دۇنيادىكى كىنو ئىشلەش مىقدارى ئەڭ كۆپ بوللىۋودنىڭ تارىخى
0
2017-10-24 18:17:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

1896-يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى Auguste Lumière ئاكا-ئىنى ھىندىستانغا كېلىپ، بومبايدىكى ۋاتسون سارىيىدا «پويىز ۋوگزالغا كەلدى»، «زاۋۇتنىڭ دەرۋازىسى» قاتارلىق فىلىملەرنى قويغان، بۇ ھىندىستان كىنوچىلىقىنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىنىڭ بەلگىسىگە ئايلانغان ھەم ھىندىستاندا ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلىگەن، شۇندىن باشلاپ ھىندىستاننىڭ كىنوچىلىق سەھىپىسى ئېچىلغان، بۈگۈنكى كۈندە ھىندىستان كىنوچىلىقى بىر ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتنى بېشىدىن كەچۈردى.

ھىندىستانلىق فوتوگراف (Dhundiraj Govind Phalke) دۇندىراج فالكې Auguste Lumière ئاكا-ئىنىدىن ئىلھام ئېلىپ، 1912-يىلى فىرانسىي گامونت (Gaumont) شىركىتىدە پراكتىكا قىلىپ، ھىندىستان كىنو شىركىتىنى قۇرغان. 1912-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى ھىندىستاننىڭ تۇنجى فىلىمى بارلىققا كەلگەن. 1913-يىلى ھىندىستانلىقلارنىڭ ئۆزى ئىشلىگەن تۇنجى فىلىم «Raja Harish chandra» «راجا خارىش چاندرا» ئىنتايىن قارشى ئېلىنغان، شۇڭا دۇندراج ھىندىستاننىڭ كىنو ئاتىسىغا ئايلانغان.

تۇنجى ئەۋلاد ھىندىستان فىلىملىرى

1913-يىلىدىن 1920-يىلىغىچە ھىندىستان جەمئىي 20 فىلىم ئىشلىگەن، بۇنىڭ ئىچىدە ھىندىستانى شىركىتى يۇقىرى باھاغا ئېرىشكەن؛ لوندونغا كېلىپ كىنو قويغان، ئەنگىلىيە تاماشىبىنلىرىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرىشىگە ئېرىشكەن، شۇندىن باشلاپ ھىندىستان كىنو بازىرىنىڭ ئورنى تىكلەنگەن.

ھىندىستاننىڭ ئاۋازسىز كىنو گۈللىنىش مەزگىلى

1921-يىلىدىن 1930-يىلىغىچە بولغان بۇ ئون يىلدا ھىندىستان 200گە يېقىن كىنو ئىشلىگەن. 1922-يىلى ھىندى-ئېنگىلىز قېنىدىن بولغان ئارغۇن ئايال چولپان پاتىنىس كۇپېر (Patience Cooper) ئورۇنلىغان PatiBhaktiدا سۆيۈشۈش كۆرۈنۈشى پەيدا بولۇپ، ھىندىستان فىلىمىدىكى تۇنجى سۆيۈشۈشكە ئايلانغان. 1922-يىلى كالكۇتتا سەنئەت بېجى يىغىشقا باشلىغان.

ھىندىستاننىڭ ئاۋازلىق كىنو مۇساپىسىنىڭ باشلىنىشى (1931-يىلىدىن 1947-يىلىغىچە)

يېڭى كىنوچىلىق شىركىتى يامغۇردىن كېيىنكى بامبۇكتەك بەس-بەستە قۇرۇلغان. كىنو بىر خىل مۇھىم ساھەگە ئايلىنىپلا قالماستىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە سەنئەتنىڭ ئىپادىلەشنىڭ بىر خىل ۋاستىسىگە ئايلانغان، سەككىزىنچى سەنئەت دەپ ئاتالغان.

1931-يىلى تۇنجى ئاۋازلىق فىلىم AlamAra بارلىققا كەلگەن، بۇ فىلىم قىسمەن فانتازىيەلىك ھېكايە فىلىم بولۇپ، ئۇنىڭ مەنزىرىسى ئىنتايىن گۈزەل، فىلىمدە ناخشا-ئۇسسۇل ناھايىتى كۆپ، دىئالوگنىڭ ھەممىسىدە ئاممىباب، چۈشىنىشلىك بولغان ھىندى تىلى ئىشلىتىلىپ ھىندىستان تاماشىبىنلىرىنىڭ ئىنتايىن قىزىقىشىنى قوزغىغان.

بۇ فىلىم تۇنجى قېتىم قويۇلغان كۈنى مەيدان ئىچى-سىرتى ئىنتايىن قىستاڭچىلىق بولغان، ساقچىلار تەرتىپ ساقلىغان. فىلىمدە جەمئىي يەتتە ناخشا بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى «تەڭرىنى نامى ماڭا مۇھەببەت ئىنئام قىلىدۇ» ھىندىستاننىڭ تۇنجى كىنو ناخشىسى بولغان، بۇ فىلىم ھىندىستاننىڭ ناخشا-ئۇسسۇللۇق فىلىمىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلانغان.

بۇ مەزگىلدە جەمئىي 27 كىنو تۆت خىل يەرلىك تىلدا ئاۋازلىق ئىشلەنگەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئۈچى بېنگال تىلىدىكى فىلىم، يەنە تامىل تىلى ۋە تېلۇگۇس تىلىدىمۇ ھەرقايسىدىن بىر قىسىمدىن بار. «شىرىن ۋە فەرھاد» ھىندىستاندىكى ئىككىنچى ئاۋازلىق فىلىم، فىلىمدە 17 ناخشا بار بولۇپ، ناھايىتى ئۆزگىچىلىككە ئىگە ھەم ئىنتايىن قارشى ئېلىنغان.

1937-يىلى 1938-يىلىغىچە ئىككى يىلدا ھىندىستان كىنوچىلىقى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ ئارقا-ئارقىدىن «ھىندىستان فىلىم ئىشلىگۈچىلەر جەمئىيىتى» ۋە «ھىندىستان فىلىم تارقاتقۇچىلار جەمئىيىتى» قۇرۇلغان، مادراستا «جەنۇبى ھىندىستان كىنو سودا ئۇيۇشمىسى» قۇرۇلغان. بۇ ئورگانلار بار بولغاندىن كېيىن، زور مىقداردا ئىشلەپچىقىرىش ۋە سودا خاراكتىرلىق پائالىيەت كۆپىيىپ ھىندىستان كىنوچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن. 1940-يىلىغا كەلگەندە ھىندىستاننىڭ كىنوچىلىق شىركەتلىرى پۈتۈن مەملىكەتتىكى كارخانىلار ئىچىدە 8- ئورۇندا تۇرغان، دۇنيادىكى كىنوچىلىق شىركەتلىرى ئىچىدە 4-ئورۇندا تۇرغان. كىنوچىلىك كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار 40 مىڭ كىشى، كىنو سىتۇدىيەسى 75، تارقىتىش ئورنى 250، كىنوخانا 1496، ھەر يىلى ئوتتۇرىچە ئىشلەپچىقىرىدىغان كىنو 200 قىسىمغا يەتكەن.

كىنونىڭ چەكلىنىشى ۋە قارشىلىشىش

1940-يىللاردا ھىندىستان كىنولىرىنىڭ مەزمۇنىدا ئۆزگىرىش بولغان، رېئاللىق ۋە تارىخنى ماتىرىيال قىلغان كىنولار كۆپەيگەن. «چېقىلغىلى بولمايدىغان كىشى» ھىندىستاننىڭ جەمئىيەت مەسىلىسىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن داڭلىق فىلىم بولۇپ، ئۇ ھىندىستاننىڭ سەرگەردان تۈزۈمىنى تەنقىد قىلغان. فىلىمدە ھىندىستان جەمىيىتىدىكى نەچچە يۈز مىلىيونلىغان سەرگەرداننىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى كۆرسىتىلگەن.

ئەنگىلىيە ئۇرۇش بىلەن مۇناسىۋەتسىز فىلىملەرنى سۈرەتكە ئېلىشنى قاتتىق چەكلىگەن. ھىندىستان دۆلەت پارتىيەسى بۇنىڭغا قارىتا «ناۋادا ئەنگىلىيە ھىندىستانغا مۇستەقىللىق ۋە دېموكراتىك ھوقۇق بەرمىسە، ھىندىستان ناتسىست ۋە فاشىسىزىمغا قارشى ئۇرۇشنى قوللىمايدۇ.» دېگەن. ئەنگىلىيە ھىندىستانلىق فىلىم ئىشلىگۈچىلەر ھەر يىلى بىر قىسىم فاشىسىزىمغا قارشى ئۇرۇشنى مەزمۇن قىلغان فىلىم ئىشلىشى كېرەك، بولمىسا ھۆكۈمەتكە كىنو ئىشلەش ماتىرىيالى بېرىلمەيدۇ دەپ ئۆزئارا قارشىلاشقان. گەندىنىڭ تەشەببۇسلىرىنى تەشۋىق قىلغان، مىللىي داھىي ئوبرازىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن فىلىملەرنىڭ ھەممىسى سۈرەتكە ئېلىنىش ۋە قويۇلۇش چەكلەنگەن.

ئۇرۇشتىن كېيىن

«زىمىن ئوغلى» بۇ فىلىم 1943-يىلى بېنگال شىتاتىدا يۈز بەرگەن چوڭ ئاچارچىلىقنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ، بۇ قېتىملىق قورقۇنچلۇق ئاپەتنى تەسۋىرلەپ بەرگەن، ئوزۇقلۇققا ئېرىشىش ئۈچۈن كىشلەر ئۆزئارا بىر-بىرىنى قىرغىن قىلغان مەزمۇنلار ئەينەن ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. بۇ فىلىم دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ياخشى باھاغا ئېرىشكەن.

ئىككىنچىسى «نامراتلار رايونى» بولۇپ، ئۇ بىر رېئالىزىم ئەسىرى، فىلىمدە سېلىشتۇرۇش تەسۋىرلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر ئولتۇراق رايونى ۋە جەمئىيەتنىڭ تۆۋەن قاتلىمىدىكى نامراتلار رايونىنىڭ غايەت زور پەرقىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا جەمئىيەت قاتلىمىنى تەنقىد قىلغان، بۇ فىلىم 1947-يىلى فرانسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن كىنو بايرىمىدا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

مۇستەقىللىقتىن كېيىن

ئىلگىرى ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى چەكلىگەن ھەرخىل ئەدەبىيات سەنئەت ئەسەرلىرى ئارقا-ئارقىدىن بارلىققا كەلگەن، بىر قىسىملىرى كىنو قىلىپ ئىشلەنگەن. ئەنگىلىيە چەكلىگەن كىتابلاردىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن ھىندى تىلى ۋە بېنگال تىلىدىكى كىنولار ئىنتايىن قارشى ئېلىنغان. 1948-يىلى گەندى قازا قىلغاندىن كېيىن كىنو شىركەتلىرى گەندىگە تەزىيە بىلدۈرۈشنى باش تېما قىلغان مەخسۇس فىلىملەرنى ئىشلىگەن. «قەھرىمان»، «مەجبۇرلاش» قاتارلىق فىلىملەردە ۋەتەنپەرۋەرلىك باش تېما قىلىنغان بولۇپ، كىنوغا قىستۇرۇلغان ناخشا :« ئەنگىلىيەلىكلەر يوقال!» ھىندىستانلىقلارنىڭ ئەنگىلىيەنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا بولغان نارازىلىقىنى تولۇق ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەن.

1947-يىلىدىن ئىلگىرى بىر قىسىم ئەنگىلىيەگە قارشى فىلىملەر بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا ئەنئەنىۋى تارىخ ياكى ھىندى دىنىنى ئاساسلىق كىنو ماتىرىيالى قىلغان، ئەينى ۋاقىتتا ئەنگىلىيە ۋە ھوللىۋود كىنولىرى بار بولسىمۇ، ئەمما ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيىتقاندا ھىندىستاننى كىنوچىلىق يەنىلا پېچەتلەنگەن دۆلەت دېيىشكە بولىدۇ. 1952-يىلى بومباي ۋە كالكۇتتادا ھىندىستان كىنو بايرىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، ھىندىستاننىڭ كىنوچىلىق بىلەن شۇغۇللانغۇچى خادىملىرى ئىتالىيە، فرانسىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كىنولىرى بىلەن ئۇچىرىشىپ ئىلھام ئالغان. شۇ ۋاقىتلاردا ئىشلىگەن «ئىككى مو يەر» خەلقئارالىق مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، ھىندىستان كىنوچىلىرى ئاخىرى خەلقئارا سەھنىگە چىققان.

50-يىللاردىكى ھىندىستان كىنوچىلىقىنىڭ يېڭى بەلگىسى

1951-يىلى راجى كاپۇر ئۆزى رېژىسسورلۇق قىلىپ ئۆزى رول ئالغان «سەرگەردان» فىلىمى سالاھىيەت تۈزۈمى ئادەم ئۆلتۈرىدىغان جەمئىيەتنى رېئال تەسۋىرلىگەن فىلىم بولۇپ، ھىندىستان كىنوچىلىقىنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىنىڭ بەلگىسىگە ئايلانغان. بۇ فىلىم يېڭىچە سەنئەت ئۇسلۇبى ۋە سۈرەتكە ئېلىش تېخنىكىسى ئارقىلىق جەمىيەتتىكى يېڭى پىكىر ئېقىمى كىنوسىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن، جۇڭگودا ئىنتايىن قارشى ئېلىنغان.

ھىندىستاننىڭ رەڭلىك كىنو دەۋرىنىڭ باش كۆتۈرۈشى

1951-يىلى ھىندىستان رەڭلىك كىنو دەۋرىگە قەدەم قويغان. ئەنگىلىيەگە قارشى تۇرۇش باش تېما قىلىنغان «JHANSI KI RANI» بولسا چوڭ تىپتىكى رەڭلىك تارىخى ھېكايە فىلىم. 1954-يىلىدىكى فىلىم «گاچا قىز» ھىندىستاننىڭ ئۆزى ئىشلىگەن رەڭلىك فىلىم بولۇپ ئىنتايىن قارشى ئېلىنغان.

بوللىۋودنىڭ بارلىققا كېلىشى

1977-يىلى ھىندىستان مومباي (بومباي)دا كىنو شەھىرى قۇرۇلغان، كۆلىمى 200 گېكتاردىن چوڭ كىنو ئىشلەش بازىسى، بۇ ھىندىستاندىكى ئەڭ چوڭ كىنو سىتۇدىيەسى بوللىۋود (Bollywood) دەپ ئاتالغان، چۈنكى مومباينىڭ ئېنگىلىزچە كونا ئىسمى بومباي، ئەقىللىق ھىندىستانلىقلار مومبايدىكى كىنو ئىشلەش بازىسىنى بوللىۋود دەپ ئاتىغان.

ئەلۋەتتە ھىندىستاننىڭ بومباي بىردىنبىر كىنو ئىشلەش بازىسى ئەمەس. ئەمما بوللىۋود كۆلەم ۋە ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى جەھەتتىن بولسۇن ھىندىستاندا ئەڭ چوڭ، ھىندىستان ھەر يىلىغا 1500 قىسىم كىنو ئىشلەپچىقىرىدۇ، بۇنىڭ يېرىمىنى بوللىۋود ئىشلەپچىقىرىدۇ، ھەتتا كىنو ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ھوللىۋودنىڭكىدىنمۇ ئېشىپ كېتىدۇ. ھىندىستاندا ھەر كۈنلىكى نەچچە ئون مىلىيون كىشى ئۆچىرەتتە تۇرۇپ بوللىۋود كىنولىرىنى كۆرىدۇ.

گەرچە كىنوچىلىق كۆلىمى زور، ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرسىمۇ، ئەمما بېلەت كىرىمى تۆۋەن، پەقەت %5 پايدىغا ئېرىشىدۇ.

ھىندىستان كىنولىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى

كۆپلىگەن ھىندىستان كىنولىرىدىكى ھېكايە سىنارىيە ئىلھامى «رامايانا» ۋە «ماخابخاراتا» ئىككى چوڭ تارىخى داستان ۋە دىنىي رىۋايەتتىن كەلگەن، مەسلەن كۆپتۈرۈلگەن قىساس ئېلىش، مۇھەببەت ۋەقەلىكلىرى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن، ئۆزگەرمەيدىغان فورمۇلالاشقان ۋەقەلىكلەر ھىندىستان خەلقىنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشكەن. فىلىمدىكى MTV ناخشىلار ھىندىستان كىنولىرى بىلەن دۇنيانىڭ باشقا جايلىرى كىنولىرىنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك پەرقىگە ئايلانغان، ئوخشاشلا ھىندىستان فىلىملىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئايلانغان. شۇ سەۋەبتىن بىز ھىندىستان كىنولىرىدا ناخشا بولمىسا كىنو بولمايدۇ دېيەلەيمىز.

بوللىۋود كىنوچىلىقىنىڭ باش ئاغرىقى

بوللىۋودتىكى ئىشچىلار مائاشى تۆۋەن ھەم كاپالەتسىز ۋاقىتلىق ئىشچىلار. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ كاساتلىشىغا ئەگىشىپ نەپ تەگمىگەن ئەھۋالدا بوللىۋودنىڭ كىنو ئىشلەش مىقدارى چۈشۈپ كەتتى، بۇ قىسقا مەزگىللىك ئىشچىلار ئاچ قېلىشقا باشلىدى، بوللىۋود فىلىملىرىنىڭ شان شۆھرىتى ئارقىسىدا، كىشلەر ئۇلارنىڭ تام تۈۋىدىكى نالىسىنى ئاڭلىيالمايدۇ. چولپانلارنىڭ مائاشى ئۆسكەن بولسىمۇ، ئەمما فىلىمنىڭ بېلەت كىرىمى ئاشمىدى، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ مەبلەغ سېلىش قىزغىنلىقىمۇ تۆۋەنلىدى، چولپانلارغا بېرىدىغان مائاش تېخىمۇ كۆپەيدى، ئىشلەپچىقىرىشتىن چەتكە قېقىلىش ئېففېكتى تەسىرى خادىملارنى ئازايىتتى، ھەتتا تەھرىرلەشمۇ چوڭ تەسىرگە ئۇچىرىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قاراڭغۇ يولمۇ بوللىۋودقا سىڭىپ كىردى، ھىندىستان كىنوچىلىقى ھەر يىلى ئوتتۇرچە 80 مىلىيون دوللارغا يېقىن زىيان تارتىدۇ.

ھىندىستان ئوتتۇرىچە ھەر كۈندە ئىككى كىنو ئىشلىيەلەيدۇ، ھەر يىلى 1500 پارچىدىن ئارتۇق كىنو ئىشلەيدۇ، ھوللىۋودنىڭ نەچچە ھەسىسىگە تەڭ كېلىدۇ، كىنوچىلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك خادىملار 6 مىلىيون 500 مىڭ كىشىگە يېتىدۇ، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 60 مىلىيارد رۇپىيەگە يېتىدۇ.