داڭلىق رەسسام ۋان گوخنىڭ ماي بوياق ئەسەرلىرىدىن پۈتكەن فىلىم «ۋان گوخقا مۇھەببەت»
0
2017-12-11 16:58:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

يېقىندا «چۈش ئىزدەش ساياھىتى» ناملىق فىلىم كىنو بازىرىدىكى تۇلپارغا ئايلاندى، شۇنداقتىمۇ بۇ فىلىم ئۆزگىچە ئىشلەنگەن «ۋان گوخنىڭ يۇلتۇزلۇق ئاسماننىڭ سىرى ناملىق ئەسىرىگە مۇھەببەت»(至爱梵高·星空之谜) نىڭ ئۆزگىچىلىكىنى بېسىپ ئۆتەلمەيدۇ، چۈنكى بۇ فىلىم بەكمۇ «ئالاھىدە». فىلىم پۈتۈنلەي ماي بوياق ئەسەردىن كىرىشتۈرۈلگەن، 56800 پارچە ماي بوياق ئىشلىتىلگەن، ھەر سىكۇنىتىغا 12 پارچە ماي بوياق ئىشلىتىلىپ، 90 مىنۇتلۇق فىلىم تاماملانغان. فىلىم ئىشلىگۈچى تەرەپ 6 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ 100 دىن ئارتۇق رەسسامنىڭ ئورتاق تىرىشىشى بىلەن ئاخىرىدا بۇ ئەسەرنى پۈتتۈرگەن، كۆرۈرمەنلەر چوڭ ئېكراندا ئادەتتىكىگە ئوخشىمايدىغان ھېسسىيات بىلەن ۋان گوخنىڭ رەسىم كۆرگەزمىسىنى تاماشا قىلالايدۇ.

بۇ فىلىمنى دوروتا كوبىيلا قاتارلىق بىر قانچەيلەن رېژىسسورلۇق قىلىپ تاماملىغان بولۇپ، داڭلىق رەسسام ۋان گوخ تەۋەللۇتىنىڭ 125 يىللىقىغا ئاتالغان. بۇ فىلىم دۇنيانى ئۇزۇن يىل قىينىغان ۋان گوخنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدىكى سىرنى چۆرىدىگەن ھالدا داۋاملىشىدۇ، بىر سىرلىق خەت ئارقىلىق ۋان گوخنىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى دەملىرى كۆرۈرمەنلەرنىڭ كۆز ئالدىغا يەنە قايتىپ كېلىدۇ، ۋان گوخنىڭ رەسىمى ئارقىلىق ئۆلۈمى قايتىدىن قوراشتۇرۇلىدۇ، كۆرۈرمەنلەر ماي بوياق رەسىملەردىن ھوزۇرلىنىش بىلەن بىللە 19-ئەسىردىكى ياۋروپاغا زامان ھالقىپ بېرىپ قالغاندەك، ۋان گوخ بىلەن ھاياتىنىڭ ئاخىرقى دەملىرىنى بىللە ئۆتكۈزگەندەك ھېسسىياتتا بولىدۇ.

فىلىم ۋەقەلىكى ۋان گوخنىڭ ئىنىسى تىئوغا يازغان خېتىدىن باشلىنىدۇ، ۋان گوخ ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ دوستى ۋان گوخنىڭ ئاخىرقى ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئوغلىنى تىئونىڭ ئادېرىسىنى ئىزدەپ تېپىشقا بۇيرۇيدۇ. يىپ ئۇچىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇ ۋان گوخ ئۆلۈپ كېتىشتىن بۇرۇن ياشىغان جايى ئوۋېر بازىرىغا كېلىدۇ، ئۇ يەردە ئۇ ۋان گوخنى تونۇيدىغانلار بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا ۋان گوخنىڭ ئۆلۈمىدىكى گۇمانلىق نۇقتىلارنى بايقايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھەممە ئادەمدىن سوراپ باقسىمۇ ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلەلمەيدۇ، لېكىن ئۇ بۇ جەرياندا تالانت ئىگىسى ۋان گوخنى ئاستا-ئاستا چۈشىنىدۇ.

مەيلى ۋان گوخنىڭ مەستانىلىرى بولسۇن ياكى بولمىسۇن ھەممە ئادەم ۋان گوخنىڭ ھاياتىنىڭ يالغۇزلۇقتا ئۆتكەنلىكىنى بىلىدۇ، ئۇ ھاياتىنى سەنئەتكە ئاتىغان، لېكىن ئۇنىڭدىمۇ چىن مۇھەببىتىنىڭ بولۇپ ئۆتكەنلىكىنى ئاز ئادەم بىلىدۇ، بۇ فىلىمدە ۋان گوخنىڭ داڭلىق رەسىملىرىنى ئەسلىگە قايتۇرۇش ئارقىلىق ۋان گوخنىڭ مۇھەببەت ھېكايىسى تەسۋىرلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە بۇ فىلىم كۆرۈرمەنلەرگە بىر سوئال تاشلايدۇ، بۇ مۇھەببەت راستمىدۇ؟ ئۇنىڭ ۋان گوخقا بولغان تەسىرى زادى قانچىلىك بولغاندۇ؟ بەلكىم كىنونى كۆرگەن ھەربىر كىشىنىڭ كۆڭلىدە ئۆزى تاپقان جاۋابى بولۇشى مۇمكىن.

كۆپلىگەن سەنئەتكارلار ھەممىسىلا تەنھا ياكى كىشىلەر ئارىسىدىكى ۋاراڭ-چۇرۇڭلاردىن قۇتۇلۇپ چىقىشنى خالايدۇ، يالغۇز تەپەككۇر قىلىش ئۇلار ئارزۇ قىلىدىغان ئەڭ گۈزەل نەرسە. ۋان گوخنىڭ تەنھالىقى ئۇنى بىر تەلۋىگە ئايلاندۇرغان، باشقىلار ئۇنى روھىي كېسەل، ھەتتا ئۆز ئۆلۈمىگە ئۆزى سەۋەبچى دەپ قارىغان. لېكىن ئۇنىڭ تەنھالىقى ئۇنىڭ ئۇلۇغلىقىنىڭ بىر قىسمىدۇر. ۋان گوخنىڭ رەسىملىرىدىكى ھېلىقى غەلىتە شەكىللەر، كۆپتۈرۋېتىلگەن سىزىقلار، ئوچۇق رەڭلەرنىڭ كەينىدە قېلىپ قالغىنى يەنىلا شۇ مەڭگۈلۈك غېرىبلىق.

فىلىمنىڭ ۋەقەلىكى گۇمانلىق نۇقتىلارغا بەلگە ئۇرىدۇ، رەسىمدىكى پېرسۇناژلارنىڭ نۇقتىسىدا تۇرۇپ بايان قىلىدۇ، فىلىم ۋان گوخنىڭ ئۆلۈمىنىڭ سىرىنى ئېچىشقا ئۇرۇنىدۇ، لېكىن بۇ فىلىمنىڭ بىر تاشقى قېپى خالاس، فىلىم تېگىدىن ئېيىتقاندا بىر تەرجىمىھال خاراكتىرىلىك فىلىم. كۆرۈرمەن فىلىمدە قالتىس نادىر ئەسەرلەرنى كۆرۈش بىلەن بىللە ۋان گوخنىڭ قىسقا ئەمما سەلتەنەتلىك ھاياتىنى چۈشىنەلەيدۇ. فىلىمنىڭ خاتىمىسىدە سىرنىڭ نەتىجىسى مۇھىم ئەمەس، لېكىن بۇ تالانت ئىگىسىنىڭ ئىچكى دۇنياسى ۋە ئۇنىڭ ھاياتى كۆرۈرمەننىڭ كاللىسىدا ئورناپ قالىدۇ.

فىلىمنىڭ ئەڭ چوڭ كۆرۈش نۇقتىسى دەل ۋان گوخنىڭ ئېسىل ئەسەرلىرى، تەسەۋۋۇرغا تويۇنغان گۈزەل مەنزىرە رەسىملىرى. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى فىلىمغا راست ئادەمنىڭ ئورۇنلىشى ئاساسىدا ماي بوياق رەسىم تۈسى قوشۇلغان، شۇڭا ھەربىر ھەرىكەت شۇنچىلىك راۋان چىققان. رېژىسسور ۋان گوخنىڭ ئۆلۈمىنى بايان قىلىشنى پۈتۈن فىلىمگە سىڭدۈرۋەتكەن، مۇشۇخىل بايان ئۇسلۇبى ئارقىلىق گۇمانلىق تۈردىكى فىلىملەرگە ئوخشاش شەكىلدە ۋان گوخنىڭ ھاياتىنى تەسۋىرلەپ بېرىدۇ، مەيلى كۆرۈرمەن ۋان گوخنى قانچىلىك چۈشەنسۇن، فىلىمدىن ئۆزگىچە بىر تۇيغۇغا كېلىدۇ.

فىلىم 12-ئاينىڭ 8-كۈنى جۇڭگودا تۇنجى قويۇلدى، ۋان گوخنى ياقتۇرىدىغان ياكى رەسىمدىن ھوزۇرلىنىشنى ياخشى كۆرىدىغانلارنىڭ بۇ فىلىمنى چوقۇم كۆرۈپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.