جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى
مەنبەسى:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى     |تەھرىر:مىھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2010-09-27 17:16

 

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەنىنىڭ پەرمانى
(571-نومۇرلۇق)

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى» 2010-يىل 2-ئاينىڭ 2-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ 100-قېتىملىق دائىمىي يىغىنىدا ئۆزگەرتىلىپ ماقۇللاندى، ھازىر ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى» ئېلان قىلىندى، 2010-يىل 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.
 
زۇڭلى  ۋېن جياباۋ
2010-يىل 2-ئاينىڭ 11-كۈنى

 

(1997–يىل 10–ئاينىڭ 21–كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەنىنىڭ 231–نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىنغان، 2010–يىل 2–ئاينىڭ 2–كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ 100–قېتىملىق دائىمىي يىغىنىدا ئۆزگەرتىلىپ ماقۇللاندى )
1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1-ماددا بۇ نىزام «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش قانۇنى» (تۆۋەندە ئىقتىسادىي تەپتىش قانۇنى دېيىلىدۇ) دىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن چىقىرىلدى.

2-ماددا ئىقتىسادىي تەپتىش قانۇنىدا ئېيتىلغان ئىقتىسادىي تەپتىشلىك ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنىنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىنغۇچى ئورۇننىڭ بوغالتىرلىق دوكۇمېنتى، بوغالتېرلىق ھېسابات دەپتىرى، كەسپىي مالىيە-بوغالتىرلىق مەلۇماتىنى، شۇنىڭدەك مالىيە كىرىم-چىقىمى، كەسپىي مالىيە كىرىم-چىقىمىغا ئالاقىدار باشقا ماتېرىيال ۋە مۈلۈكنى قانۇن بويىچە مۇستەقىل تەكشۈرۈپ، مالىيە كىرىم-چىقىمى ۋە كەسپىي مالىيە كىرىم-چىقىمىنىڭ چىن، قانۇنلۇق، ئۈنۈملۈك بولغان-بولمىغانلىقىنى نازارەت قىلىش ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ.

3-ماددا ئىقتىسادىي تەپتىش قانۇنىدا ئېيتىلغان مالىيە كىرىم-چىقىمى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خامچوت قانۇنى» ۋە دۆلەتنىڭ باشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە خامچوت باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن كىرىم – چىقىمنى ۋە تۆۋەندە كۆرسىتىلگەن مالىيە مەبلىغىدىكى خامچوت باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمىگەن كىرىم – چىقىمنى كۆرسىتىدۇ: