دۇنيادىكى يەتتە چوڭ «100 يىللىق» قەدىمىي ئاسارە-ئەتىقە
0
2018-03-23 10:49:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىكى ئەنگلىيەنىڭ ئىنسانسىمان ماشىنا ئادىمى، ئەينى ۋاقىتتا تېخى گېزىتكىمۇ بېسىلغان، بۇ ماشىنا ئادەم ھازىرنى پۇتلىرىنى ئاستا-ئاستا يۆتكىيەلەيدۇ.

بۇ لامپۇچكا 1901-يىلى يانغاندىن كېيىن ئىزچىل تۈردە ھازىرغىچە يېنىقلىق تۇرماقتا، شۇڭا «100 يىللىق نۇر» دەپ ئاتالغان، نۆۋەتتە ئامېرىكىدىكى مەلۇم ئوت ئۆچۈرۈش پونكىتىنىڭ ئىچىدە.

ئالدىنقى ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى چاڭ سۈمۈرگۈچ ھازىرمۇ ئىشلىتىلمەكتە، ئۇ ئىنتايىن قەدىمىي ئۈسكۈنە بولغاچقا، كۈچلۈك شاۋقۇن چىقىرىدۇ.

ئەڭ قەدىمىي كىنوخانا، ئېچىلغىلى يۈز يىلغا يېقىن ۋاقىت بولدى، ئورنى پولشادا، 2005-يىلى جىننېس رېكورتىغا كىرگۈزۈلگەن.

يۈز يىللىق تارىخقا ئىگە قىزىل-يېشىل چىراغ، ئامېرىكىنىڭ ئوخايو ئىشتاتىدا، نۆۋەتتە مۇزىيدا ساقلانماقتا، ئەمما ئىزچىل يېنىقلىق ھالەتتە تۇرىدۇ.

ياپونىيە خوشى مېھمانخانىسى 1300 يىللىق تارىخقا ئىگە، ۋارىسلىق قىلىش تۈزۈمى بويىچە ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىنىپ كەلگەن بولۇپ، ھازىرمۇ نورمال تىجارەت قىلىدۇ.

50-يىللاردىكى كومپيۇتېر ھازىرمۇ خىزمەت قىلماقتا، ئورنى ياپونىيە ئىكېدا خاتىرە سارىيىدا، بۇ بىر FACOM 128B كومپيۇتېرى.

1122577867_1521727618002_title0h.jpg
W020180320528350620925.jpg