جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سودىيىلەر قانۇنى
مەنبەسى:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2010-09-27 17:00
 

( 1995-يىل 2-ئاينىڭ 28-كۈنى مەملىكەتلىك 8-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 12-يىغىنىدا ماقۇللاندى)
(2001-يىل 6-ئاينىڭ 30-كۈنى مەملىكەتلىك 9-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 22-يىغىنىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سودىيىلەر قانۇنى» غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى)غا ئاساسەن تۈزىتىلدى

مۇندەرىجە

1-باب ئومۇمىي پرىنسىپ

2-باب مەسئۇلىيىتى

3-باب مەجبۇرىيىتى ۋە ھوقۇقى

4-باب سودىيىلەرنىڭ شەرتى

5-باب تەيىنلىنىشى ۋە قالدۇرۇلۇشى

6-باب ۋەزىپە ئۆتەشتە چەتلىتىلىشى

7-باب سودىيىلەرنىڭ دەرىجىسى

8-باب باھالاش

9-باب يېتىشتۈرۈش

10-باب مۇكاپاتلاش

11-باب جازا ئاگاھى بېرىش

12-باب مائاش، سۇغۇرتا ۋە پاراۋانلىق

13-باب ئىستېپا بېرىش ۋە خىزمەتتىن بوشىتىش

14-باب پېنسىيىگە چىقىش

15-باب ئەرز-شىكايەت قىلىش

16-باب سودىيىلەرنى باھالاش ھەيئىتى

17-باب قوشۇمچە پرىنسىپ
1-باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1-ماددا بۇ قانۇن سودىيىلەرنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، سودىيىلەرنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ سوت قىلىش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە مۇستەقىل يۈرگۈزۈشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، سودىيىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، قانۇننىڭ ئادىل يۈرگۈزۈلۈشىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن چىقىرىلدى.

2-ماددا سودىيىلەر دۆلەتنىڭ سوت قىلىش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزىدىغان سوتچى خادىملار بولۇپ، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرى ۋە ھەربىي سوت مەھكىمىسى قاتارلىق مەخسۇس خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن باشلىقلىرى، سوت ھەيئىتى ئەزالىرى، كوللېگىيە باشلىقلىرى، مۇئاۋىن كوللېگىيە باشلىقلىرى، سوتچىلىرى ۋە ياردەمچى سوتچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.