ئىنسانىيەت ئىلىم-پەن تارىخىدىكى يەتتە چوڭ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش
0
2018-06-22 15:12:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

ئىنسانلار پەيدا بولغان نەچچە مىليون يىل ۋاقىت پۈتكۈل ئالەم پەيدا بولغان نەچچە مىليارد يىلغا نىسبەتەن ناھايىتى قىسقا ھېسابلىنىدۇ. ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق پۈتكۈل تارىخ سەھىپىسى تېخىمۇ قىسقا دەقىقە ھېسابلىنىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئىنسانلار پەيدا بولغاندىن كېيىن پەن-تېخنىكا يەر شارىنىڭ قىياپىتى ۋە تەقدىرىنى ئۈزۈل-كېسىل ئۆزگەرتتى. لېكىن دەۋر بۆلگۈچ پەن-تېخنىكىلارنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن مەغلۇبىيەت بىلەن ئەپسۇسلىنىش ئۇنىڭغا يار بولدى. بۈگۈن ئىلىم-پەن تارىخىدىكى مەشھۇر ئەپسۇسلىنارلىق ئىشلار بىلەن تونۇشۇپ ئۆتەيلى.

نۇرغۇن كىشىلەر DNAنىڭ قوش بۇرمىلىق قۇرۇلمىسىنى بىلىدۇ، لېكىن روسالىند فرانكلىن دېگەن ئىسمىنى بىلىدىغانلار ئىنتايىن ئاز، ئەمەلىيەتتە DNAنىڭ قوش بۇرمىلىق قۇرۇلمىسىنى بايقىغۇچى دەل روسالىند فرانكلىن. ئۇ X نۇرى دىفراكسىيە تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ DNAنى سۈرەتكە تارتىپ، DNAنىڭ ئىككى خىل قۇرۇلمىسىنى پەرقلەندۈرگەن، شۇ ئارقىلىق ۋاتسون بىلەن كېرىكنىڭ DNAنىڭ قوش بۇرمىسىمان قۇرۇلمىسىنى بىلىشىگە ئىلھام بەرگەن. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ۋاتسون بىلەن كېرىك نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندە روسالىند تۆت يىل بۇرۇن ۋاپات بولغان.

ياڭ جېنيۈ بىلەن لى جېڭداۋ ئەڭ بۇرۇن نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن جۇڭگولۇق، ئۇلار 1949-يىلىدىن باشلاپ ھەمكارلاشقان، ھەم 1957-يىلى «تەڭ ۋالېنتلىق ساقلىنىش قانۇنى» سەۋەبلىك بىرلىكتە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئەمما بەش يىلدىن كىيىن، نېمىشقىكىن ئىككەيلەن ئادا-جۇدا بولۇشقان ھەم قايتا ھەمكارلاشمىغان، دوستلۇقىمۇ بىراقلا يوققا چىققان، بۇ دەل جۇڭگولۇقلارنىڭ ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى ئەڭ چوڭ ئەپسۇسلىنىدىغان ئىشنىڭ بىرى. ئىككەيلەن قارشى تەرەپنى ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى ھەمكارلاشقۇچىسى دەپ قارىسىمۇ، تا ھازىرغىچە قايتا ھەمكارلاشمىدى.

«ھازىرقى زامان خىمىيەسىنىڭ ئاتىسى» دەپ ئاتالغان لاۋوسېر تۇنجى بولۇپ ھازىرقى زامان ئېلېمېنتلار جەدۋىلىنى ئېلان قىلغان خىمىيە ئالىمى، ئۇ «ئېلېمېنت»ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا قويغان، ماسسا بىرلىكى «گىرام» بىلەن ئۇزۇنلۇق بىرلىكى «مېتىر»نى بېكىتكەن. ئۇ خىمىيە پېنىنىڭ «خاراكتېرىنى بېكىتىش»تىن «مىقدارىنى بېكىتىش»قىچە بولغان بۇرۇلۇشىنى تاماملىغان، يەنە ھازىرقى زاماندىكى تۇنجى خىمىيە دەرسلىكى «خىمىيە ھەققىدە ئاساسىي بايان» نى يازغان. لېكىن فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى مەزگىلىدە، لاۋوسېر ئىنقىلاب ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قېلىپ ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن.

«كومپيۇتېر ئىلمى ئاتىسى» ۋە «سۈنئىي ئىدراك ئاتىسى» دەپ ئاتالغان تۇرىڭ كومپيۇتېرنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسى تۇرىڭ ماشىنىسىنى ياساپلا قالماستىن، يەنە 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا ئىتتىپاقداش ئارمىيەگە ياردەم قىلىپ گېرمانىيە ئارمىيەسىنىڭ «ئېنىگ كودى» شىفىر سىستېمىسىنى يېشىپ، نەچچە يۈز مىڭ ئىتتىپاقداش ئارمىيە ئوفىتسېر-جەڭچىسىنى قۇتقۇزۇپ قالغان. لېكىن، كىشىنى ئېچىندۇرىدىغىنى شۇكى، تۇرىڭ 1954-يىلى ئۆلۈۋالغان.

فرانسىيە ماتېماتىكا ئالىمى گالوۋا ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ۋاقتىمدىلا «گۇرۇپپىلاش» ئۇقۇمىنى كىرگۈزگەن، ئۇ نەزەرىيەنى ئالدى-كەينى بولۇپ كوشى، فۇريې، پوئىسسون قاتارلىق ئۇستازلارغا ئەۋەتكەندە، لېكىن ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۇنىڭغا سەل قارىغان. 21 ياشقا كىرگەندە، گالوۋا بىر ئايال ئۈچۈن بىر ئوفىتسېرى بىلەن دوئېلغا چۈشكەن، ئۆلىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلگەچكە كېچىچە ئۆزىنىڭ ئىلمىي ئىدىيەسى يېزىپ قالدۇرغان، شۇ ئارقىلىق ماتېماتىكىنىڭ «گۇرۇپپىلاش نەزەرىيەسى»نىڭ تارمىقىنى ئاچقان. ئىككىنچى كۈنى ئۇ دەرۋەقە قازا قىلغان، ئۇنىڭ ماقالىلىرى 14 يىلدىن كېيىن ئاندىن ئېلان قىلىنغان.

17-ئەسىردە، فرانسىيە ماتېماتىكا ئالىمى فېرمات «ئارىفمېتىكا»نىڭ لاتىنچە تەرجىمىسىنى ئوقۇغاندا، بىر مەسىلىنىڭ يېنىغا مۇنداق دەپ يېزىپ قويغان: «مەن بىر خىل ئەپچىل ئىسپاتلاش ئۇسۇلىنى بايقىغانلىقىمغا قەتئىي ئىشىنىمەن، ئەپسۇسكى بۇ يەردىكى ئاق يەر بەك كىچىك ئىكەن، يازغىلى بولمىدى.» فېرماتنىڭ ئىسپاتلىغىنى ماتېماتىكا تارىخىدىكى مەشھۇر فېرماد چوڭ تېئورېمىسى بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ بۇ «ئەپچىل ئىسپاتلاش ئۇسۇلى»نى قايتا يېزىپ باقمىغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بۇ قىيىن مەسىلە ماتېماتىكا ساھەسىنى 300 يىلدىن ئارتۇق قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان، 1995-يىلىغا كەلگەندە ئاندىن ئىسپاتلانغان.

«ھازىرقى زامان خىمىيەسىگە ئاساس سالغۇچىلارنىڭ بىرى» دەپ ئاتالغان ئەنگلىيە خىمىيە ئالىمى موسېلېي ئاتوم رەت نومۇرىنى ئوتتۇرىغا قويغان، مېندېلېيېۋ ئېلېمېنتلار دەۋرىي جەدۋىلىگە تۈزىتىش كىرگۈزگەن، لېكىن ئۇ ساپيورلار لېيتېنانتى سۈپىتىدە بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ، ئۇرۇشتا قازا قىلغان. بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، موسېلېي قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلەردىن قارىغاندا، «ئۇنىڭ ئۆلۈمى بارلىق ئىنسانىيەتنىڭ بۇ ئۇرۇشتىكى بەدىلى ئەڭ ئېغىر قۇربانلىقى ئىكەن». شۇندىن باشلاپ، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى مۇھىم ئالىملارنىڭ ئۇرۇشقا قاتنىشىشىنى رەسمىي مەنئىي قىلغان.

U020180622364659605556.jpg
1123018251_1529589775128_title0h.jpg
U020180622362188778408.jpg
W020180619371876265519.jpg
W020180621364969631457.jpg