جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيە قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى
مەنبەسى:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى     |تەھرىر:مىھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2010-09-27 17:48

 

 23-نومۇرلۇق
 

«مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيە قانۇنى›غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» 2009-يىل 12-ئاينىڭ 26-كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 12-يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، 2010-يىل 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.


جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ

2009-يىل 12-ئاينىڭ 26-كۈنى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيە قانۇنى (2005–يىل2–ئاينىڭ 28–كۈنى 10–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 14–يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2009–يىل 12–ئاينىڭ 26–كۈنى 11–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 12–يىغىنىنىڭ «‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيە قانۇنى›غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن تۈزىتىلدى

مۇندەرىجە
1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
2 – باب بايلىقنى تەكشۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش يىرىك پىلانى
3 – باب كەسپىي جەھەتتە يېتەكلەش ۋە تېخنىكا جەھەتتە قوللاش
4 – باب كېڭەيتىش ۋە قوللىنىش
5 – باب باھا باشقۇرۇش ۋە خىراجەت تولۇقلىمىسى بېرىش
6 – باب ئىقتىسادىي رىغبەتلەندۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش تەدبىرى
7 – باب قانۇنى جاۋابكارلىقى
8 – باب قوشۇمچە پىرىنسپى