ئولىمپىك تارىخىدىكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئون غەلىتە مۇسابىقە تۈرى
0
2017-09-13 15:51:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

1. ئارقان تارتىشىش مۇسابىقىسى، 1920-يىلىدىكى بېلگىيىنىڭ ئانتىۋېرپېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا ئاخىرقى قېتىم رەسمى مۇسابىقە تۈرى قىلىنغان.

2. ئاۋسىتىرالىيىچە زەيتۇن توپ، 1956-يىلى ئاۋىستىرالىيەنىڭ مېلىبۇرندا ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا ئويۇن كۆرسىتىش تۈرى قىلىنغان.

3. La Canne، بۇ تەنھەرىكەت تۈرى 1924-يىلى فىرانسىيەنىڭ پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا ئويۇن كۆرسىتىش تۈرى قىلىنغان، بۇ يەنە ھاسا جانبازلىقى دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، فىرانسىيەنىڭ ھاسىنى قورال قىلىپ ئېلىشىدىغان ئەنئەنىۋى جانبازلىق ھەرىكىتىدۇر.

4. فىنلاندىيىچە كەلتەك توپ، 1952-يىلى فىنلاندىيەنىڭ خېلسىنكىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا ئويۇن كۆرسىتىش تۈرى قىلىنغان.

5. گوللاندىيىچە ۋاسكېتبول، 1920-يىلىدىكى ئانتىۋېرپېن ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ۋە 1928-يىلىدىكى ئامېستىردام ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا ئويۇن كۆرسىتىش تۈرى قىلىنغان، بۇ مۇسابىقىدە ماھىرلار پەقەت پاسلاشسىلا بولىدۇ، توپنى ئېلىپ مېڭىشقا ۋە يۈگۈرۈشكە بولمايدۇ.

6. قەدىمچە چېلىشىش ۋە ۋىكىنچە چېلىشىش، 1912-يىلىدىكى سىتوكھولم ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا رەسمى مۇسابىقە تۈرى قىلىنغان.

7. يەل كېمە، 1908-يىلىدىكى لوندون ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا رەسمى مۇسابىقە تۈرى قىلىنغان.

8. قاڭقىما توپ، 1900-يىلىدىكى پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا رەسمى مۇسابىقە تۈرى قىلىنغان، 1924- يىلىدىكى پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى، 1968-يىلىدىكى مېكسىكا ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ۋە 1992-يىلىدىكى بارسېلونا ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا ئويۇن كۆرسىتىش تۈرى قىلىنغان. قاڭقىما توپنى تام توپى بىلەن سېتكا توپنىڭ بىرىكمىسى دېيىشكە بولىدۇ.

9. ئىسسىق ھاۋا شارى مۇسابىقىسى، 1900-يىلىدىكى پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا ئويۇن كۆرسىتىش تۈرى قىلىنغان.

10. غالتەكلىك كانكى چەۋگەن توپى، 1992-يىلىدىكى بارسېلونا ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا ئويۇن كۆرسىتىش تۈرى قىلىنغان.