2017-يىلى يوقالغان 17 پەن-تېخنىكا مەھسۇلاتى ۋە مۇلازىمىتى (2)
0
2018-01-04 16:58:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

Seeso دېگىنىمىز NBC قارىمىقىدىكى بىر خىل ئىجادىي كومېدىيە مەزمۇنىنى قويىدىغان تور مېدىيا قويۇش مۇلازىمىتىنى كۆرىسىتىدۇ. Seesoنىڭ ھەر ئايدا ئابۇنتلاردىن 4 ئامېرىكا دوللىرى ھەق ئالىدىغانلىقى ھەمدە سودا ئېلانىنىڭ قوللىشى كەمچىل بولغانلىقىنى كۆزدە تۇتقاندا، بۇ خىل ئۇسۇل بەلكىم ھەدىدىن زىيادە قاپ يۈرەكلىك قىلىنغانلىق بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭ نەتىجىسىدە Seeso بەك ئۇزۇن ۋاقىت مەۋجۇت بولۇپ تۇرالماي، ئېلان قىلىنىپ 2 يىلدىن كېيىنلا تاقالدى.

Delicious ئۇچۇر مۇلازىمىتى تور بەت Web 2.0 گۈللىنىپ تەرەققىي قىلغان مەزگىلنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، بۇ تور بەت ئابۇنتلارنى تور خەتكۈچىنى ساقلاش ۋە ھەمبەھرلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلاتتى. ياخۇ 2005-يىلى Deliciousنى سېتىۋالدى. ياخۇ 2010-يىلى زىيان تارتىدىغان مەھسۇلاتلارنى بىر تەرەپ قىلغاندا مەقسەتلىك ھالدا Deliciousنى تاقىدى. كېيىنچە Delicious نەچچە قولدىن ئۆتتى، ئۇنى سېتىۋالغان ھەر بىر سېتىۋالغۇچى دەسلەپكى مەزگىللەردە Deliciousنى گۈللەندۈرىدىغانلىقى توغرىلىق دەبدەبىلىك ۋەدىلەرنى بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ھەممىسى نەتىجسىز بولدى. ئەڭ ئاخىرىدا، Deliciousنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك رىقابەتچىسى 2017-يىلى 6-ئايدا بۇ تور بەتنى سېتىۋالدى ھەمدە پەقەت ئوقۇش ئەندىزىسى بىلەنلا تەمىنلەيدىغان بولدى، Pinboard يەنە سابىق Delicious ئابۇنتلىرىنى Pinboardنىڭ ھەق تۆلەيدىغان ئابۇنتلىرىغا ئايلىنىشقا ئىلھام بەردى.

ئامازون چەكسىز ساقلاش مۇلازىمىتى: ئامازون 2017-يىلىدا نېمە ئۈچۈن چەكسىز ساقلاش مىقدارىغا ئىگە Cloud Drive مۇلازىمىتىنى توختاتقانلىقىنى چۈشەندۈرمىدى. بىراق مىكروسوفت، Mozy ۋە Bitcasa قاتارلىق بۇلۇت ساقلاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرگە ئوخشاش، ئامازونمۇ بەلكىم ساقلاش خىراجىتىنى داۋاملىق ئۈستىگە ئېلىشنى ئۈمىد قىلمىغان بولۇشى مۇمكىن. ئامازون Cloud Drive ئۆتكەن يىلى 6-ئايدىن باشلاپ ھەر TBلىق ساقلانغان مەزمۇن ئۈچۈن 60 ئامېرىكا دوللىرى ئېلىشنى باشلىغان ھەمدە ئابۇنتلارغا ھەق تۆلەش مۇلازىمىتىنى قوبۇل قىلىشنى تاللاش ياكى سانلىق مەلۇماتنى يۆتكەپ كېتىش ئۈچۈن 60 كۈن مۆھلەت بەرگەن ئىدى. بۇ يەنە بۇلۇت ساقلاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا سىمسىز ساقلاش مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىش ئۆلچىمىنىڭ ئىنتايىن تۆۋەن بولسىمۇ، ئەمما كەسىپنى ساقلاپ قېلىشنى ئاساسەن ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.

UnityCanonical ئۆتكەن يىلى 4-ئايدا ئۆزىنىڭ تەتقىق قىلىپ ياسىغان Unity ئۈستەل يۈزى مۇھىتىدىن ۋاز كېچىپ، قايتىدىن GNOMEنى ئىشلىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە زېھنىنى كىرىم قىلىدىغان بۇلۇت تېرمىنالىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەقلىيفون ۋە تاختا كومپيۇتېر تۈرىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئەمما Unityنىڭ بىر قىسىم سادىق ئابۇنتلىرى بۇ قارارنى قوبۇل قىلىشقا ئامالسىز قالغانلىقىنى، شۇڭا غەيرىي ئورگان تارمىقى شەكلى بىلەن قايتىدىن يولغا قويۇشنى ئۈمىد قىلىشتى.

تور بىتەرەپچىلىكى: ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئالاقە كومىتېتى يېقىندا بېلەت تاشلاش ئارقىلىق ئوباما ھۆكۈمىتى مەزگىلىدە يولغا قويۇلغان «تور بىتەرەپچىلىكى» بەلگىلىمىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى. تور بىتەرەپچىلىكى پىرىنسىپى دېگەندە ئابۇنتلارنىڭ مەزمۇن، دېتال، ئۇلىنىش پىروگراممىسى ۋە تىجارەت سودىگىرىنى ئۆز ئالدىغا تاللاش ئارقىلىق، تىجارەت سودىگىرىنىڭ سودا مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ سانلىق مەلۇمات يوللاشنىڭ ئالدىنلىق دەرىجىسىنى كونترول قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، تور سانلىق مەلۇماتىنىڭ «بىتەرەپلىكى»گە كاپالەتلىك قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.

نەشر ھوقۇقى ئاگاھلاندۇرۇش سىستېمىسى (he Copyright Alert System): بۇ ئاگاھلاندۇرۇش سىستېمىسى 2013-يىلى يولغا قويۇلغان چاغدا ئوغرى نەشرگە زەربە بېرىشتىكى بىر تۈرلۈك يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرى دەپ قارالغان. لېكىن ئىنتېرنېت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش سودىگىرى خىزمەتخانا ۋە پىلاستىنكا شىركىتى بىلەن بۇ ئىختىيارى تۈرنى داۋاملاشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك كېلىشىم ھازىرلىيالمىدى. 2017-يىلى 1-ئايدا، ھەر قايسى چوڭ ئىنتېرنېت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچى سودىگەرلەر 4 يىل داۋاملاشتۇرۇلغان نەشر ھوقۇقى ئاگاھلاندۇرۇش سىستېمىسىنى ئاخىرلاشتۇردى. نۆۋەتتە ئۇنىڭ ئورنىغا يېڭىچە نەشىر ھوقۇقى ئاگاھلاندۇرۇش سىستېمىسى دەسسىتىلىدىغان ياكى ئەمەسلىكى تېخىچە ئېنىق ئەمەس.

Juicero ئەقلىي ئىقتىدارلىق مېۋە سىقىش ماشىنىسى شىركىتى 2017-يىلى 9-ئايدا رەسمىي تاقالدى. بۇ شىركەت بۇنىڭدىن ئىلگىرى تەۋەككۈل مەبلىغى شىركىتىدىن 100 نەچچە مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ يۈرۈشتۈرگەن ئىدى. كىرىمنىي جىلغىسىدا يېڭىدىن قۇرۇلغان بۇ يېڭى كارخانا قۇرۇلغاندىن بۇيان كەسپى ساھەدىكىلەرنىڭ ئىزچىل گۇمان ۋە تەنقىد قىلىشىغا ئۇچراپ كەلدى. بولۇپمۇ 2017-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا تاراتقۇلار Juicero تەمىنلىگەن مەھسۇلاتنىڭ ئىسمى جىسمىغا لايىق ئەمەسلىكى، تېخنىكا تەركىبى ئىنتايىن تۆۋەنلىكى، ھەتتا كەڭ ئىستېمالچىلارنى «ئالدىغان»لىقى توغرىسىدا كۆپلەپ خەۋەر بەرگەن ئىدى. «بايلىق» ژۇرنىلىنىڭ 2017-يىلى 7-ئايدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، Juicero مېۋە سىقىش ماشىنىسىنىڭ سېتىلىش باھاسى 700 ئامېرىكا دوللىرى بولسىمۇ، ئەمما بازار تەرەققىياتى ئوڭۇشلۇق ئەمەس بولغاچقا، نەچچە قېتىم باھانى چۈشۈرگەن، ئالدى بىلەن 400 ئامېرىكا دوللىرىغا تۆۋەنلەتكەن، ئاندىن كېيىنچە يەنە تېخىمۇ تۆۋەن چەككە چۈشۈرگەن.

321.jpg
W020180103330821337053.png