جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى
9-نومۇرلۇق
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى» 2009-يىل 2-ئاينىڭ 28-كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 7-يىغىنىدا ماقۇللىنىپ ھازىر ئېلان قىلىندى، 2009-يىل 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى خۇجىنتاۋ
2009 -يىل 2-ئاينىڭ 28-كۈنى
(2009-يىل 2-ئاينىڭ 28-كۈنى11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 7-يىغىنىدا ماقۇللاندى، 2009-يىل 2-ئاينىڭ 28-كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 9-نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىندى)
مۇندەرىجە
1-باب ئومۇمىي پرىنسىپ
2-باب يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەۋپ-خەتىرىنى كۆزىتىش ۋە باھالاش
3-باب يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۆلچىمى
4-باب يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە تىجارىتى
5-باب يېمەكلىك پرىيومى
6-باب يېمەكلىك ئىمپورت-ئېكسپورتى
7-باب يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىش
8-باب نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش
9-باب قانۇن جاۋابكارلىقى
10-باب قوشۇمچە پرىنسىپ
1-باب ئومۇمىي پرىنسىپ
1-ماددا بۇ قانۇن يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، جامائەتنىڭ تەن ساغلاملىقى ۋە ھاياتىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.
2-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگرىسى ئىچىدە تۆۋەندىكى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشتا مۇشۇ قانۇنغا رىئايە قىلىش كېرەك:
(1) يېمەكلىك ئىشلەش ۋە پىششىقلاش (تۆۋەندە يېمەكلىك ئىشلەش دېيىلىدۇ)، يېمەكلىك ئوبوروتى ۋە يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمىتى قىلىش (تۆۋەندە يېمەكلىك تىجارىتى دېيىلىدۇ)؛
(2) يېمەكلىك خۇرۇچى ئىشلەش ۋە تىجارىتى قىلىش؛