دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق رېژىسسورلار قانداق جىنايەتلەرنى سادىر قىلغان؟
0
2017-09-20 20:23:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

ئون نەپەر ئىلگىرى جىنايەت ئۆتكۈزۈپ باققان رېژىسسور، ئۇلار كامىرا ۋە كىنو لېنتىسىغا ئۆزلىرىنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى قوشۇپ، فىلىمنى يالغاننى راستتەك كۆرسىتىدىغان چېگراسىغا يەتكۈزىدۇ.

1. پارتىيەگە ساتقىنلىق قىلىپ چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلغان

1. كومىدىيە شاھى چارلىز چاپلىن 1889-يىلى ئەنگلىيە لوندوندا تۇغۇلغان، 1915-يىلىدىن باشلاپ، ئۆزى سىنارىيە يېزىپ، ئۆزى رېژىسسورلۇق قىلىپ، ئۆزى رول ئېلىشقا باشلىغان، ئۆمرىدە 80 دىن ئارتۇن كىنو ئىشلەپ بىرقاتار يۇمۇرىستىك ھەجۋىلىكنى بارلىققا كەلتۈرگەن.

ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى چېكىنىپ، ئىشچىلار دولقۇنى يېيىلىپ كەتكەن، بىراق چاپلىن تۆۋەن قاتلام كىشىلىرىنىڭ ھەقىقىي تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ FBI نىڭ دىققىتىنى قوزغىغان، ئۇلار ئادەم ئەۋەتىپ چاپلىننىڭ كىنوخانىسىنى مەخپىي تەكشۈرگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ «كىنو دۇنياسىدىكى رادىكال»نىڭ پارتىيەگە ساتقىنلىق قىلىشىغا ئائىت ھېچقانداق ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىگەن.

شۇنداقتىمۇ چاپلىن FBI نىڭ قاتتىق نازارىتىدىن قۇتۇلالمىغان. ئايال ئارتىس جىن بىرلىي بىلەن بولغان مۇھەببەت تەقدىرى ئۇنى FBI بىلەن بولغان تىركىشىشتە مەغلۇپ قىلغان. جىن بىرلىي FBI نىڭ ياردىمى ئاستىدا نىكاھسىز تۇغۇلغان بالىسىنى دەستەك قىلىپ، ھەممە يەردە چاپلىننى قارىلايدىغان سۆز-چۆچەك تارقىتىپ ئۇنىڭ ئاممىنىڭ نەزىرىدىكى ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۈرگەن.

بۇ ۋاقىتتا چاپلىن ئۇرۇشقا قارشى فىلىم «ۋېردوكس ئەپەندى» نى سۈرەتكە ئېلىۋاتقان بولۇپ، يۇقارقى ئىش سەۋەبلىك فىلىم توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، قويۇش چەكلەنگەن. 1952-يىلى 9-ئايدا 60 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان چاپلىن لوندونغا بارىدىغان ھەشەمەتلىك پوچتا پاراخوتىغا ئولتۇرۇپ، ئۆز فىلىمىنىڭ تۇنجى قويۇلۇش مۇراسىمىغا ماڭغاندا، ئامېرىكا ئەدىلىيە مىنىستىرى شۇئان ئاشكارا بايانات ئېلان قىلىپ، چاپلىننىڭ چېگرادىن كىرىشىنى چەكلىگەن.

2. كىچىك قىزنىڭ نومۇسىغا تەگكەنلىكتىن يېرىم يىل نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان

رومان بولانجىسكى ئىلگىرى ئوسكار مۇكاپاتى، ئالتۇن پالما دەرىخى مۇكاپاتى، ئالتۇن ئېيىق مۇكاپاتى قاتارلىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن پولشالىق پۇشتىدىن بولغان فىرانسىيەلىك رېژىسسور. ئۇ رېژىسسورلۇق قىلغان فىلىملەرنىڭ ئۇسلۇبى ئۆزگىچە بولۇپ، ئالاھىدىلىكى قان ئىچىدە ئىنسانىيلىقنى ئىزدەيدۇ، كىشىنىڭ يۈرەك تارىلىرىنى تىترىتىش ئىچىدە رومانتىكىلىقنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ.

جىنايەت پىسخىكىسىغا قارىتا تونۇشىمۇ ناھايىتى تەپسىلىي، چۈنكى بولانجىسكى ئۆزى ئىلگىرى قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ سىناپ باققان. 2009-يىلى بىر ۋاراق تۇرۇش بۇيرۇقى بىلەنلا بولانجىسكى 13 ياشلىق قىزغا باسقۇنچىلىق قىلىش قاتارلىق 5 تۈرلۈك جىنايەت بىلەن سيۇرىختا قولغا ئېلىنغان. 1969-يىلى ھامىلدار بولغىنىغا 8 ئاي بولغان بولانجىسكىنىڭ ئايالى شارون تاتې (Sharon Tate) رەھىمسىزلەرچە ئۆلتۈرۈلگەن، 5 ئادەم زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى بولغان بولانجىسكىنىڭ ئايالىنىڭ جەسىتىگە جەمئىي 102 قېتىم پىچاق ئۇرغان. بۇ ۋاقىتتا بولانجىسكى لوندوندا يېڭى فىلىمىنى سۈرەتكە ئېلىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتاتتى. ئوغرىلاپ كەتكۈدەك ھېچقانداق نەرسىنىڭ بولماسلىقىدىن كېلىپ چىققان بۇ قاتىللىق دېلوسى تېخىمۇ چېگىشلىشىپ كەتكەن بولۇپ بولانجىسكىمۇ گۇمانلىق ئوبىيېكتقا ئايلىنىپ قالغان.

3. رېئاللىقنى تەنقىد قىلغانلىقتىن 20 يىل كىنو ئىشلىشى چەكلەنگەن

جاففار پاناخى (Jafar Panahi) ئىران جەمئىيىتىنىڭ ئاياللارنى كەمسىتىش ۋە ئېزىشى تەسۋىرلەنگەن فىلىم «ھاياتلىق چەمبىرىكى»《生命的圆圈》نى ئىشلەپ، گانا كىنو بايرىمىدا ئالتۇن پالما دەرىخى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، بىراق مۇشۇ سەۋەبتىن ئىران ھۆكۈمىتى دۆلەت ئوبرازىغا دەخلى قىلىش جىنايىتى بىلەن جاففار پاناخىنى 6 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ، 20 يىل كىنو ئىشلىشىنى ھەم ئىراندىن ئايرىلىشىنى چەكلىگەن.

ئىراننىڭ ۋەزىيىتى مۇرەككەپ، سۈرەتكە ئېلىش شەرتلىرى چەكلىك بولغاچقا جاففار پاناخى ئامال قىلىپ ئوغرىلىقچە سۈرەتكە تارتقان، ھەتتا تېلېفوندىمۇ سۈرەتكە ئالغان. جاففار پاناخى ئىراندىكى بالىلار، كەمبەغەللەر، ئاياللارغا بەكرەك كۆڭۈل بۆلگەچكە، سۈرەتكە تارتىش جىنايەت ھېسابلانسىمۇ، ئۇ ھەرگىز توختاپ قالمىغان. شۇڭا ئىراندىكى تەسىرى ئەڭ چوڭ رېژىسسورلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان. ئىران ھۆكۈمىتى ئۇنى ئىككى ئايدىن ئارتۇق قامىغاندىن كېيىن، ئۇ بىر ھەپتە ئاچلىق ئېلان قىلغان ھەم 2 يۈزمىڭ ئامېرىكا دوللىرى كېپىللىك ھەققى تۆلىگەندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن، ئەركىنلىكى ئەسلىگە كەلگەن جاففار پاناخى «تاكسى»《出租车》نى سۈرەتكە ئېلىپ يەنە بىر قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

4. ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، يەھۇدىلارغا قارشى تۇرۇش، ئائىلە زوراۋانلىقى سەۋەبىدىن جازاغا ھۆكۈم قىلىنغان

مېل گېبسون (Mel Columcille Gerard Gibson) «قەيسەر يۈرەك»《勇敢的心》نى سۈرەتكە ئېلىپ ئوسكار ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتى ۋە ئالتۇن شىر مۇكاپاتى، ئەڭ ياخشى رېژىسسور مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، مەيلى ئارتىسلىق ياكى رېژىسسورلۇق بولسۇن، ئۇ ئۆز كەسپىدىكى ئەڭ قالتىسى ھېسابلانغان. 2006-يىلى ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەپ قولغا ئېلىنغان، نەق مەيداندا يەھۇدىلارنى تىللىغان سەۋەبلىك ئېرىقچىلىق تەرەپدارى دەپ ئەيىبلەنگەن.

2010-يىلى بىر مەزگىل مېل گېبسون بىلەن ئىلگىرىكى قىز دوستى ئاۋسانا گىلاگىلىۋنىڭ ئۇرۇشقاندىكى تېلېفون ئۈن خاتىرىسى توردا تارقىلىپ يۈرگەن، ئۈن خاتىرىسىدە مېل گېبسون قاتتىق قوپاللىق قىلغان، ھەرخىل چاكىنا قوپال سۆزلەر بىلەن قىز دوستىنى ھاقارەت قىلىپ بىر مەيدان جېدەل قوزغىغان. كېيىن ئائىلە زوراۋانلىقى دەپ بېكىتىلىپ لوس-ئانژېلېستا رەسمىي دېلو تۇرغۇزۇلغان، مېل گېبسون ئىككى قېتىم قىز دوستىنىڭ يۈزىگە ئۇرغانلىقتىن، ئۈچ يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىپ كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنغان.

5. سەنئەت ھەرىكىتى ئارقىلىق بانكا بۇلىغان

جوۋ گىببىنىس (Joe Gibbons) ئىلگىرى 30 دىن ئارتۇق تەجرىبە فىلىمىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ كەسپتە داڭق چىقارغان ھەم سەنئەت تۈردىكى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. MIT دا سەنئەت كەسپىدە 10 يىل پراففېسسورلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.

بىر سەنئەتچى ۋە رېژىسسور بولۇش سۈپىتى بىلەن رېئال تۇرمۇش ئۇنىڭ ئەسەر ئىلھامىنىڭ كېلىش مەنبەسى بولغان. گىببىنىس سەنئەت ژۇرنىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، يېرىم ئۆز شەكىللىك قىسقا فىلىمنى سۈرەتكە ئېلىش ئۈچۈن، ئۇ يېيىش مەنئىي قىلىنغان دورا يەپ ئىلھامغا ئېرىشكەن. ئەڭ ھەددىدىن ئاشقىنى جۇڭگولۇقلار كوچىسىغا جايلاشغان بانكىغا كىرىپ 1002 ئامېرىكا دوللىرى بۇلىغانلىقتىن بىر يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. گىببىنىس بىردانە كىچىك تىپتىكى سۈرەتكە ئېلىش ئاپپاراتى بىلەن بانكا بۇلىغان جەريانىنى سۈرەتكە ئېلىۋالغان شۇنداقلا بىر قېتىملىق ھەرىكەت خاتىرىسى دەپ ئاتىغان ھەم :«بۇنىڭ ھەممىسى سەنئەت ئۈچۈن» دېگەن.

企业微信截图_20171129134813.png
00350057501_bc9057cd.jpg
W020171129517338989654.jpg
权威发布.jpg