كىشىنى سۆيۈندۈرىدىغان گىۋانچىي ۋە ئودېرى خېپبۇرننىڭ دوستلۇق ھېكايىسى
0
2018-03-22 10:30:00
|
مەنبەسى:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

ئەگەر كۆڭلىڭىزدە ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان بىرەيلەن بار بولسا، ئەمما ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولۇشقا ئامالسىز بولسىڭىز، سىز چوقۇم ئۇنى چۈشەنگەن بولىتىڭىز.

سۈرەتتىكى ئودېرى خېىپبۇرنغا تويماي قاراۋاتقىنى دەل خۇبېرت دى گىۋەنچىي. شۇنداق، ئۇ دەل سىزگە تونۇشلۇق ئېقىم ماركىسىنىڭ قۇرغۇچىسى گىۋەنچىي. گەرچە ئۇ بۇ ئۆمرىدە نۇرغۇن ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، نۇرغۇنلىغان خانىم-قىزلار ئۇنىڭغا ئاشىق بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ بۇ ئۆمرىدە پەقەت ۋە پەقەت بىر خېپبۇرننىلا ياخشى كۆرۈپ كەلگەن.

1953-يىل گىۋەنچىي ھوللىۋودنىڭ كىنو چولپانلىرىغا كىيىم لايىھەلەشنى باشلىغان، ئەمما بۇ چاغدا خېپبۇرن تېخى داڭقى چىقمىغان ئارتىسى ئېدى، تۇنجى قېتىم ئايال باش پېرسوناژ رولىنى ئالغان «رىمدىكى ئارام كۈنلىرى» مۇ قۇيۇلمىغان ئىدى . بىر كۈنى، گىۋەنچىي ئوسكار مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى كەسىرىن خېپبۇرنغا كىيىم لايىھەيدىكەنمەن دەپ ھاياجانلانغان ئىدى. ئەمما بۇ ئارتىسنىڭ ئودېرى خېپبۇرن ئىكەنلىكىنى بىلگەندە، ئاز-تولا مەيۈسلەنگەن ئىدى. بىراق بىر ۋاق كەچلىك تاماقتىن كېيىن بۇ ياش لايىھىلىگۈچى ئودېرى خپبۇرنغا مەھلىيا بولۇپ قالغان ئىدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، بۇ ئىككى ياش ئەڭ يېقىن «دوستلار»دىن بولۇپ قالغان ئىدى. خېپبۇرن گىۋەنچىينىڭ كىيىم لايىھەلەشتىكى ئىلھام قىزىغا ئايلانغان ئىدى. مەيلى كىنودا ياكى رىئال تۇرمۇشتا بولسۇن گىۋەنچىي خېپبۇرن ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان كىلاسسىك كىيىملەرنى لايىھەلەپ بەرگەن.

گىۋەنچىي ئۆتكەن كۈنلەرنى ئەسلەپ : «خېپبۇرننىڭ مىجەز-خارەكتىرى شۇنچىلىك كۈچلۈك، ئۇ تەڭرىنىڭ ماڭا بەرگەن سوۋغىتى، بىز ھەم يېقىن دوست، ھەم خىزمەت ھەمراھى. ئۇنىڭ نازاكەتلىكى ۋە سەمىمىيلىكىدىن، پەقەت بىزگە مەنسۇپ خۇشالىقلار ئىنتايىن كۆپ ئىدى »دېدى.

گىۋەنچىي ئىلگىرى خېپبۇرن رول ئالغان نۇرغۇن كىنولاردا ئۇنىڭ ئوبرازىنى لايىھەلەپ بەرگەن. نۇرغۇن لايىھەلەر مەڭگۈلۈك كىلاسسىكقا ئايلانغان. مەسلەن، «ئەجدىھا ۋە سۇمۇرۇغ» ئىچىدىكى مۇراسىم كىيىمى، «گۇگۇم مۇھەببىتى»دىكى گۈللۈك كۆينەك؛ «پارىژدىكى كۈنلەر »دىكى يېشىل رەڭلىك مۇراسىم كىيىمى قاتارلىقلار.

1961-يىل، خېپبۇرن كىنو «تىفانىدىكى ناشتىلىق» دا گىۋەنچىي لايىھەلىگەن كىچىك قارا كۆڭلەك كىيىپ، قارا رەڭلىك ئۇزۇن پەلەي تاقاپ، بوينىغا مەرۋايىت مارجان ئېسىپ، بىر قولىدا قەھۋە ئىستاكانى، بىر قولىدا بولكا تۇتۇپ، تىفانىي دۇكىنى ئالدىدا ناشتىلىق قىلغان كۆرۈنۈشى كىنو تارىخىدىكى ئەڭ نادىر كۆرۈنۈشلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.

40 نەچچە يىللىق ھەمكارلىق مۇساپىسىدە، گىۋەنچىينىڭ ئەسەرلىرى خېپبۇرننى مودېل قىلغان ھالدا لايىھەلەنگەن. ئۇلار بىرلىكتە نۇرغۇنلىغان ئېقىم ساھەسىدىكى كىلاسسىك ئەسەرلەرنى روياپقا چىقارغان. 2018-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى داڭلىق كىيىم لايىھەلىگۈچى خۇبېرت دى گىۋەنچىي مەڭگۈگە كۆز يۇمۇپ، بۇ دۇنيادىكى مەستانىلىرىدىن خوشلاشقان.

W020180320528350620925.jpg
1122550758_1521258475929_title0h.jpg