ئىقتىسادى ئەڭ تەرەققىي قىلغان 6 دۆلەتتە قايسى تىپتىكى ئاپتوموبىللار ئەڭ كۆپ سېتىلىدۇ؟
0
2017-09-26 15:23:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

دۇنيادىكى ئىقتىسادى ئەڭ تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە قايسى خىل تىپتىكى ئاپتوموبىللارنىڭ سېتىلىشى ئەڭ ياخشى؟ ئۇنداقتا تۆۋەندە بىز بۇ سوئالغا جاۋاب بىرەيلى.

1.ئامېرىكا

2016-يىللىق GDPسى 18 تىرىليون 500 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى

يەر مەيدانى چوڭ، ئەمما نوپۇس ئۇنچە كۆپ بولمىغانلىقتىن، ئامېرىكىدا كۆپ سېتىلىدىغان تاۋارلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك گەۋدىسى چوڭ ھەيۋەت نەرسىلەر ھېسابلىنىدۇ، ئاپتوموبىلمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس. ئامېرىكىدا ئەڭ كۆپ سېتىلىدىغان ئاپتوموبىل تىپى فوردنىڭ F يۈرۈشلۈك پىكا ئاپتوموبىلى بولۇپ، ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى ئورۇننى چېۋرولېتنىڭ Silverado ۋە دوجنىڭ RAM يۈرۈشلۈكى ئىگەللىگەن.

سېتىلىشى ئەڭ ياخشى ئۈچ چوڭ پىكا ئاپتوموبىلنى چىقىرىۋەتكەندە، تويوتا كامراينىڭ سېتىلىشى ئەڭ ياخشى ھېسابلىنىدۇ.

2.جۇڭگو

2016-يىللىق GDPسى 11 تىرىليون 300 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى

2010-يىلى ياپونىيەنى ئارقىدا قالدۇرغاندىن باشلاپ، جۇڭگونىڭ دۇنيادىكى ئىككىنچىلىك ئورنى مۇستەھكەم بولۇپ كەلدى.

دۆلىتىمىزنىڭ ئاپتوموبىل تەرەققىياتىمۇ ئۇنۋېرسال تەرەققىياتقا ماسلىشىپ تېزلىشىپ ماڭدى، دۆلىتىمىزدە ئەڭ كۆپ سېتىلغان ئاپتوموبىل بولسا دۆلىتىمىز كارخانىسى تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان ۋۇلىڭ خوڭگۇاڭ ماركىلىق كىچىك تىپتىكى MPV ئاپتوموبىل.

بۇ ئاپتوموبىلنىڭ باھاسى ئەرزان، ئىچىكى بوشلۇقى كەڭ بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بار.

3.ياپونىيە

2016-يىللىق GDPسى 4 تىرىليون 700 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى

ياپونىيەدە ئەڭ كۆپ سېتىلغان ئاپتوموبىل بولسا تويوتا پرۇس (Prius) بولۇپ، ياپونىيە ئاپتوموبىل بازىرىنىڭ مۇھىت ئاسىراش ۋە ئېنىرگىيە تېجەشكە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس،پرۇس بولسا دۇنيادىكى تۇنجى ھەقىقىي مەنىدىكى يېڭى ئېنىرگىيەلىك، كاربون ۋە زەھەرلىك كېرەكسىز گاز قۇيۇپ بېرىش مىقدارى جەھەتتىكى ئىپادىسى قالتىس ئاپتوموبىل.

4.گېرمانىيە

2016-يىللىق GDPسى 3تىرىليون 500 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى

گېرمانىيە ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ پاراۋوزى، سانائىتى تەرەققىي قىلغان دۆلەت، داڭلىق مەھسۇلاتلىرىدىن پىۋا، ئاپتوموبىل ۋە تانكىلىرى بار.

ئازراقلا ئاپتوموبىلدىن خەۋىرى بار كىشى گېرمانىيەدە ئەڭ كۆپ سېتىلىدىغان ئاپتوموبىل تىپىنىڭ گولف ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بىرەلىشى ئېنىق. ياۋروپالىقلار ئىككى كوزۇپلۇق ئاپتوموبىللارنى ياقتۇرۇپ سېتىۋالىدۇ، گولف ھەر تەرەپتىن ئىستېمالچىلارنىڭ ئىھتىياجىنى قاندۇرىدىغان ئاپتوموبىل بولۇپ، كۆپ يىل سېتىش تىزىملىكىدە بىرىنچى بولغان.

5.ئەنگىلىيە

2016-يىللىق GDP 2سى 2 تىرىليون 600 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى

ئەنگلىيەدە ئەڭ كۆپ سېتىلىدىغان ئاپتوموبىل بولسا فوردنىڭ ئىككى كوزۇپلۇق ئاپتوموبىلى كارنۋال (Carnival)دۇر.

6.فرانسىيە

2016-يىللىق GDPسى 2 تىرىليون 400 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى

فىرانسىيەدە ئەڭ ياخشى سېتىلىدىغان ئاپتوموبىل بولسا رېنائۇلتنىڭ Clio تىپتىكى ئاپتوموبىلى، بۇ ئاپتوموبىلنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى كارنىۋال بىلەن تەڭداش دېگۈدەك بولۇپ، بۇ ئاپتوموبىلدىنمۇ ياۋروپالىقلارنىڭ ئىككى كوزۇپلۇق ئاپتوموبىللارنى ياقتۇرۇپ سېتىۋالىدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشكە بولىدۇ.

W020170926516279119519.jpg