ئەنگلىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئايال پادىشاھنىڭ تەختكە ئولتۇرغان كۈنى خاتىرىلەندى
0
2018-02-07 12:30:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

2018-يىلى 6-فېۋرال ئەنگلىيە خان جەمەتى ئاتلىق زەمبىرەكچىلەر ئەترىتى تارىختىن بۇيانقى ۋەزىپە ئۆتىگەن ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن ھۆكۈمدار ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى ئېلىزابېت 2نىڭ تەختكە ئولتۇرغىنىغا 66 يىل بولغانلىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن ھۆرمەت توپى ئاتتى.

شۇ كۈنى ئەنگلىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھۆرمەت توپى ئېتىلدى.

تەبرىكلەش مۇراسىمىدا ئەنگلىيە خان جەمەتى ئاتلىق زەمبىرەكچىلەر ئەترىتى لوندوندىكى يېشىل باغچىدا تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

چۈشتە بۇ ئەترەتتىكىلەر لوندون يېشىل باغچىسىدا 41 ھۆرمەت توپى ئاتتى.

ئاتلىق زەمبىرەكچىلەر ئەترىتى ھەربىي كىيىم كىيىپ ۋېللىنگتون ھەربىي لاگېرىدىن يولغا چىقىپ يېشىل باغچىغا كەلدى.

ئايال پادىشاھ 1952-يىلى 6-فېۋرال تەختكە ئولتۇرغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە 66 يىل ئۆتتى.

لوندوندىن باشقا، يەنە ئېدىنبۇرگدىمۇ 21 ھۆرمەت توپى ئېتىلدى.

1952-يىلى 6-فېۋرال كەچتە ئەنگلىيە پادىشاھى جورج 6 ئۇيقۇلۇق ھالەتتە ساندىرىڭخام ئوردىسىدا ئالەمدىن ئۆتتى. شۇ ۋاقىتتا ئۇ ئەمدىلا 56 ياشقا كىرگەنىدى. شۇنىڭ بىلەن 25 ياشلىق ۋەلىئەھدى ئېلىزابېت دەرھاللا تەختكە ئولتۇرغۇزۇلدى. ئايال پادىشاھ ئېلىزابېت 2 شۇ ۋاقىتتا كېنىيەدە بولۇپ، دادىسى ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ئۆزى تۇرۇۋاتقان دەرەخ ئۈستى مېھمانخانىسىدا ۋەزىپە ئۆتكۈزۈۋالدى. شۇڭا ئەنگلىيەلىكلەر ئۇنى يەنە «دەرەخكە چىققاندا مەلىكە ئىدى، دەرەختىن چۈشكەندە پادىشاھ بولدى» دەپ تەرىپلەيدۇ.

«شۇنى جاكارلايمەنكى، مەيلى ئۆمرۈم قىسقا بولسۇن، ئۇزۇن بولسۇن بارلىقىمنى خەلق ۋە دۆلەتكە تەقدىم قىلىمەن.» بۇ ئېلىزابېت 2 1952-يىلى تەختكە ئولتۇرغاندا ئېيتقان ئەڭ داڭلىق سۆز. ئۇ بۇ ۋەدىسىنى ھەقىقەتەن ئورۇنلىدى، 2018-يىلى 6-فېۋرالغىچە 66 يىل ئەمەل قىلدى.

بىراق، ئۇنىڭ تەختكە ئولتۇرغانلىقى تەبرىكلەنگەن كۈن يەنە دادىسى جورج 6 ئالەمدىن ئۆتكەن كۈن. شۇ سەۋەبتىن ئايال پادىشاھ بۇ كۈننى ئەزەلدىن ئۇنچە داغدۇغىلىق تەبرىكلەپ باقمىغان، ھەر يىلىنىڭ شۇ كۈنىدە ئاممىغا كۆرۈنمەي دادىسى ئالەمدىن ئۆتكەن ساندىرىڭخام ئوردىسىدا ئۇنىڭغا ماتەم تۇتقان.

سۈرەتتە، ياش ئېلىزابېت ۋە دادىسى جورج 6.

پادىشاھ جورج 6 ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن جەسىتى لوندوندىكى ۋەستمىنىستىر زالىغا ئېلىپ بېرىلىپ دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. ئۇ 1895-يىلىدىن 1952-يىلىغىچە ئۆمۈر كۆرگەنىدى.

جورج 6 نىڭ جەسەت ساندۇقى لوندون پادىشاھ قىزىل كىرىست پويىز ئىستانسىسىدىن ئېلىپ چىقىلدى، ئۈستىگە خانىش تەييارلىغان گۈلچەمبىرەك ۋە خانلىق تاج قويۇلدى.

بۇ سۈرەت ئايال پادىشاھ خان جەمەتى ئوقياچىلار ئەترىتى 1952-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى ئېدىنبۇرگدا تەشكىللىگەن تانسا كېچىلىكىگە قاتنىشىپ قايتىشىدا تارتىلغان. بۇ يەنە ئايال پادىشاھ دادىسى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن قاتناشقان تۇنجى ئاممىۋىي پائالىيەت بولۇپ قالغان.

1952-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى ئېلىزابېت 2 تۇنجى قېتىم ئايال پادىشاھ سالاھىيىتىدە پارلامېنت ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. بۇ سۈرەت ئۇ مۇراسىمىغا كېتىۋاتقاندا تارتىلغان.

ئايال پادىشاھ مۇراسىمغا قاتنىشىپ بۇككىنخام ئوردىسىغا قايتقان.

1953-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى لوندوندىكى ۋەسمىنىستېر چېركاۋىدا ئايال پادىشاھقا تاج كىيدۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن.

W020180206569996836664.jpg