جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلق مۇرەسسە قانۇنى
مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2010-11-22 10:21

 

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى

(34-نومۇرلۇق) 

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلق مۇرەسسە قانۇنى» 2010-يىل 8-ئاينىڭ 28-كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 26-يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، 2011-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.
    

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ


            2010-يىل 8-ئاينىڭ 28-كۈنى

 

(2010- يىل 8-ئاينىڭ 28-كۈنى 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 16-يىغىنىدا ماقۇللاندى)
 
مۇندەرىجە
 1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
 2-باب خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى
 3-باب خەلق مۇرەسسەچىلىرى
 4-باب مۇرەسسە تەرتىپى
 5-باب مۇرەسسە كېلىشىمى
 6-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
1-ماددا بۇ قانۇن خەلق مۇرەسسە تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، خەلق مۇرەسسە پائالىيىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئەل ئىچىدىكى ماجىرالارنى ۋاقتىدا ھەل قىلىش، ئىجتىمائىي ئىناق ۋە مۇقىملىقنى ساقلاش مەقسىتىدە ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن چىقىرىلدى.
2-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان خەلق مۇرەسسەسى خەلق مۇرەسسە ھەيئىتىنىڭ سۆز بىلەن قايىل قىلىش، يېتەكلەش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن، ئالاقىدارلارنىڭ باراۋەر كېڭىشىشى ئاساسىدا، ئىختىيارىي ھالدا مۇرەسسە كېلىشىمى ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئەل ئىچىدىكى ماجىرالارنى ھەل قىلىش پائالىيىتىنى كۆرسىتىدۇ.
3-ماددا خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى ئەل ئىچىدىكى ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىشتا، تۆۋەندىكى پىرىنسىپقا ئەمەل قىلىشى كېرەك:
(1) ئالاقىدارلار ئىختىيار قىلىش، باراۋەر بولۇش ئاساسىدا مۇرەسسە قىلىش؛
(2) قانۇن، نىزاملارغا ۋە دۆلەتنىڭ سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلماسلىق؛
(3) ئالاقىدارلارنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش، مۇرەسسە قىلىمەن دەپ ئالاقىدارلارنىڭ ئۆزىنىڭ ھوقۇقىنى كېسىم قىلىش، مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش ۋە قانۇن يۈرگۈزۈش يولى قاتارلىق يوللار بىلەن، قانۇن بويىچە قوغدىشىغا توسقۇنلۇق قىلماسلىق.
4-ماددا خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى ئەل ئىچىدىكى ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىشتا ھېچقانداق ھەق ئالمايدۇ.
5-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ خەلق مۇرەسسە خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ خەلق مۇرەسسە خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ.
ئاساسىي قاتلام خەلق سوت مەھكىمىلىرى خەلق مۇرەسسە ھەيئىتىنىڭ ئەل ئىچىدىكى ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىشىغا كەسپىي يېتەكچىلىك قىلىدۇ.
6-ماددا دۆلەت خەلق مۇرەسسە خىزمىتىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى خەلق مۇرەسسە خىزمىتىنى كېرەكلىك خىراجەت جەھەتتە يولىدا قوللىشى ۋە كاپالەتلەندۈرۈشى، تۆھپىسى گەۋدىلىك بولغان خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى ۋە خەلق مۇرەسسە خادىمىنى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە تەقدىرلىشى ۋە مۇكاپاتلىشى كېرەك.