دىنوزاۋرلار دەۋرىدىكى يانار تاغ كۈلى سىلانېتس نېفىت-گاز زاپىسىنى پەيدا قىلغان بولۇشى مۇمكىن
0
2018-03-17 14:39:33
|
مەنبەسى:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

ماتېرىيال سۈرەت

ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ دوكلاتىدا دېيىلىشىچە، بور دەۋرىدىكى يانار تاغ كۈلى بەلكىم دېڭىز-ئوكياننى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەپ، يۈسۈن تۈرىدىكىلەرنىڭ كۆپ مىقداردا كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى، گىدروكاربون چۆكمىسى بۈگۈنكى شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى بىر قىسىم سىلانېتس نېفىت-گاز زاپىسىنى ھاسىل قىلغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

ئامېرىكا رېس ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقاتچىلىرى ئامېرىكىنىڭ تىكساس ئىشتاتىدىن مونتانا ئىشتاتىغىچە بولغان سىلانېتس نېفىت-گازلىقىنىڭ بۇنىڭدىن 145 مىليون يىلدىن 65 مىليون يىل ئىلگىرىكى بور دەۋرىدىكى يانار تاغ كۈلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بايقىغان، مەزكۇر يەكۈننى باشقا دەۋر ۋە رايونلاردا شەكىللەنگەن سىلانېتس نېفىت-گازىغا ئىشلىتىشكىمۇ بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

بۇ نېفىتلىك-گازلىقلار بۇنىڭدىن تەخمىنەن 100 مىليون يىلدىن 90 مىليون يىل ئىلگىرى، يەنى دىنوزاۋرلار دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرى شەكىللەنگەن. ئەينى ۋاقىتتا، يەر شارىدا يانار تاغ ھەرىكىتى ئىنتايىن جانلانغان، بۇنىڭ بىلەن ئاتموسفېرادىكى كاربون تۆت ئوكسىدنىڭ مىقدارى ناھايىتى يۇقىرىلاپ، كىلىمات ئىللىق بولغان. ھازىر شىمالىي ئامېرىكىنىڭ غەربىدىكى كۆپ قىسىم رايونلار ئەينى چاغدا تېيىز دېڭىز بولۇپ، يانار تاغ كۈلى دېڭىز ئاستىغا چۆكۈپ، تاغ جىنىسلىرىنى شەكىللەندۈرگەن.

ماتېرىيال سۈرەت

تەتقىقاتچىلار بۇ يانار تاغ كۈلىنىڭ تەركىبىنى تەھلىل قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى %75 كە يېقىن كىرېمنىي، تۆمۈر ۋە فوسفور ئېلېمېنتىنىڭ چۆكۈش جەريانىدا ھەمدە چۆكۈپ بولغاندىن كېيىن ئۇزۇنغا بارماي ئېقىپ كېتىدىغانلىقىنى، دېڭىزغا مۇشۇنداق كىرگەن فوسفور ئېلېمېنتىنىڭ ھازىر ھەر خىل شەكىللەر ئارقىلىق دېڭىز-ئوكيانلارغا قويۇلىدىغان فوسفور ئېلېمېنتىنىڭ ئومۇمىي مىقدارىدىن 10 ھەسسە يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بايقىغان.

بۇ فوسفور ئېلېمېنتلىرى يۈسۈن تۈرىدىكىلەرنىڭ شىددەت بىلەن ئۆسۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، دېڭىز سۈيىدىكى ئېرىگەن ئوكسىگېننى خورىتىپ، ھايۋانلارنىڭ ياشىشىغا ماس كەلمەيدىغان «ھالاكەت بەلبېغى»نى پەيدا قىلغان. يانار تاغ كۈلى ۋە دېڭىز- ئوكيان ھالاكەت بەلبېغىنىڭ ئورتاق تەسىرىدە، كاربون ئېلېمېنتلىرى كۆپلەپ ھەم توپلىنىپ شەكىللىنىپ، كاربون-ھىدروگېن بىرىكىمىسى زاپىسىنى شەكىللەندۈرگەن. بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ماقالە ئەنگلىيەنىڭ «ئىلمىي دوكلات» ناملىق ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان.

ماتېرىيال سۈرەت

1122550758_1521258475929_title0h.jpg
1122543801_1521116936725_title0h.jpg
a02.jpg
1122538561_1521043581317_title0h.jpg