خىمىيە ئالىمى لاۋازىر ۋە ئۇنىڭ گۈزەل ئايالى
0
2018-12-11 15:31:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

(Antoine-Laurent de Lavoisier)

خىمىيە دەرسلىكىدە، ھېچكىممۇ ئەگىپ ئۆتۈپ كېتەلمەيدىغان بىر شەخىس بار، ئۇ دەل ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ خىمىيە ئالىمى دەپ قارىلىپ كەلگەن فرانسىيەلىك مەشھۇر ئالىم، خىمىيە ئاتىسى ئانتونى لاۋرېنت لاۋازىر.

خىمىيە دەرسلىكىگە قىستۇرۇلغان رەسىمدە، لاۋازىرنىڭ نەزىرى ئۆزىنىڭ ئىلىم-پەن ئەسۋابىدا بولماستىن، ئەكىسچە باشقا نۇقتىغا تىكىلگەن. ئۇنداقتا لاۋازىر زادى نېمىگە سەپسېلىپ قاراۋاتقاندۇ؟ بىز ئەسلى رەسىمنى كۆرۈپ باقايلى:

ئەمدى بولدى. يېنىدا شۇنچە گۈزەل رەپىقىسى تۇرغان يەردە، پەن تەتقىقاتىغا كىمنىڭ رايى بارسۇن؟ «چىرايغا چاي قۇيۇپ ئىچكىلى بولمىغان بىلەن، شۇ چىرايغا قاراپ چاي ئىچىدىغان گەپ» دېگەن گەپ بار. بىراق، لاۋازىرنىڭ رەپىقىسى ھەرگىزمۇ ئۇنداق يالغۇز چىرايىلا بار، ئىچى قۇپقۇرۇق گۈزەللەردىن ئەمەس. بۇ گۈزەل ئايال لاۋازىرنىڭ نۇرغۇن مۇھىم تەتقىقاتلىرىغا ياردەمچى بولغان. ئۆزىمۇ ھەم تارىختىكى مەشھۇر ئايال ئالىم سۈپىتىدە تەرىپلىنىپ كەلگەن.

1771-يىلى ئەتىيازدا، لاۋازىر خىزمەتدېشىنىڭ قىزى مارى ئاننا پىرېتتى پائۇلز(Marie-Anne Pierrette Paulze)نى ئەمرىگە ئالىدۇ. ئۇنداقتا، بۇ لاۋازىر خانىم زادى قانداق شەخىستۇ؟ مارىنىڭ دادىسى لاۋازىرنىڭ خىزمەتدېشى بولۇپ، ئۇ كىشى بىر يىغىن ئادۋوكاتى ھەم بىر باج ھۆددىگىرى. مارى ئۆز ئانسىى تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن، موناستىردا رەسمىي تەربىيە ئالغان.

مارى 13 ياشقا كىرگەن يىلى لاۋازىرنىڭ رەپىقىسى بولىدۇ. نەچچە يىل ئۆتمەيلا، لاۋازىرنىڭ ئىلىم-پەنگە بولغان قىزىقىشى ناھايتى كۈچىيىپ ماڭىدۇ، لاۋازىر خانىم يولدىشىنىڭ ھەر كۈنى ئوتتەك ئىشتىياق بىلەن تەجرىبە ئىشلەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۆزىمۇ پەن تەتقىقاتىغا قىزىقىپ قالىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئەر-ئايال ئىككىسىنىڭ تەتقىقات بىلەن ئۆتكەن تۇرمۇشى باشلىنىدۇ.

لاۋازىر خانىم لاۋازىرنىڭ خىزمەتداشلىرىنىڭ ياردىمىدە كەسپىي تەربىيە ئالغاندىن كېيىن، لاۋازىرنىڭ پەن تەتقىقات قوشۇنىغا قېتىلىدۇ. ئۇ مەخسۇس ئىلمىي ماقالىلەرنى تەرجىمە قىلىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇپ، جوسېف پرىستلېي(J.Joseph Priestley) ۋە ھېنرى كاۋېندىش(Henry Cavendish)قاتارلىق مەشھۇر ئالىملارنىڭ ماقالىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېنگلىز تىلىدا يېزىلغان نۇرغۇن ئىلمىي ماقالىلەرنى فرانسۇزچىغا تەرجىمە قىلىپ چىقىدۇ. لاۋازىرنىڭ خىزمىتى مارى تەرجىمە قىلغان ئىلمىي ماقالىلەردىن ئايرىلالماس بولۇپ قالىدۇ، لاۋازىرنىڭ كېيىن «كۆيگۈچى ئېلېمنت تەلىماتى» نى ئاغدۇرىۋېتىشىمۇ مارىنىڭ تۆھپىسىدىن بولغان. لاۋازىرنىڭ بۇ گۈزەل رەپىقىسى پەن تەتقىقات جەھەتتە ناھايتى يۇقىرى سەۋىيەلىك كۆز-قاراشقا ئىگە بولۇپلا قالماستىن، ئۇنىڭ گۈزەل-سەنئەت جەھەتتىكى مەلۇماتىمۇ ناھايتى چوڭقۇر بولغاچقا، لاۋازىرنىڭ ئىلمىي ئەسەرلىرىگە رەسىم قىستۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ. ئۇنىڭ گۈزەل-سەنئەت ئۇستازى دەل «ماراتنىڭ ئۆلۈمى» نى ۋۇجۇدقا چىقارغۇچى داڭلىق رەسسام جاكېس لۇيىس داۋىد(Jacques-Louis David). بۇ كىشى يەنە ناپالېئوننىڭ ئوردا رەسسامى بولغان.

فرانسىيە زور ئىنقلابى پارتىلىغاندىن كېيىن، لاۋازىر ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇلىدۇ. لاۋازىر خانىم گەرچە ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالغان بولسىمۇ، ھۆكۈمەت ئۇنىڭ بارلىق مال-مۈلكى، بارلىق تەجرىبە خاتىرىسى ۋە ئۈسكۈنىلەردىن تارتىپ قويماي مۇسادىرە قىلىۋالىدۇ. لاۋازىر خانىم ھەممە نەرسىسىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. شۇنداقتىمۇ، ئۇ يەنىلا چىشىنى چىشلەپ قاتمۇ قات قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، لاۋازىرنىڭ ئەسلىمىسىنى نەشىردىن چىقىرىپ، لاۋازىر ۋە خىزمەتداشلىرىنىڭ ئىنتايىن قىممەتلىك تەتقىقات نەتىجىلىرىنى كېيىنكىلەرگە قالدۇرىدۇ. لاۋازىر خانىم كېيىن قايتا ياتلىق بولىدۇ، لېكىن «لاۋازىر» دېگەن فامىلىنى ئۆزگەرتمەي ساقلاپ قالىدۇ.

لاۋازىر خانىم يەنى مارى ئاننا پىرېتتى لاۋازىرنىڭ ھېكايىسى مۇشۇ يەرگىچە بولىدۇ. ئەمدى لاۋازىرنىڭ پاجىئەلىك تەقدىرى بىلەن تونۇشۇپ ئۆتەيلى.

1743-يىلى 8-ئاينىڭ 26-كۈنى، فرانسىيە پارىژدىكى بىر ئادۋوكات ئائىلىسىدە بىر ئوغۇل بالا تۇغۇلدى. ئۇ دەل كېيىن خىمىيە ساھەسىدە زور شۆھرەت قازانغان ئالىم لاۋازىر. ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭ ئادۋوكات بولىشىنى ئۈمىد قىلغاچقا، لاۋازىر 1761-يىلى پارىژدىكى قانۇن ئىنىستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىرىپ، كېيىن ئادۋوكاتلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشىدۇ. بىراق ئۇنىڭدا تەبىئىي پەن، بولۇپمۇ خىمىيەگە نىسبەتەن زور قىزىقىش بار ئىدى، كېيىن، ئۇنىڭ خىمىيە ساھەسىدىكى زور مۇۋەپەقىيەتلىرى ئىلىم-پەن تارىخىغا يېزىلدى. ئۇ 25 يېشىدىلا فرانسىيە ئىلىم-پەن ئاكادىمىيەسىنىڭ ئاكادىمىكى بولىدۇ. 1768-يىلى، لاۋازىر يەنە باج ھۆددىگەرلىك ئەمەلدارى بولىدۇ، ئۇ باج ھۆددىگەرلىك ئىدارىسىگە 500 مىڭ فرانك مەبلەغ سالغاندىن كېيىن، تۇز ۋە تاماكىدىن باج يىغىش ھوقۇقىنى ھۆددىگە ئالىدۇ، ئۇ يەنە ئىلگىرى كېيىن بولۇپ خان جەمەتى ئوق-دورا نازارەتچىسى ۋە مالىيە كومىتېت ئەزاسى بولىدۇ. 1771-يىلى، 28 ياشلىق لاۋازىر باج يىغىش ھۆددىگىرىنىڭ قىزى بىلەن توي قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئەمەلدارلىق ئورنىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەيدۇ، ھەم شۇ ۋەجىدىن فرانسىيە زور ئىنقىلابىدا لاۋازىر تارتىپ چىقىش ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. لاۋازىر گەرچە بوربون خاندانلىقىنىڭ(波旁王朝) زورلۇق بىلەن باج يىغىشىغا كەمدىن-كەم قول تىقسىمۇ، باج ھۆددىگەرلىك ئەمەلدارى بولۇش سالاھىيىتى ئاممىنىڭ غەزىپىنى قوزغايدۇ. ئۇ بۇنىڭ سىياسىي جەھەتتە نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. لاۋازىر ئاقسۆڭەك، باي ئائىلىدە تۇغۇلغان، ئۇ پۇقرالارنىڭ جاپا-مۇشەققەتلىك تۇرمۇشىنى چۈشەنمەيدۇ. يېڭى رادىكال ھۆكۈمەت ئۇلارغا «ھېساب-كىتابنى ئېنىقلاش» بۇيرۇقى چۈشۈرگەندىن كېيىن، لاۋازىر ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى مال-مۈلكىنىڭ مۇسادىرە قىلىنىشىدىن ئەنسىرەپ مۆكۈپ، يوشۇرۇنۇپ يۈرۈپ، زىددىيەتنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرىۋېتىدۇ، ھەم فوركروي((Fourcroy) قاتارلىق ھەسەتخور ئىبلىسلارنىڭ ئۆزىگە قارا چاپلاپ، تۆھمەت قىلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ.

1793-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى، باج ھۆددىگەرلىك تەشكىلاتىنىڭ لاۋازىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 28 نەپەر ئەزاسى ھەممىسى قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە چۈشىدۇ. ئۆلۈم بارغانسېرى لاۋازىرغا يېقىنلاپ ماڭىدۇ.

ئۇزۇن ئۆتمەيلا، ئۆلچەم تەكشۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ 6 نەپەر ئەزاسى ئىشتىن بوشىتىلىدۇ. لاۋازىرمۇ شۇلارنىڭ ئىچىدە ئىدى.

1794-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى، زور ئىنقىلاب ئوتلىرى فرانسيەدە لاۋۇلداپ كۆيىۋاتاتتى. شۇ كۈنى، پارىژ شەھەر مەركىزىدىكى خەلق مەيدانىدا ئادەت بويىچە «ئەكىسئىنقىلابچى ئۇنسۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىش» ھەرىكىتى داۋاملىشىۋاتاتتى. جازا ئىجرا قىلىش ئەمەلدارى جىنايەتچىنىڭ بىر قاتار جىنايەتلىرىنى ئوقۇپ ئۆتكەندىن كېيىن، فرانسىيە خەلقىنىڭ نامى بىلەن بۇ «ساختا ئالىم ۋە تەييارتاپ ھارامتاماق» نى ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇدى. بۇ «خەلقنىڭ دۈشمىنى» ھۆكۈمنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن، بۇرۇلۇپلا جاللاتقا ناھايتى غەلىتە بىر تەلەپ قويدى: «جاللات ئەپەندىم، ئادەمنىڭ كاللىسى كېسىلگەندىن كېيىن يەنە قانچىلىك ياشىيالايدىغانلىقىنى ھېچكىم بىلىپ باقمىغان، شۇڭا بىز بىر تەجرىبە ئىشلەيلى، مەن كاللام كېسىلگەندىن كېيىن كۆزلىرىمنى توختىماي چىمچىقلىتىمەن، سەن مېنىڭ كۆزۈمنى قانچە قېتىم چىمچىقلىتالايدىغانلىقىمنى ساناپ بەرسەڭ. بۇنداق بولغاندا، ئۆلۈمىم ئارقىلىقمۇ بىر تۈرلۈك ئىلىم-پەن نەتىجىسىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ».

بۇلارنى ئاڭلىغىنىڭىزدا ئايلىنىپ چۈشىشىڭىز مۇمكىن، ئۆلۈش ئالدىدىمۇ يەنە ئۆزىنى تەجرىبە قىلىشنى ئۇنۇتماسلىق بۇ زادى قانداق روھ؟ بۇ «ئەكىسئىنقىلابچى ئۇنسۇر» نىڭ ئىسمى لاۋازىر. ئۇ فرانسىيە تارىخىدىكى، شۇنداقلا پۈتۈن ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ خىمىيە ئالىمى.

گەرچە شۇ چاغدا پۈتۈن فرانسىيە ئىلىم-پەن ساھەسىدىكىلەر ئوتتۇرىغا چۈشۈپ لاۋازىر ئۈچۈن ئۆتۈنگەن بولسىمۇ، گەرچە لاۋازىر ئۆزىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىنى تاماملىۋېلىش ئۈچۈن سوتقا يالۋۇرغان بولسىمۇ، «ئىنقىلاب سوتى» ئەڭ تېز سۈرئەتتە لاۋازىرنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغان. سوتچى ھۆكۈم ئېلان قىلغاندا يەنە: «جۇمھۇرىيىتىمىزگە ئالىمنىڭ كېرىكى يوق، بىزگە پەقەت دۆلەت ئۈچۈن قوللىنىلغان ئەمەلىي ھەرىكەت كېرەك» دەپ ئەزۋەيلىگەن. بۇ بىر جۈملە شوئار تارىخنىڭ نومۇس تۈۋرۈكىگە مىخلىنىپ، لاۋازىرنىڭ ئۆلۈمى بىلەن تەڭ مەڭگۈ كىشىلەرنىڭ يادىدا قالغان.

ئېيتىشلارغا قارىغاندا، لاۋازىرنىڭ كاللىسى كېسىلگەندىن كېيىن، ئۇ كۆزىنى ساق 11 قېتىم چىمچىقلىتىپ ئاندىن جان ئۈزگەن. ئىتالىيان پۇشتىدىن بولغان فرانسىيەلىك داڭلىق ماتېماتىكا ۋە فىزىكا ئالىمى لاگرانج(Joseph-Louis Lagrange) لاۋازىرنىڭ ئۆلۈمدىن خەۋەر تېپىپ، چوڭقۇر ماتەم قايغۇسىغا چۆككەن ھالدا مۇنداق دېگەن: «لاۋازىرنىڭ كاللىسىنى كېسىشكە كەتكەن ۋاقىت 1 سېكۇنتقا يەتمەيدۇ، بىراق فرانسىيەدىن ئەمدى 100 يىلغىچىمۇ مۇنداق كاللا تېپىلمايدۇ».

ھەقىقەتەن، فرانسىيەنىڭ كېيىنكى تارىخىدا لاۋازىر بىلەن بەسلەشكۈدەك تالانت ئىگىسى چىقىپ باقمىغان. ئۆمرىدە سان-ساناقسىز تەجرىبىلەرنى ئىشلىگەن لاۋازىرغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ بىر مەيدان ئەڭ قىممەت تەجرىبە.

11111111111111.jpg
2222222222222.jpg
未标题-1.jpg