بىر قىسىم تۇرمۇش بۇيۇملىرىنىڭ 100 يىل بۇرۇنقى ۋە ھازىرقى نۇسخىسى
0
2018-01-03 17:42:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

ھازىر پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى تېز بولۇۋاتىدۇ، 100 يىل بۇرۇنقى بەزى كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىغا قارايدىغان بولساق، بىز بەلكىم كۆزىمىزگە ئىشەنمەي قېلىشىمىز مۇمكىن! بۇ بۇيۇملارنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسى گەرچە ئاددىي، قوپال ۋە قىزىقارلىق بولسىمۇ بىراق ئۇلار كەلگۈسىدىكى تېخنىكا ئۈچۈن يول ئېچىپ بەرگەن. تۆۋەندە بىز كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا دائىم ئىشلىتىلىدىغان بىر قىسىم بۇيۇملارنىڭ بۇرۇنقى ۋە ھازىرقى نۇسخىسىنى سېلىشتۇرۇپ باقايلى:

1. مائۇس

دۇنيادىكى تۇنجى كومپىيۇتېر مائۇسىنى دوۋگىلاس ئېنگىلىبارت 20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا كەشىپ قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا «كۆرسىتىش سىستېمىسىنىڭ XY (ئابزىسا ۋە كوئوردىنات) ئورنىنى كۆرسەتكۈچ» دەپ نام بېرىلگەن ئىدى. ئۇ چاغدىكى مائۇس تىك تۆت تەرەپلىك شەكىلدە بولۇپ، ياغاچتىن ياسالغان ئىدى.

ھازىر ھەتتا مەخسۇس ئويۇن ئوينىغۇچىلار ئۈچۈن لاھىيەلەنگەن مائۇسلارمۇ مەيدانغا كەلدى. مەسىلەن: سۈرەتتىكى RAT7 تىپلىق مائۇس مېتالدىن ياسالغان بولۇپ، USB ئېغىزى ئارقىلىق كومپىيۇتېرغا ئۇلىنىدۇ، ئىشلەتكۈچىلەر ئۆز ئېھتىياجىغا ئاساسەن مائۇسنىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە ئېغىرلىقىنى خالىغانچە تەڭشىيەلەيدۇ.

2. بوۋاقلار ھارۋىسى

دۇنيادىكى تۇنجى بوۋاقلار ھارۋىسىنى ۋىليام كېنت 1733-يىلى كەشىپ قىلغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ئۆچكە، ئىت ياكى تايچاقلارغا چېتىپ سۆرەتكىلى بولىدىغان شەكىلدە لاھىيەلەنگەن ئىدى. 19-ئەسىرگە كەلگەندە چارلېس بۇرتون دۇنيادىكى تۇنجى ئۈچ چاقلىق بوۋاقلار ھارۋىسىنى لاھىيەلەپ چىقتى. بوۋاقلار ھارۋىسى ناھايىتى تېزلا بىر خىل مودىغا ۋە ئېسىلزادىلىكنىڭ بەلگىسىگە ئايلانغان بولۇپ، پۇلدار ئاقسۆڭەكلەر دائىم ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ھەر خىل ھەشەمەتلىك بوۋاقلار ھارۋىلىرىنى بۇيرۇتۇپ ياساتقان ئىدى.

3. ۋاكۇئۇملۇق چاڭ-توزان سۈمۈرگۈچ

خۇبېرت سېسىل بوت 1901-يىلى دۇنيادىكى تۇنجى ۋاكۇئۇملۇق چاڭ-توزان سۈمۈرگۈچنى كەشىپ قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا بېل دەپ نام بەرگەن ئىدى. بۇ چاڭ-توزان سۈمۈرگۈچ يوغان بىر ماتور ئارقىلىق ھەرىكەتلەندۈرىلىدىغان بولۇپ، ئىشلىتىدىغان چاغدا ئات ھارۋىسى بىلەن يۆتكەشكە توغرا كېلەتتى. 1906-يىلىغا كەلگەندە سېمىنىس شىركىتى ئۆزلىرىنىڭ چاڭ-توزان تازىلاش ناسوسىنى بازارغا سالدى، بۇ چاڭ-توزان تازىلاش ناسوسىغا بىر ئات كۈچىگە ئىگە ماتور سەپلەنگەن بولۇپ، ئېغىرلىقى 300 كىلوگرامدىن ئاشاتتى.

سۈرەتتىكى بۇ چاڭ-توزان ھازىرقى زاماندىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادەم تازىلىقچىسى دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئۇنى ئەقلىيفون بىلەن كونترول قىلغىلى بولىدۇ.

4. مەۋھۇم رېئاللىق كۆزەينىكى

ھازىرقى مەۋھۇم رېئاللىق كۆزەينىكىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى 1963-يىلى Hugo Gernsback ياساپ چىققان ۋە «ئېلىكتىرونلۇق كۆزەينەك» دەپ نام بەرگەن. بۇ كۆزەينەكنىڭ ئېغىرلىقى تەخمىنەن 140 گىرام ئەتراپىدا بولۇپ، كۆزەينەكنىڭ ئەتراپى كىچىك تىپلىق باتارىيە ئارقىلىق تۆۋەن بېسىملىق ئېلىكتىر ئېقىمى يەتكۈزىلىدىغان كاتود نۇرى لامپىسى بىلەن ئورالغان ئىدى. ھەر بىر كۆزنىكىنىڭ مۇستەقىل ئېكرانى بولۇپ، سېتىرىئولۇق سۈرەتلەرنى كۆرسىتىپ بېرەلەيتتى. ئەپسۇسلىنارلىقى بۇ كەشپىيات ئەزەلدىن ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلمىگەن.

5. ماشىنا ئادەم

گەرچە سۈرەتتىكى 1950-يىلى كەشىپ قىلىنغان روبېرت ماشىنا ئادىمى دۇنيادىكى تۇنجى ھەقىقى مەنىدىكى ماشىنا ئادەم ئويۇنچۇقى بولمىسىمۇ، بىراق ئۇ يەنىلا تۇنجى بولۇپ ماشىنا ئادەم دېگەن نام بىلەن ئاتالغان ئۈسكۈنىدۇر! بۇ روبېرت ماشىنا ئادىمىگە ئېلىكتىر سىمى ئارقىلىق كونترول قىلىنىدىغان تىزگىنەك سەپلەنگەن بولۇپ، گەپ قىلالايدۇ ۋە كۆزىنى چاقىنىتالايدۇ. ھازىر بۇ خىل روبېرت ماشىنا ئادىمى يىغىپ ساقلىغۇچىلارنىڭ ئەتىۋارلىق بۇيۇمىغا ئايلاندى.

6. موتسىكىلىت

19-ئەسىردە ئالىملار ۋە كەشپىياتچىلار شۇ مەزگىلدىكى ئىككى كەشپىياتنى، يەنى ۋېلىسپىت بىلەن ھور ماشىنىسىنى بىرلەشتۈرۈشكە بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلغان. 1867-يىلى ئامېرىكىلىق كەشپىياتچى سىلىۋېستېر خوۋارد روپېر دۇنيادىكى تۇنجى قوش سىلىندىرلىق، ھور ماشىنىسى بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان ئۈچ چاقلىق موتسىكىلىتنى كەشىپ قىلغان. 1885-يىلىغا كەلگەندە ھور ماشىنىسىنىڭ ئورنىغا يېقىلغۇ گاز ماتورى سەپلەنگەن. ھازىر دۇنيادىكى 200 مىليوندىن ئارتۇق موتسىكىلىتقا يېقىلغۇ گاز ماتورى سەپلەندى.

7.مىكروفون

1876-يىلى ئېمىلىي بېرلىنېر تېلېفونلۇق ئاۋاز تارقىتىش ئۈسكۈنىسىدىن پايدىلىنىپ سۈرەتتىكى تۇنجى مىكروفوننى كەشىپ قىلغان. بۇ مىكروفون ئىككى دانە نېپىز كونتاكىتتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، نېپىز بىر قەۋەت كاربون ياپراقچىسى بۇ ئىككى كونتاكىتنى ئايرىپ تۇراتتى. تەۋرىنىش پەردىسى بىر تۇتاشتۇرغۇچقا ئۇلانغان بولۇپ، ئاۋاز دولقۇنىغا ئۇچراشقان ھامان تەۋرىتىش ئارقىلىق ئاۋازنى چوڭايتىپ بېرەلەيتتى، ھازىر ئىشلىتىلىۋاتقان كاربون ياپراقچىلىق مىكروفونلار 1878-يىلى كەشىپ قىلىنغان، كېيىن 20-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدىن باشلاپ مىكروفون ياساش كەسپى بارغانسېرى تەرەققىي قىلغان.

8. ئايروپىلان

ئاكا-ئۇكا رايىتلار 1903-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى تۇنجى قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇچۇش سىنىقىنى تاماملاشتىن ئىلگىرى كەشپىياتچىلار نۇرغۇن ئوخشىمىغان ئۈسكۈنە ۋە ماشىنىلار ئارقىلىق بوشلۇقتا ئۇچۇشنى سىناپ باققان. سۈرەتتىكى بۇ ئۈسكۈنە بىر كۆپ قاناتلىق ئۇچقۇ بولۇپ، بۇنى Horatio Phillips ئىسىملىك ئالىم 1907-يىلى ياساپ چىققان. بۇ ئۇنىڭ ئۈچىنچى قېتىم ياساپ چىققان، شۇنداقلا ئاخىرقى ئۇچقۇسى بولۇپ، 200 دىن ئارتۇق مۇستەقىل قانىتى بار ئىدى. گەرچە بۇ ئۇچقۇنى ئۆزى خالىغانچە كونتىرول قىلغىلى بولمىسىمۇ بىراق ئۇ يەنىلا بوشلۇقتا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 500 ئىنگىلىز چىسى ئارىلىققىچە ئۇچالىغان ئىدى.

9. سىنلىق تېلېفون

ھازىر كىشىلەر ئەقلىيفون ۋە ئالاقىدار ئەپلەرنىڭ ياردىمىدە ناھايىتى ئاسانلا سىنلىق پاراڭلىشالايدۇ. تېلېفون ۋە تېلىۋىزور ئارىىسىدا ئۇلىنىش ھاسىل قىلىش بېل تەجرىبىخانىسىنىڭ ئۇزۇن يىللىق تەتقىقات تېمىسى بولغان. 1956-يىلىدىكى نىيۇيورك دۇنيا كۆرگەزمىسىدە تۇنجى بولۇپ ئوتتۇرىغا چىققان سىنلىق تېلېفون شۇ قېتىملىق كۆرگەزمىدىكى بىر يارقىن نۇقتىغا ئايلانغان ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا كىشىلەر بۇ سىنلىق تېلېفوندىن پايدىلىنىپ يېقىن ئارىلىقتا سىنلىق تېلېفون بېرىشنى سىناپ باققان ۋە بۇ كەشپىياتتىن قاتتىق ھەيران قالغان ئىدى.

10. ئېلىكىترونلۇق كىتاب ئوقۇغۇچ

كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، دۇنيادىكى تۇنجى ئېلىكتىرونلۇق كىتاب ئوقۇغۇچ 1922-يىلىلا كەشىپ قىلىنغان بولۇپ، ئەڭ دەسلەپكى ئېلىكتىرونلۇق كىتاب ئوقۇغۇچنى ئامېرىكىلىق دېڭىز ئارمىيە گېنرالى Bradlei Fiske كەشىپ قىلغان. ئۇ كەشىپ قىلغان ئېلىكتىرونلۇق كىتاب ئوقۇغۇچقا بىر مىكرو لىنزا ۋە تۇلۇقسىمان ئايلاندۇرغۇچ سەپلەنگەن بولۇپ، 100 مىڭ خەتلىكتىن ئارتۇق كارتىنى سېلىپ ئوقۇغىلى بولاتتى. گەرچە بۇ ئۈسكۈنە كىتاب ياساش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان بولسىمۇ بىراق ئىزچىل تۈردە مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىغان.

11. فوتو ئاپپارات

سۈرەتتىكى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ مامونىت فوتو ئاپپاراتى 1900-يىلى ياسالغان بولۇپ، بۇ فوتو ئاپپاراتىنىڭ ئېغىرلىقى 900 قاداق كېلەتتى، ئىشلىتىدىغان چاغدا 15 قاۋۇل ئەر ئاران كۆتۈرۈپ ھارۋىغا ئالاتتى. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە فوتو ئاپپارات تېخنىكىسى زور دەرىجىدە تەرەققى قىلدى. مەسىلەن: ھازىر كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ ئالىملىرى نېپىز ۋە كەڭ يۇمشاق ماتېرىياللىق نېگاتىپتىن پايدىلىنىپ تېخىمۇ كەڭ دائىرىدىكى سۈرەت تەسۋىرىنى ھاسىل قىلىشنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ.

W020180103330821337053.png
W020180101362760307643.jpg
initpintu_副本.png