلىپ چىقىدۇ. ھۆكۈمەت نەچچە يىل ئىلگىرى تاكسى ھەمكارلىق كوپېراتىپى قۇرغان ھەمدە مۇساپىگە قاراپ ھەق ئېلىش تۈزۈمىدىكى مەسىلىلەرنى تۈزەتكەن. ئۇنىڭدىن باشقا تەيبېي رايونىدا تېلېفوندا تاكسى چاقىرىش ئومۇملاشقان بولۇپ، ماشىنا ئەترىتى شەكلىدە تىجارەت قىلىدۇ، سىمسىز رادىيو ياكى سۈنئىي ھەمراھتا ئورۇن بەلگىلەش شەكلىدە تاكسى ئەۋەتىدۇ.

تەيۋەندىكى تاكسىلارنى يول بويىدا ناھايىتى ئاسانلا توسقىلى بولىدۇ، قۇرۇق يول مېڭىش نىسبىتى يۇقىرى بولغاچقا، كۆپلىگەن تاكسى شوپۇرلىرى يول بويىدىكى كىشىلەردىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاكسىغا ئولتۇرامسىز دەپ سورايدۇ. تەيۋەندىكى ئىستېمالچىلار تاكسىغا تاللاپ ئولتۇرۇشقا ئادەتلەنگەن، ئۇلار رەڭگى ۋە ئىچىنىڭ بېزىلىشى قاتارلىقلارنى ئويلىشىپ تاكسىغا ئولتۇرىدۇ.

a02.jpg