ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دىپلوماتىيە سوۋغىتى خاتىرىسى
0
2017-09-19 14:25:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، تىرامپ بۇ يىل 5-ئايدا سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ زىيارەت قىلغاندا 83 دانە سوۋغات تاپشۇرۇۋاپتۇ، بۇلار نەپىس شەمشەر، خەنجەر، ھەقىقىي خۇرۇمدىن تىكىلگەن ئوقدان، تاپانچا قېپى، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئۆزگىچە كىيىمى ۋە زىننەت بۇيۇملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. تۈرى ۋە مىقدارىنىڭ كۆپلۈكى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىكەن. بىراق، ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىيە سوۋغات تارىخىنى ئاختۇرۇپ باقىدىغان بولساق، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ «ھەشەمەتلىك»لىكنى قوغلىشىدىغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ ئەڭ «بېخىل» ئىكەنلىكىنى بايقىۋېلىش تەس ئەمەس.

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ «ھەشەمەتلىك» بولۇشنى قوغلىشىدىغان ئەنئەنىسى 1945-يىلى باشلانغان، ئەينى چاغدا ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى چېرچىل سەئۇدى ئەرەبىستاننى زىيارەت قىلغاندا، سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى ئابدۇللاھقا 100 فوندستېرلىڭلىق بىر قۇتا ئەتىر سوۋغا قىلغان. ئەمما، ئۇ تاپشۇرۇۋالغان ياندۇرۇق ئېسىل ياقۇتلار بىلەن بېزەلگەن شەمشەر، خەنجەر ۋە چوڭ ئالماس كۆزلۈك ئۈزۈك بولغان. دۆلىتىگە قايتقاندىن كېيىن، قاتتىق ئۇيالغان چېرچىل شۇ ھامان بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئۇرۇشتىن كېيىن تۇنجى تۈركۈمدە ئىشلەپچىقىرىلغان روللىس رويىس ماركىلىق پىكاپتىن بىرنى سوۋغا قىلىشىنى ئېيتقان، يەتتە ئايدىن كېيىن بۇ پىكاپ سەئۇدى ئەرەبىستانغا يېتىپ كەلگەن. دېمەك، ئۇلارغا «ھەشەمەتلىك» بولۇشنى چېرچىل ئۆگىتىپ قويغان.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئالتۇن زەنجىر سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ دۆلەت سوۋغىتىدا كەم بولسا بولمايدۇ. ئوباما 2009-يىلى سەئۇدى ئەرەبىستاننى زىيارەت قىلغاندا، سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى ئۇنىڭغا ناھايىتى چوڭ ئالتۇن زەنجىردىن بىرنى سوۋغا قىلغان. بۇ زەنجىر تىرامپقا سوۋغا قىلغان زەنجىر بىلەن ئوپئوخشاش. ئوبامانىڭ چىرايىدىنلا بۇ زەنجىرنىڭ قانچىلىك ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.

بىراق، سوۋغاتنىڭ ئەڭ مۇھىمىنى سەئۇدى ئەرەبىستان سوۋغا قىلغان ئەمەس، بەلكى فىرانسىيەلىكلەر سوۋغا قىلغان. ئۇ دەل، دۇنياغا داڭلىق ئايال ئەركىنلىك ئىلاھى ھەيكىلىدۇر. بۇ ھەيكەلنى فىرانسىيە ھۆكۈمىتى ئامېرىكا مۇستەقىللىقىنىڭ 100 يىللىقىدا سوۋغا قىلغان، بۇ ھەيكەلنى ياساشقا 10 يىلدەك ۋاقىت كەتكەن. ئايال ئەركىنلىك ئىلاھىنىڭ ھەيكىلى 1884-يىلى تولۇق پۈتكەندىن كېيىن، پارچىلاپ ساندۇققا قاچىلىغان، ئاندىن كېمە بىلەن ئامېرىكىغا ئېلىپ بېرىپ، قايتا قۇراشتۇرغان.

تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 2009-يىلى ئوباما ۋە ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلەر ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن نەچچە يۈز مىڭ دوللارلىق سوۋغاتلارنى تاپشۇرۇۋاپتۇ، بۇنىڭ ئىچىدە سەئۇدى ئەرەبىستان بەرگەن سوۋغاتلارنىڭ قىممىتى 190 مىڭ دوللارغا يېتىدىكەن. 2015-يىلى ئوبامانىڭ سوۋغات تىزىملىكىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغىنى يەنىلا سەئۇدى ئەرەبىستان بولۇپ قالغان، بۇلار ئالماس قويۇپ ئالتۇن يالىتىلغان بىر ھەيكەل، بىر سائەت، بىر گولف توپ قېپى قاتارلىقلارنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، ئومۇمىي قىممىتى 523 مىڭ دوللاركەن.

ئوباما قوبۇل قىلغان ئەڭ غەلىتە سوۋغات، قىممىتى 50 مىڭ ئاۋسترالىيە دوللىرىغا يېتىدىغان تىمساھ زەخمىسى سۇغۇرتىسىكەن، مۇبادا ئوباما ئاۋسترالىيەنى زىيارەت قىلغان مەزگىلدە تىمساھنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىسا، مىچېل 50 مىڭ ئاۋسترالىيە دوللىرى تۆلەمگە ئېرىشەلەيدىكەن.

ئۇنداقتا، باشقا دۆلەتلەرگە قانداق سوۋغاتلارنى بەرگەن؟ 2009-يىلى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھىلارى رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروفقا قىزىل رەڭلىك ئويۇنچۇق كۇنۇپكىدىن بىرىنى سوۋغا قىلغان، بۇ رۇسىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى قايتا باشلاشقا سىمۋول قىلىنغان. ئەمما، كىشىنى ئوڭايسىزلاندۇرىدىغىنى، كۇنۇپكىدىكى «قايتا باشلاش» دېگەن رۇسچە خەت «يۈكى ئېشىپ كېتىش» دەپ خاتا يېزىپ قويۇلغان.

2009-يىلنىڭ بېشىدا، رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررىيغا ئىككى دانە چوڭ ياڭيۇ سوۋغا قىلغان. نېمىلا دېگەن بىلەن بۇ ياڭيۇ قورساقنىڭ ئاچلىقىغا دال بولىدۇ.

2009-يىلى 3-ئايدا، ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى بىلايىر ئامېرىكىنى زىيارەت قىلغاندا، زۇڭتۇڭ ئوباماغا نەق 25 تال DVD پىلاستىنكىسى سوۋغا قىلغان، يەنە كېلىپ بۇلارنىڭ ھەممىسى ۋوللىۋودنىڭ كىنولىرىكەن، بۇلارنىڭ ئىچىدە «پىلانېتلار ئارا ئۇرۇش»، «تەربىيەچى» قاتارلىق كىنولار باركەن. بىراق، ئوبامانىڭ كۈتمىگەن يېرىدىن چىققىنى، بۇ فىلىملەرنىڭ ھەممىسىنى ئەنگلىيە تاراتقۇلىرى بىر قۇر تەنقىد قىلىپ چىققانىكەن، ئەڭ ھالقىلىق يېرى بۇ پىلاستىكىنلارنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ ساتسىمۇ بىر قاپ سوپۇن كەلمەيدىكەن. تېخىمۇ قىزىقارلىق يېرى، رايونلۇق كود پەرق سەۋەبىدىن، ياۋروپادىكى پۈتۈن DVD ئاپپاراتلىرىدا بۇ پىلاستىنكىلارنى قويۇش ئەسلا مۇمكىن ئەمەسكەن. غەلىتە يېرى، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى گېرلاد فېرىستىن بۇ پىلاستىنكىلارغا باھا بېرىپ: «سوۋغات بېرىشتە، ئامېرىكىلىقلار بېخىللىقى بىلەن مەشھۇر» دېگەن.

ئەڭ ئاخىرىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تاپشۇرۇۋالغان ئەڭ ئوماق سوۋغاتنى دەپ ئۆتمەي بولمايدۇ. 1972-يىلى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى نېكسون زۇڭلى جۇ ئېنلەينىڭ تەكلىپىگە بىنائەن جۇڭگونى زىيارەت قىلغان، ئۇ جۇڭگوغا چاقچۇق ئاققۇ ۋە خىرۇستال لوڭقا سوۋغا قىلدى. ئېلىمىز ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا ياندۇرۇق سۈپىتىدە «لىڭلىڭ» ۋە «شىڭشىڭ» دېگەن بىر جۈپ مۈشۈكئېيىق بەردى. ئۇلار ئامېرىكىدا 20 يىل ياشاپ، بەش زۇڭتۇڭنىڭ ئامېرىكىغا رەھبەرلىك قىلىش تارىخىنى باشتىن كەچۈردى.

W020171113371751262733.jpg
W020171113371473283003.jpg
1121941083_15104898768741.jpg