سىز ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان بىر قىسىم تارىخى سۈرەتلەر
0
2018-05-09 13:29:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

1. 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىكى روۋېن ئاتكىنىس، يەنى «پۇرچاق ئەپەندى»

2. «خىرۇستال ساقال شاھى» دەپ نام ئالغان، ھانىس نىلسون لانسېس (1846-يىلى 14-ئىيۇل تۇغۇلۇپ، 1927-يىلى 10-نويابىر ۋاپات بولغان) بىر نورۋېگىيەلىك پۇشتىدىن بولغان ئامېرىكىلىق بولۇپ، ئۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن ساقال قويۇش رېكورتىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇ ئۆزىنىڭ ساقىلىغا دەسسىۋالغاندىن كېيىن پۇتلىشىپ يىقىلىپ، بوينى سۇنۇپ ئۆلگەن. بۇ ئۇنىڭ 1912-يىلىدىكى سۈرىتى.

3. 19-ئەسىردىكى سىبېرىيە ئوۋچىلىرىنىڭ ئېيىق ئوۋلىغاندا كىيىدىغان ساۋۇتى

4. 1942-يىلى پېتىرفان ناملىق كىنو سۈرەتكە ئېلىنغاندا «سۇ پەرىلىرى» نىڭ رولىنى ئالغان ئاكتىيورلار ئارام ئالماقتا.

5. 1953-يىلى، بىر توپ بالىلار ئامېرىكىنىڭ مادىسون مەيدانىدىكى ئوغۇللا كۇلۇبىدا 3D ھەجۋىي رەسىملىك كىتابى كۆرمەكتە.

6. 1985-يىلى. Ebnoy ژۇرنىلى مايكول جېكسوننىڭ 2000-يىلىدىكى ھالىتىنى سۈرەتتىكىدەك قىياس قىلغان.

7. «ئەلفا» ناملىق بۇ ماشىنا ئادەمنىڭ ئىجادچسى، ئالىم خاررىي مېي 1932-يىلى بۇ ماشىنا ئادەمنى دۇنيا بويىچە ئەڭ مۇكەممەل ماشىنا ئادەم دەپ ئاتىغان. چۈنكى بۇ ماشىنا ئادەم سۆزلىيەلەيدۇ، ناخشا ئېيتالايدۇ، ئىسقىرتالايدۇ، كۈلەلەيدۇ، ئادەملەر بىلەن پاراڭلىشىپ ئۇلارغا سائەتنىڭ قانچە بولغانلىقىنى ئېيتىپ بېرەلەيدۇ، تۇلۇقلۇق تاپانچىنى ئاتالايدۇ، شۇنداقلا خېتى كىچىك گېزىتلەرنى ئوقۇيالايدۇ.

8. 1975- يىلى ئىشلەنگەن «چوڭ ئاق ئاكولا» ناملىق كىنو ئەسلىدە مۇشۇنداق سۈرەتكە ئېلىنغان.

9. 1921-يىللىرى، ئامېرىكىدىكى ھاراق چەكلەش بۇيرۇقى ئەۋجىگە چىققان مەزگىللەردە، نىيۇيوركتىكى ۋاكالەتچى سودىگەرلەر ھاراقنى ئەۋرەز يولىغا تۆكۈۋېتىشكە مەجبۇر بولغان.

10. سۈرەتتىكى بۇ كىچىك بالا گولف توپ كالتىكى بىلەن دەرياغا چۈشۈپ كەتكەن توپنى ئالماقچى بولغاندا، بىر ئىت بالىنىڭ سۇغا چۈشۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭ كىيىمىنى چىشلەپ تۇرىۋالغان. بۇ سۈرەت 20-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرى تارتىلغان.

11. كىنو شىركەتلىرى بەلگىسىنىڭ ئۆزگىرىش تارىخى

13. 20-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدىكى ئامېرىكا خانقىزىنى تاللاش مۇسابىقىسىغا قاتناشقان ماھىرلار

W020180509358216863233.jpg
1122803012_1525790671734_title0h.jpg
W020180508372235550773.jpg
w04.jpg