ھوللىۋودقا تۇنجى قەدەم باسقان جۇڭگولۇق ئارتىس-لى لىخۇا
0
2018-05-22 09:31:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

ئىگىلىنىشىچە 20-يىللىرى جۇڭگودىكى ئەڭ قالتىس ئايال چولپان جاڭ جىيۈن، 30-يىللىرى خۇ ديې، 40-يىللىرى جوۋ شۈەن، 50-يىللىرى بولسا لى لىخۇا ئىكەن.

ئۇنداقتا ئۇ كىم؟ قانداق فىلىملەردە رول ئالغان؟ جاڭ جيېشى ئۇنىڭ فىلىمىنى كۆرۈپ يىغلاپ كەتكۈدەك، بۇ زادى قانداق ئايال؟

لى لىخۇا 1924-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، ئاتا-ئانىسى جىڭجۈ تىياتىرى ئۇستىلىرىدىن ئىكەن. ئۇ سەنئەتكار ئائىلسىىدە تۇغۇلغان بولغاچقا سەنئەت ساھەسىگە تەبئىيلا باغلىنىپ قالغان. 1947-يىلى ئۇ شاڭخەي تەيفېڭ تۈرلۈك ماللار سارىيىنىڭ بەگزادىسى جاڭ شۈپۇ بىلەن توي قىلىپ بىر قىز پەرزەنتلىك بولىدۇ.

كېيىن شياڭگاڭغا بېرىپ تەرەققىي قىلماقچى بولۇپ، ئىككەيلەن ئاجىرىشىپ كېتىدۇ. ئەينى يىللىرى سۆيۈشىدىغان كۆرۈنۈشلەر سەل ئېشىپ كەتكەنلىك ھېسابلانغاچقا، لى لىخۇا بۇ ئادەتنى ھوللىۋودقىمۇ ئېلىپ بارغان.

1957-يىلى لى لىخۇا ئامېرىكىلىق ئارتىس بىلەن «ئۇچار يولۋاس» (飞虎娇娃)نى ئىشلىگەندىمۇ سۆيۈشىدىغان كۆرۈنۈشنى ئالمايدۇ.

لېكىن ئۇ بۇ فىلىمى بىلەن ھوللىۋودتا تۇنجى بولۇپ رول ئالغان جۇڭگولۇق ئايال چولپان بولۇپ قالىدۇ.

لى لىخۇا كەسپىنى شاڭخەيدە باشلاپ، شياڭگاڭدا تەرەققىي قىلىپ، ئامېرىكىدا داڭق چىقىرىدۇ.

ئۇ ھاياتىدا 140تىن ئوشۇق كىنو ئىشلىگەن بولۇپ، ئاساسەن تارىخىي تىياتىر ۋە كۈچلۈك ئاياللارنىڭ ئوبرازىنى ياراتقان، مەسىلەن: ياڭ گۇيفېي، ۋۇ زېتيەن دېگەندەك.

1962-ۋە 1963-يىللىرى ئۇدا ئىككى قېتىم كاننېس خەلقئارا كىنو بايرىمىدا ئەڭ ياخشى ئايال باش رولچى تۈرىدە ئىسمى ئاتالغان.

1965-ۋە 1969-يىللىرى ئىككى قېتىم تەيۋەن كىنو ئالتۇن ئات مۇكاپاتىدا ئەڭ ياخشى ئايال باش رولچى بولغان.

گەرچە رول ئېلىشنى پۇل ئۈچۈن قىلىدىغان بولسىمۇ لېكىن ئۇ بىر پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرغان يەنى ۋەتەنپەۋەرلىكتە.

1953-يىلى ئۇ «چيۇ جىن» (秋瑾) فىلىمىدە رول ئالغان بولۇپ، جياڭ جيېشى بۇ فىلىمنى كۆرۈپ يىغلاپ كەتكەن.

2015-يىلى تەيۋەن كىنو ئالتۇن ئات مۇكاپاتىدا ئۇ ئۆمۈرلۈك مۇۋەپپىقىيەت مۇكاپاتىنى تاپشۇرۋالغان بولۇپ، شۇ چاغدا 91 ياشتا ئىكەن. چېڭلوڭ ئۇنىڭغا بىر پۇتىدا تىزلىنىپ تۇرۇپ مۇكاپات بەرگەن. ئۇنى «مەڭگۈلۈك گىگانىت چولپان» دەپ تەرىپلىگەن.

1964-يىلى «چىن شياڭليەن» (秦香莲) ناملىق كىنودا چىن شياڭليەننىڭ رولىنى ئالغاندا 10 ياشقىمۇ توشمىغان چېڭلوڭ ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ رولىنى ئالغان.

2017-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى شياڭگاڭدا ۋاپات بولغان.

1122857705_1526730239248_title0h.jpg
00350277043_8e7f84c6.jpg
123123.jpg