ئەينى يىللاردا قاتتىق دەۋر سۈرگەن كىچىك زېرەك نېمە ئۈچۈن تارىخقا ئايلاندى؟
0
2017-11-22 16:35:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

كىچىك زېرەك نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن ناتونۇش ئەمەس، «ئىش بولسا مېنىڭ كىچىك زېرەك يانفونۇمغا تېلېفون قىل، تېلېفون قوبۇل قىلسا پۇل كەتمەيدۇ». ئەينى ۋاقىتلاردا كىچىك زېرەك مۇھىت ئاسرايدىغان، ھەققى تۆۋەن، ئۇدا ئىشلىتىش ۋاقتى ئۇزۇن قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن بىر مەھەل مودا بولغان ئىدى، بىراق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ 2009-يىلى ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشىدا، كىچىك زېرەكنىڭ 2011-يىلى يىل ئاخىرىدا چېكىنىپ چىقىشى تەلەپ قىلىنغان. خۇددىي چاقىرغۇ ئاپپاراتىغا ئوخشاش، مەملىكەت ئىچى بازىرىدا 10 نەچچە يىللىق تەرەققىياتنى باشتىن كەچۈرگەن كىچىك زېرەكمۇ شۇنىڭ بىلەن ئاستا-ئاستا تۇرمۇشىمىزدىن يىراقلاپ، كىشىلەرنىڭ ئەسلىمىسىگە ئايلىنىپ كەتتى.

2014-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى، بېيجىڭ بىرلەشمە خەۋەرلىشىشى شىركىتى كىچىك زېرەك مۇلازىمىتىنى توختىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىچىك زېرەك مۇلازىمەت ئورۇنلىرىمۇ ئارقا-ئارقىدىن مۇلازىمەتنى توختىتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. بۇ دۆلەت ئىچىدە 16 يىل تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىپ پۈتۈن مەملىكەتكە كەڭ تارقالغان كىچىك زېرەكنىڭ تارىخى سەھنىسىدىن چېكىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئۇنداقتا، كىچىك زېرەك دېگەن زادى نېمە؟

كىچىك زېرەك، سىمسىز شەھەر ئىچى تېلېفونى (Personal access System) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئىلگىرى ياپونىيەدە ئىشلىتىلگەن بىر خىل شەخسىي سىمسىز ئۇلاش سىستېمىسى. ئۇ مىكرو كۆنەكسىمان تور ئاساسىي پونكىتى ئارقىلىق سىمسىز قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئابونتنى (سىمسىز شەھەر ئىچى تېلېفونى) سىمسىز ئۇلاش شەكلى بىلەن شۇ جايدىكى تېلېفون تورىغا كىرگۈزىدۇ، يەنى ئەنئەنىۋى مۇقىم تېلېفوننى سىمسىز تور قاپلىغان دائىرىدىكى ئەركىن يۆتكىلىشچان تېلېفون ئورنىدا ئىشلىتىش بىلەن ئوخشاش. ھەرقانداق ئورۇندا، ھەرقانداق ۋاقىتتا تېلېفون قوبۇل قىلغىلى، شەھەر ئىچى، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارالىق ئۇزۇن يوللۇق تېلېفون ئۇرغىلى بولىدۇ.

بۇرۇن كىچىك زېرەكنىڭ ئىستېمالچىلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب مۇلازىمەت سۈپىتى بولماستىن بەلكى ئىشلىتىش ھەققىنىڭ تۆۋەنلىكىدە. ئەمما ئەڭ چوڭ يېتەرسىزلىكى سېگنالى ناچار ھەم پەقەت ئۆز جايىدىلا ئىشلەتكىلى بولىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، كىچىك زېرەك دەسلىپىدە گەرچە ئىستېمالچىلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، بىراق ئىشلىتىدىغان ئادەم سانى يەنىلا ئاز بولغان، ئۇنىڭ ئىچىدىكى كۆپلىگەن كىچىك زېرەك ئابونتلىرى مۇقىم تېلېفون ياكى جۇڭگو تېلېگرافىنىڭ كەڭ بەلباغ كەسپى بىلەن مەجبۇرىي باغلاپ تۇرۇپ ئىشلىتەتتى.

ئۇنداقتا، ئىلگىرى پۈتۈن مەملىكەتكە كەڭ تارقالغان كىچىك زېرەكنىڭ بازاردىن چېكىنىپ چىقىشىنىڭ سەۋەبى نېمە؟

1. كىچىك زېرەكتە سەييارە سۆزلەشكىلى بولمايدۇ.

كىچىك زېرەكنى ھازىرقى يانفونلارنى ئىشلەتكەنگە ئوخشاش پۈتۈن مەملىكەتتە سەييارە كېزىپ يۈرۈپ ئىشلەتكىلى بولمايدۇ، ئىقتىدارى جەھەتتە ھازىرقى يانفونلار بىلەن باشتىن-ئاخىر چوڭ پەرق ساقلانغان.

2. كىچىك زېرەكنىڭ قاپلىشىنى ناچار شۇنداقلا تور بىلەن قاپلىنىش دائىرىسى ياخشى ئەمەس.

ئادەتتە شەھەر ئىچى بىلەنلا چەكلىنىپ قالىدۇ. سېگنالى بىرقەدەر ناچار، ئاساسىي پونكىتى ئاز، شەھەردىكى قىسمەت جايلاردا راۋان پاراڭلاشقىلى بولمايدۇ، توك توختاپ قالسىلا ئىشلەتكى بولمايدۇ.

3. كىچىك زېرەكنىڭ ئىقتىدارى ناچار.

ئاپتوموبىل سۈرئىتى 40 كىلومېتىر بولغاندا پاراڭلىشىش گاھى ئۈزۈلۈپ قالىدۇ. گەرچە ياپونىيە تېخنىكىسىنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلاپ تۇرغان بولسىمۇ، بىراق دۆلەت ئىچىدە ئاساسى جەھەتتىن تەرەققىي قىلالمىدى.

4. كىچىك زېرەككە قوللىنىلغىنى شاللىنىپ كەتكەن 2G تېخنىكىسى.

كىچىك زېرەككە قوللىنىلغىنى شاللىنىپ كەتكەن 2G تېخنىكىسى بولغاچقا، ئەسلىدىنلا نۇرغۇن مەسىلىلەر مەۋجۇد ئىدى.

يىغىپ ئېيتقاندا، كىچىك زېرەك ئالاھىدە ۋاقىتتا، ئالاھىدە ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، تېلېگراف كارخانىسى بازار رىقابىتىگە ماسلىشىش ئۈچۈن بارلىققا كەلتۈرگەن بىر قېتىملىق تاللاش.

W020171122372155998420.png