رونالدونىڭ «گۇاڭشى جىنساڭزى»غا ئوبراز ۋەكىلى بولۇشى ئارقىسىدىكى ھېكايە
0
2017-12-11 16:25:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

«保护嗓子,我用金嗓子,广西金嗓子گېلىمنى ئاسراستا مەن جىنساڭزىنى ئىشلىتىمەن. گۇاڭشى جىنساڭزى». ئېلاننىڭ قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، رونالدو بىر قاپ «جىنساڭزى»نى كۆتۈرگىنىچە پەيدا بولىدۇ، بۇ ئېلان كۆپچىلىككە ناتونۇش ئەمەسقۇ دەيمەن. بۇ ئېلان قويۇلۇشتىن بۇرۇن «گۇاڭشى جىنساڭزى» تېخى نامى چىقمىغان بىر كىچىك كارخانا ئىدى، كۆپچىلىك رونالدونىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ ئېلانغا ئوبراز ۋەكىلى بولۇپ بەرگەنلىكىنى مۇنازىرە قىلىشىۋاتقان ۋاقىتتا، «گۇاڭشى جىنساڭزى شىركىتى» مۇنازىرە سادالىرى ئىچىدە بىلىش دەرىجىسىگە ئېرىشىپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بازىرىنى ئېچىۋالدى.

كۆپچىلىكنىڭ پەرەز قىلغىنىغا ئوخشاش، بۇ ئېلاننىڭ كەينىدە كىشىلەر بىلمەيدىغان بىر ھېكايە يوشۇرۇنغانىدى. ئەھۋالنى بىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ ئىشنى 2003-يىلىغا سۈرۈشكە توغرا كېلىدىكەن، ئەينى ۋاقىتتا رونالدو خانلىق مادىرىد كوماندىسىغا ئەگىشىپ جۇڭگوغا كېلىدۇ. «جىنساڭزى»نىڭ قۇرغۇچىسى جياڭ پېيجېن رونالدو بىلەن ئالاقىلىشىپ، 300 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى چىقىرىپ رونالدونى زىياپەتكە تەكلىپ قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن رونالدو گۇگۇڭ سارىيىنى زىيارەت قىلىش پىلانىدىن ۋاز كېچىپ، مۇسابىقىنىڭ ئالدىدىكى بىر سائەتتە زىياپەتكە قاتناشقىلى كېلىدۇ.

تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، رونالدو چۈشكەن بېيجىڭ مېھمانسارىيى بىلەن زىياپەت ئورنى چاڭئەن كۇلۇبىنىڭ ئارىسىدا پەقەت بىرلا يول (چاڭئەن كوچىسى) بار بولۇپ، ئوتتۇرىسىدىكى توسۇش رىشاتكىسىدىن ئۆتكىلى بولمايتتى. بىراق تورداشلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا رونالدو رىشاتكىنى قايرىۋېتىپلا بېنىز ماشىنىسىنى ھەيدەپ كۇلۇبقا كەلگەن. رونالدو نەق مەيداندىكى ئېكران شۇنداقلا ئۆزىگە قالماي ئەگىشىپ كېلىۋاتقان كامېرالاردىن گۇمانلانغان، بىراق ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا «ئىچكى قىسىمدا تەشۋىقات قىلىش ئۈچۈن» دېگەن سۆزلەرگە ئىشەنگەن.

ئەينى ۋاقىتتا رونالدونىڭ توپ ئېلىش مېڭىش ۋە ۋاراتارغا ئۇرۇش قاتارلىق قالتىس ماھارەتلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىش تەلەپ قىلىنغان، يەنە جياڭ پىجېن بىلەن سۆھبەتلەشكەن. جياڭ پىجېن كۆيۈمچانلىق بىلەن ئۇنىڭ توپ پايپىقىنى تۈزەشتۈرۈپ قويۇپلا قالماستىن، يەنە يېقىنچىلىق بىلەن ئۇنى «ياخشى ئوغلۇم» دېگەن. كېيىن رونالدونىڭ يەنە «قېرى ئەپەندىنىڭ سۈرىتى بار قۇتا»نى تۇتۇپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈشىنى تەلەپ قىلغان. شۇنداق قىلىپ بۇ بىر قېتىملىق زىياپەت ئوبراز ۋەكىلىنى ئېلان سۈرىتىگە تارتىش نەق مەيدانى بولۇپ قالغان، بۇ ئىشقا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بىر سائەتمۇ كەتمىگەن.

بۇ ئېلاننىڭ پەردە ئارقىسىدا پىلانلىغۇچىسى دەل «جىنساڭزى»نىڭ قۇرغۇچىسى جياڭ پىجېن بولۇپ، ئۇمۇ رىۋايەتلىك تۈسكە ئىگە بىر شەخىس. جياڭ پىجېن 13 يېشىدا «ليۇجۇ كەمپۈت زاۋۇتى»غا كىرىپ شاگىرت بولىدۇ، ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت بىلىمى جەھەتتە ئارقىدا قالغانلىقىنى ھېس قىلغاندىن كېيىن ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىكلىرىنى تۈگىتىدۇ، شۇنداقلا 18 ياش ۋاقتىدا كەمپۈت زاۋۇتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولىدۇ. 1979-يىلى 33 ياشلىق جياڭ پىجېن كەمپۈت زاۋۇتىنىڭ رەسمىي باشلىقى بولىدۇ.

نەچچە 10 يىللىق تىرىشچانلىق ئارقىلىق، جياڭ پىجېن 50 مىليون يۈەن زىيان تارتقان زاۋۇتنى مەھسۇلات قىممىتى يۈز مىليونغا يېقىنلاشقان چوڭ كارخانىغا ئايلاندۇرىدۇ. بىراق كەمپۈت زاۋۇتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇلارمۇ خام ماتېرىيال باھاسىنىڭ ئۆسۈپ كېتىشى، ماركىنىڭ ئوغرىلىنىشى قاتارلىق مەسىلىلەرگە يولۇقۇپ، ئىستىقبالى نائېنىق ھالەتكە كېلىپ قالىدۇ، جياڭ پىجېن كەمپۈت زاۋۇتىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتمەكچى بولىدۇ.

1993-يىلىنىڭ ئاخىرىدا جياڭ پىجېن «جىنساڭزى گال گۆھىرى»نىڭ ئىجادىيەتچىسى ۋاڭ ياۋفا بىلەن ئۇچرىشىپ قالىدۇ، ۋاڭ ياۋفا «جىنساڭزى گال گۆھىرى»نىڭ رېتسىپىنى ھەقسىز ھالدا جياڭ پىجېنغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ. رەھمىتىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن جياڭ پىجېن ۋاڭ ياۋفانىڭ باش سۈرىتىنى «جىنساڭزى»نىڭ قېپىغا باستۇرىدۇ (2015-يىلىدىن كېيىن جياڭ پىجېننىڭ باش سۈرىتىگە ئۆزگەرتىلگەن). «جىنساڭزى گال گۆھىرى»گە شېكەر ۋە دورا ئارىلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بازاردىكى بوشلۇقنى تولدۇرىدۇ. بىراق ئەينى ۋاقىتتا شۇ تۈردىكى باشقا مەھسۇلاتلارمۇ بار ئىدى، بازارنى ئېچىش ئۈچۈن جياڭ پىجېن خانلىق مادىرىدنىڭ جۇڭگو سەپىرىدىن پۇرسەتنى بايقايدۇ.

ئۇنىڭ پەرەز قىلغىنىدەك، رونالدونىڭ ئېلانى تېلېۋىزىيەدە 4 يىل قويۇلغاندن كېيىن «جىنساڭزى»غا يۈكسەك بىلىش دەرىجىسى يارىتىدۇ. بۇ چاغدا رونالدومۇ ئاخىرى ئۆزىنىڭ «جىنساڭزى»غا «ئوبراز ۋەكىلى» بولغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلايدۇ، ئۇ «جىنساڭزى» ۋە ئېلاننى قويغان مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنى ئەرز قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ، بىراق تەننەرخى بەك يۇقىرى بولغاچقا ۋاز كېچىدۇ. «جىنساڭزى» رونالدونىڭ ئېلانىنى چىقىرىپ تاشلاپ، 14 مىليون 300 مىڭ يۈەن باھا بىلەن يەنە بىر داڭلىق توپچى كاكانى تەكلىپ قىلىپ ئېلان ئىشلەپ، ئۆزىنىڭ نام-ئابرويىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولىدۇ.

1994-يىلى «ليۇجۇ كەمپۈت شىركىتى» «گۇاڭشى جىنساڭزى دورا ياساش شىركىتى»گە ئۆزگەرگەندىلا، جياڭ پىجېن دۆلەت كارخانىسىنى خەلق ئىگىلىكىدىكى كارخانىغا ئۆزگەرتىشنى ئىلتىماس قىلغان ئىدى. رونالدونىڭ ئېلانى بازار ۋەزىيىتىنى ئاچقاندىن كېيىن، جياڭ پىجېنمۇ «گۇاڭشى جىنساڭزى دورا ياساش شىركىتى»نى بازارغا ھۇجۇم قىلىش يولىغا ئېلىپ كەلدى. 2015-يىلى 69 ياشلىق جياڭ پىجېن شياڭگاڭدىكى سودا ئورنىدا پەيدا بولۇپ، كۆپلىگەن ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ باش بېتىدىن ئورۇن ئالدى.