خەلقئارا كىنوچىلىق ساھەسىدىكى ئەڭ تەسىرلىك 10 كىنو
0
2017-09-18 15:58:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

1. «ساداقەتمەن ئىتنىڭ ھېكايىسى»

بۇ كىنو 1933-يىلى ياپونىيەدە يۈز بەرگەن ھەقىقىي ۋەقەگە ئاساسەن ئىشلەنگەن، بۇ فىلىمگە لېسسې، خاللىستىروم رېژىسىسورلۇق قىلغان. رىچارد جېر، جوئان ئاللېن ۋە سارا رومېر قاتارلىقلار رول ئالغان. بۇ كىنو 2009-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى ھېكايە يۈز بەرگەن ياپونىيەدە تۇنجى قويۇلغان. فىلىمدە ئۇنىۋېرسىتىتنىڭ بىر پىروفېسسورى بىر كىچىك كۈچۈكنى بېقىۋالىدۇ ۋە ئۇنىڭغا «باگۇڭ» دەپ ئىسىم قويىدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن ھەر كۈنى بۇ ئىت ئەتىگەندە پىروفېسسورنى بېكەتكىچە ئۇزىتىپ قويىدۇ ۋە كەچتە بېكەتكە چىقىپ ساقلاپ تۇرۇپ، پىروفېسسور كەلگەندە بىرگە ئۆيگە قايتىدۇ. بەختكە قارشى كېيىن پىروفېسسور كېسەل بىلەن قازا قىلىپ بېكەتكە بارالمايدۇ، بىراق شۇنىڭدىن كېيىنكى 9 يىل جەريانىدا بۇ ئىت ھەر كۈنى كەچتە بېكەتكە چىقىپ ئىگىسىنىڭ كېلىشىنى ساقلايدۇ ۋە بۇنى ئۆلۈپ كەتكۈچە داۋاملاشتۇرىدۇ.

2. «قەيسەر يۈرەك»

بۇ پارامونت كىنوچىلىق شىركىتى ئىشلىگەن ئۇرۇش تېمىسىدىكى كىنو بولۇپ، مېل گىبسون رېژىسىسورلۇق قىلغان، مېل گىبسون، سوفىيە مارسىيا، كاتېرىنا مېككورماك قاتارلىقلار رول ئالغان. بۇ كىنودا 13~14-ئەسىرلەردىكى ئەنگلىيە خان ئوردىسىدىكى سىياسىي ئۆزگىرىش ئارقا تېمى، ئۇرۇش ئاساسى يادرو قىلىنغان بولۇپ، شوتلاندىيە قوزغىلىڭىنىڭ داھىيسى ۋىليام ۋاللاسنىڭ ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرى بىلەن قەتئىيلەرچە كۈرەش قىلغانلىقىدەك ۋەقەلىك مەزمۇن قىلىنغان.

3. «بەخت ئىشىكنى چەككەندە»

گابرىئېل مۇسسىنو رېژىسىسورلۇق قىلغان، ۋىل سىمىس قاتارلىقلار رولغا چىققان ئامېرىكا كىنوسى. بۇ كىنومۇ ئامېرىكىلىق قارا تەنلىك مەبلەغ سېلىش مۇتەخەسىسى كىرۇيېس گرادېنىرنىڭ ھەقىقىي كەچۈرمىشىگە ئاساسەن ئىشلەنگەن. بۇ كىنودا ۋەيران بولۇشقا يۈزلەنگەن، ئايالىمۇ تاشلاپ كېتىپ، چۈشكۈنلەشكەن بىر خىزمەتچىنىڭ جاپاغا چىداپ تىرىشىپ ئىشلەپ، بارا-بارا يۇقىرى ئۆرلەپ بىر پاي چېكى مۇتەخەسىسىگە ۋە ئاخىرىدا داڭلىق مەبلەغ سالغۇچىغا ئايلىنىشتەك ئىرادە ھېكايىسى بايان قىلىنغان.

4. «يوللۇق كىيىم كىيگەن بالا»

بۇ ئېرىلاندىيەنىڭ تالانتلىق يازغۇچىسى جون بېيئېننىڭ شۇ ناملىق رومانىغا ئاساسەن ئىشلەنگەن كىنو بولۇپ، مارك ھېرمان رېژىسىسورلۇق قىلغان، ئاسا بۇتتىرفېلد، ۋېرا فارمىگا ۋە رۇبېرت فېرىند قاتارلىقلار رول ئالغان. 2008-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى ئامېرىكىدا تۇنجى قويۇلغان. فىلىم ۋەقەلىكى 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە يۈز بەرگەن. فىلىمدە 8 ياشلىق بىرونۇ جازا لاگېرىدىكى نېمىس ئوفىستېرنىڭ ئوغلى بولۇپ، ئۇ جازا لاگېرىنىڭ تىكەنلىك قورشاۋ تېمىنىڭ سىرتىدىكى بىر يەھۇدى بالا بىلەن دوست بولۇپ قالىدۇ ۋە مۇشۇ تۈپەيلى ئويلىمىغان نۇرغۇن ئىشلار يۈز بېرىدۇ.

5. «جەننەت كىنوخانىسى»

بۇ ئىتالىيەلىك رېژىسىسور گېسىپپىي تورېنتارى رېژىسىسورلۇق قىلغان، فىلىپ نورېت، ساۋاتېرى كاسىئو رول ئالغان فىلىم بولۇپ، 1988-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى تۇنجى قويۇلغان. فىلىمدە ساۋاتېرى كاسىئو رولىنى ئالغان دودو ئىسىملىك بىر بالىنىڭ كىنوچى ئېفتېرنىڭ قويغان كىنولىرىغا ئامراق بولۇپ قالغانلىقى ۋە بۇنىڭدىن بالىلىق خۇشاللىقىنى تاپقانلىقى سۆزلىنىدۇ.

6. «تىتانىك ناملىق پاراخوت»

بۇ ئامېرىكا 20-ئەسىر فوكىس كىنوچىلىقى شىركىتى ۋە پارامونت كىنوچىلىق شىركىتى بىرلىشىپ ئىشلىگەن مۇھەببەت فىلىمى، فىلىمگە جامېس كامېرون رېژىسىسورلۇق قىلغان، لىئوناردو دىكاپىرو، كەيت ۋېنسېلىت باش رول ئالغان. بۇ فىلىم 1997-يىلى 12-ئاينىڭ 19-كۈنى ئامېرىكىدا تۇنجى قويۇلغان، 1998-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى دۆلىتىمىزدە قويۇلغان. پۈتۈن دۇنياغا مەشھۇر بۇ فىلىم توغرىسىدا ئارتۇقچە ئەزۋەيلەشنى لايىق كۆرمىدۇق.

7. «شاۋشانىكتىن قېچىش»

بۇ فىلىمگە فىرانك دېرابونت رېژىسىسورلۇق قىلغان، تىم روببىنىس، مورگان فرېمان قاتارلىقلار باش رول ئالغان. بۇ فىلىم داڭلىق يازغۇچى سىتىفېن كىڭنىڭ شۇ ناملىق رومانىغا ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن بولۇپ، پۈتۈن كىنو باشتىن-ئاخىرىغىچە «ئۈمىد» نى باش تېما قىلغان.

8. «قايچا قوللۇق ئېدۋارد»

بۇ تىم بۇرتون رېژىسىسورلۇق قىلغان ماشىنا ئادەم تېمىسىدىكى كىنو بولۇپ، جوننىي دەپ، ۋىنونا رېيدىر، دەيئەننا ۋېست، ۋېنسېنىت پېرىس قاتارلىقلار رول ئالغان. 1990-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى ئامېرىكىدا تۇنجى قويۇلغان. بۇ كىنودا ماشىنا ئادەم ئېدۋاردنىڭ بىر قەدىمى قورغاندا تەنھا ياشايدىغانلىقى، كېيىن پەيج ئىسىملىك بىرىنىڭ قورغانغا ئۇقۇشماستىن كىرىپ قېلىپ، ئېدۋاردنى ئۆز ئۆيىگە ئېلىپ كەتكەنلىكى، ئېدۋارد بىلەن پەيجنىڭ قىزىنىڭ بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قالغان بولسىمۇ، بىرگە بولالمىغانلىقىدەك تىراگېدىيەلىك چۆچەك بايان قىلىنغان.

9. «سېندىلېرنىڭ تىزىملىكى»

ئاۋىستىرالىيەلىك رومان يازغۇچىسى توماس كېنالىينىڭ مەشھۇر رومانى «سىندېلىر تىزىملىكى» گە ئاساسەن ئىشلەنگەن، 1993-يىلى سىتىۋېن سىپىربېلگ رېژىسىسورلۇقىدا ئىشلەنگەن نادىر فىلىم بولۇپ، بۇ كىنودا گېرمانىيەلىك كارخانىچى ئوسكار سىندېلىر ۋە ئايالى ئېمىلىي سىندېلىرنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ۋەجىدىكى بارلىق بىساتىنى سەرپ قىلىپ، 1200 دىن ئارتۇق يەھۇدىنى فاشىسىتلارنىڭ قىرغىنچىلىقىدىن ساقلاپ قالغانلىقىدەك ھەقىقىي ۋەقەلىك بايان قىلىنغان.

10. «مېنىڭ قېرىنداشلىرىم»

بۇ جۇڭگو تەڭرىتاغ كىنو سىتۇدىيىسى ئىشلىگەن ئائىلە ئېتىكىسى فىلىمى بولۇپ، يۈ جۇڭ رېژىسىسورلۇق قىلغان، لياڭ يۇڭچى، جياڭ ۋۇ، شيا يۈ قاتارلىقلار رول ئالغان. 2001-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى گۇاڭجۇدا تۇنجى قويۇلغان. بۇ فىلىمدە چى سىتيەننىڭ ئائىلىسى سەۋەبلىك قېرىنداشلىرى بىلەن ئۇزۇن يىل ئايرىلىپ كەتكەنلىكى ۋە كېيىن داڭلىق چولپانغا ئايلىنىپ، ئويۇن قويۇش پۇرسىتىدە قېرىنداشلىرىنى ئىزدەپ تاپقانلىقىدەك ھېكايە بايان قىلىنغان.

企业微信截图_20171129134813.png
00350057501_bc9057cd.jpg
W020171129517338989654.jpg
权威发布.jpg