ئەگەر دىنوزاۋرنىڭ نەسلى قۇرىمىغان بولسا، كېيىن ئىنسانلار پەيدا بولارمىدى؟
0
2017-11-20 16:31:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

ئىنسانلارغا نىسبەتەن دىنوزاۋرلارنىڭ دەۋرى ئۆتۈپ كەتكىلى ناھايىتىمۇ ئۇزۇن بولدى، ئون مىليونلار ئىلگىرى بۇ قورقۇنچلۇق جانلىقنىڭ نەسلى تەلتۆكۈس قۇرۇپ كەتتى، ھالا بۈگۈن ئىنسانلار پەقەت يىراق قەدىمدە ساقلىنىپ قالغان ئىزنالارغا ئاساسەن، بۇ خىل جانلىقنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى پەرەز قىلىشماقتا.

بىر دەۋرنىڭ ھۆكۈمرانى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دىنوزاۋرلار ئۆز زامانىدىكى باشقا جانلىقلارنى ئەزگەن، سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارمۇ بۇنىڭ ئىچىدە، ئۇنداقتا تاسادىپىيلىق يۈز بەرمەي، دىنوزاۋرنىڭ نەسلى قۇرىمىغان بولسا، كېيىن ئىنسانلارمۇ پەيدا بولارمىدى؟

ئالدى بىلەن، دىنوزاۋرنىڭ دەۋرى بىلەن تونۇشۇپ ئۆتەيلى، دىنوزاۋرلار ياشىغان دەۋر ئوتتۇرا ھايات ئېراسى دەۋرىدىن باشلانغان، ئاندىن بور دەۋرىنىڭ كېيىنكى دەۋرىدە ئاياغلاشقان، بۇ دەۋرنىڭ چات ئارىلىقى تەخمىنەن 200 مىليون يىل ئەتراپىدا، بۇ دەۋردە ھەرقانداق شەكىلدىكى ئىنسانلار مەۋجۇت ئەمەس، ھەتتا پىرىماتلار تۈرىمۇ مەۋجۇت ئەمەس ئىدى.

ئۇنداقتا پىرىماتلار تۈرى قاچان پەيدا بولغان، جاۋابى 56 مىليون يىل ئىلگىرى، بۇ دەۋردە ئوتتۇرا ھايات ئېراسى ئاياغلاشقان، يەر شارى يېڭى كاينوزوي ئېراسىغا قەدەم قويغان، ھالبۇكى، پىرىماتلار دەل كاينوزوي ئېراسىنىڭ بىرىنچى دەۋرىدە پەيدا بولغان، يەنى پالېئوگېن دەۋرىدە پەيدا بولغان، پالېئوگېن دەۋرى ئۈچ دەۋرگە بۆلۈنىدۇ، بىرىنچى دەۋر قەدىمكى يېڭىلىنىش دەۋرى دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ دەل پىرىماتلارنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى.

بەزىلەرنىڭ قارىشىچە، دىنوزاۋرلار قەدىمكى يېڭىلىنىش دەۋرىگىچە ساقلىنىپ قالغان بولسىمۇ، ئىنسانلار ئوخشاشلا پەيدا بولىدىكەن. چۈنكى ئۇندىن بۇرۇن سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار تەبىئەتكە كەڭ تارقالغان، ئىنسانلار سۈت ئەمگۈچىلەرنىڭ بىر تۈرى بولغاچقا، تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ پەيدا بولىدىكەن. بۇنىڭ ئەكسىچە، يەنە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ قارىشىچە، ئەگەر دىنوزاۋر داۋاملىق مەۋجۇت بولغان بولسا، ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇتلىقى شاپپىدە توختاپ قالىدىكەن، چۈنكى دىنوزاۋرلار تەبىئەتتە ئەڭ ئەۋزەل ئېكىلوگىيەلىك ئورۇننى ئىگىلىگەچكە، تەبىئەتتىكى نۇرغۇن بايلىقلار دىنوزاۋرلارغا ياردەم قىلىپ، ئۇلارنىڭ تېخىمۇ زورايتىدىكەن، پىرىماتلار مەۋجۇت بولۇپ تۇرسىمۇ، لېكىن تەدرىجىي تەرەققىياتى توختاپ قالىدىكەن.

مەن بۇ ئىككى خىل قاراشنىڭ كېيىنكىسىگە مايىل، دىنوزاۋر ئىگىلىۋالغان بايلىق بەك كۆپ، ئەگەر ئەينى ۋاقىتتا ئىنسانلار پەيدا بولغان بولسا، دىنوزاۋردىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن، كېچىسى ھەرىكەت قىلىدىغان جانلىققا ئايلىنىپ قالغان بولاتتى، شۇنىڭ بىلەن ئىنسانلار توپىنىڭ سانى باشتىن-ئاخىرى بىر دائىرىدىلا چەكلىنىپ قالاتتى، ھازىرقى ئەقىللىق ئىنسانلارمۇ بولمىغان بولاتتى.

كېپىنەك ئېففېكتى تەبىئەتنىڭ ھەممە يېرىگە تارالغان، تارىختا كىچىككىنە ئۆزگىرىش بولسىمۇ، ئۇ كەلتۈرۈپ چىقارغان نەتىجە قەتئىي ئوخشىمايدۇ.

گەرچە دىنوزاۋر بىلەن ئىنسانلارنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى بولمىسىمۇ، لېكىن تەبىئەت دىنوزاۋرلارنى يوقىتىشنى تاللاپ، ئىنسانلارغا بوشلۇق ھازىرلاپ بەردى، شۇڭا دىنوزاۋرلار يوقالمىغان بولسا، ئىنسانلارمۇ بولمىغان بولاتتى، شۇڭا بۇنى تەبىئەتنىڭ تاللىشى دېيىشكە بولىدۇ....