ئوباما، كىلىنتون ئېينىشتيىن قاتارلىق داڭلىق شەخسلەرنىڭ كونا سۈرەتلىرى
0
2018-09-18 16:12:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

بىر قىسىم ئاسانلىقچە ئۇنتۇلمايدىغان دۇنياغا داڭلىق شەخسلەر بار، مەسىلەن ئالبېرت ئېينىشتىين، ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى ئېلزابىت Ⅱ. بۇ سۈرەتلەردىكى باش پىرسوناژلار دۇنيا ۋەزىيىتىگە تەسىر كۆرسەتكەن داڭلىق شەخسلەر.

بۇ ئاۋستىرىيە شاھزادىسى فېردىناندنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ئەڭ ئاخىرقى سۈرىتى. بۇ سۈرەت تارتىلىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا شاھزادە فېردىنەند قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن.

1916-يىلىدىكى پادىشاھ نىكولاس Ⅱ ۋە قىزى مەلىكە ئاناستاسىيا. ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن پادىشاھ بىر ئائىلە كىشىلىرى سىرلىق ھالدا ئۆلۈپ كەتكەن.

داڭلىق ئەنگلىيە ئايال پادىشاھىغا ئايلىنىشتىن بۇرۇن ئېلزابىت Ⅱ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ھەربىي يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرى ئىدى. سۈرەتتە: 18 ياش ۋاقتىدىكى مەلىكە ئېلزابىت.

تالانت ئىگىسى ئېينىشتىين ئىشىك ئالدىدا ئولتۇرماقتا، ئۇ تارىختىكى ئەڭ ئەقىللىق ئادەملەرنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ.

مارىلىن مونرونىڭ بالىلىق ۋاقتىدىكى سۈرىتى، مارىلىن مونرو ناھايىتى كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا ساددىلىقى بىلەن نام چىقارغان.

1963-يىلى ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى كىلىنتون (شۇ چاغدا 16 ياشتا) ئاق سارايدا زۇڭتۇڭ كېننىدى بىلەن قول ئېلىشقان، شۇ چاغدا ئۇ مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى بولۇپ، زۇڭتۇڭ بىلەن كۆرۈشكەن. ئۇ چاغدا كىلىنتون ئىنتايىن كېلىشكەن ئىدى.

ئامېرىكىنىڭ سابىق بىرىنچى خانىمى مىچىل بىلەن ئېرى ئوبامانىڭ ئۇنتۇلغۇسىز تويلۇق سۈرىتى، ئۇ چاغدىكى ئوباما توي مۇراسىمى كۈنى ئايالىنىڭ ئايىغىنى كىيدۈرۈپ قويغان. ئوباما ۋەزىپىدىن بوشىغاندىن كېيىنمۇ يەنىلا دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق جامائەت ئەربابلىرىنىڭ بىرى.

1965-يىلىدىكى فىزىك سىتېفېن خاۋكىڭ بىلەن ئايالىنىڭ تويلۇق سۈرىتى، ئۇ چاغدا خاۋكىڭنىڭ تېنى كۈنسېرى ئاجىزلىغان، كېيىن سالامەتلىكى بارغانسېرى ناچارلىشىپ چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ قالغان.

مىكروسوفتنىڭ قۇرغۇچىسى بىل گەيتىس 1977-يىلى پىراۋىسىز ئاپتوموبىل ھەيدىگەنلىكتىن قولغا ئېلىنغان چاغدىكى سۈرىتى، بىل گەيتىس كۆپ يىل دۇنيادىكى بىرىنچى باي بولغان.

1.jpg