1959-يىلى بۈگۈنكى كۈندە سوۋېت ئىتتىپاقى «ئاي شارى 2» ئادەمسىز تەكشۈرۈش ئەسۋابىنى قويۇپ بەرگەن
0
2017-09-12 16:44:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

1959-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى، سوۋېت ئىتتىپاقى ئادەمسىز «ئاي شارى 2» ناملىق تەكشۈرۈش ئەسۋابىنى قۇيۇپ بەردى. «ئاي شارى 2» ئاي شارىنىڭ ئارقا تەرىپىگە ئۇچۇپ ئۆتۈپ سۈرەتكە تارتىپ، ئاي شارىنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈشىنى كىشىلەرگە نامايان قىلدى. يەنە ئىككى كۈندىن كېيىن، «ئاي شارى 2» ئاي شارىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك قونۇپ، ئاي شارىغا تۇنجى بولۇپ قونغان سۈنئىي جىسىم، شۇنداقلا تۇنجى بولۇپ يەر شارى سىرتىدىكى ئاسمان جىسمىغا قونغان سۈنئىي جىسىم بولۇپ قالدى.

«ئاي شارى 2»نىڭ لايىھەسى «ئاي شارى 1» بىلەن ئىنتايىن ئوخشاش بولۇپ، ئۇنىڭ ئېگىزلىكى 135 سانتىمېتىر، ئۇزۇنلۇقى 179 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 168 سانتىمېتىر كېلىدۇ. ئۇنىڭدا سەككىز مۇستەقىل قوزغىتىش چاقى بار، ئۈچ كامېرا سەپلەنگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرى ئۈستىگە ئورنىتىلىپ يول باشلاشقا ئىشلىتىلىدۇ، سېكۇنتىغا ئايرىم-ئايرىم ھالدا 3.1 پارچە، 5.7 پارچە، 10.9 پارچە، 21.1 پارچە يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى سۈرەت يوللىيالايدۇ. ئۇندىن باشقا، يەنە ئۇنىڭغا «ئاي شارى 1» بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش ئىلىم - پەن ئەسۋابلىرى قاچىلانغان بولۇپ، بۇلار ئاينىڭ تۇپراق قۇرۇلمىسىنى ئۆلچەش ئەسۋابى، قۇياش X نۇرىنى تەكشۈرۈش ئەسۋابى، ئاسترونومىيەلىك سۈرەتكە ئېلىش ئەسۋابى، ماگنىتمېتىر، فوتو دېتېكتور ۋە نۇر قايتۇرغۇچ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئېغىرلىقى 390.2 كىلو كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى ئاي يۈزىنىڭ سۈرىتىنى يىغىش، ئاي شارىغا قۇنۇش نۇقتىسى ئەتراپىدىكى يورۇقلۇق مۇھىتى تەكشۈرۈش، لازېر نۇر ئارىلىق ئۆلچەش، قۇياشنىڭ X نۇرىنى كۆزىتىش، ئاي شارىنىڭ ماگنىت مەيدانىنى ئۆلچەش، ئاي يۈزىدىكى ماددىلارنى ئانالىز قىلىش قاتارلىقلار.

9-ئاينىڭ 14-كۈنى، «ئاي شارى 2» پىلان بويىچە ئۆز قەرەلىدە ئاي شارىدىكى ئىككى تاغ ئارىسىغا سوقۇلدى. سوقۇلغاندىن كېيىن ئۇ يەر شارىغا ئاي شارىنىڭ ماگنىت مەيدانى ۋە رادىياتسىيە بەلۋېغىگە ئالاقىدار مۇھىم سانلىق مەلۇماتلارنى يوللىدى. ئاي شارىغا قونغاندىن كېيىن، «ئاي شارى 2» ئۆز جايىدا توختاپ ئۆزىنى زەرەتلەپ، ئۈچ كۈندىن كېيىن ئاي يۈزىدە «چېپىشقا» باشلىدى.

تەكشۈرۈش ئەسۋابىنىڭ تېخىمۇ ئۇزۇن ۋاقىت خىزمەت قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، تەتقىقاتچىلار تەكشۈرۈش ماشىنىسىنىڭ تۆپە قاپقىقىنىڭ ئاستىغا قۇياش ئېنېرگىيە باتارېيەسى ئورنىتىپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلىدى، ئۇنىڭغا يەنە پولونىي رېئاكتىپلىق يېقىلغۇ قاچىلانغان بولۇپ، ئەگەر تەكشۈرۈش ماشىنىسى كۈندۈزى توختاپ قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارېيەنى زەرەتلىيەلمىسە، كەچتە پولونىي رېئاكتىپلىق يېقىلغۇ ماشىنا گەۋدىسىنى ئىسسىتىدۇ، قۇياش كۆتۈرۈلگەندە يەنە يول يۈرەلەيدۇ.

تۇنجى ماڭغاندىن باشلاپ ھېسابلىغاندا، «ئاي شارى 2» ئاي يۈزىدە جەمئىي تۆت ئاي تۇرۇپ، 37 كىلومېتىر ئاي يۈزىنى تەكشۈرۈپ، 86 پارچە سۈرەت، 80 مىڭدىن ئارتۇق تېلېۋىزىيە رەسىمى يوللاپ، تەتقىقاتچىلارنى ئاي شارى توغرىسىدىكى تېخىمۇ تەپسىلىي ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەپ، كىشىلەرنىڭ ئاي شارىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ تەكشۈرۈشى ئۈچۈن ئاساس سالدى.