شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ چېگرا باشقۇرۇش نىزامى
مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2010-12-02 15:30

(2005-يىل 11-ئاينىڭ 25-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 20-يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2010-يىل 6-ئاينىڭ 3-كۈنى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 18-يىغىنىنىڭ «‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ چېگرا باشقۇرۇش نىزامى›غا
تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن تۈزىتىلدى)
 
1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
1-ماددا بۇ نىزام چېگرا باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش، چېگرا رايوننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاش، چېگرا رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇن -نىزاملىرىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.
2-ماددا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى چېگرا رايوندا ئولتۇراقلاشقان، يۈرىدىغان، ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتى ياكى باشقا پائالىيەت قىلىدىغان ئورۇن ۋە شەخسلەر مۇشۇ نىزامغا رىئايە قىلىشى كېرەك.
3-ماددا بۇ نىزامدا ئېيتىلغان چېگرا باشقۇرۇش دۆلەت چېگراسىنى باشقۇرۇش ۋە چېگرا رايوننى باشقۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ.
دۆلەت چېگراسىنى باشقۇرۇش دۆلەت چېگرا لىنىيەسى ۋە ئۇنىڭ بەلگىسىنى باشقۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ چېگرا رايوننى باشقۇرۇش چېگرادىكى باشقۇرۇلىدىغان رايون، چېگرا بەلبېغى ۋە چېگرادىكى چەكلەنگەن رايوننى باشقۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
چېگرادىكى باشقۇرۇلىدىغان رايون ئادەتتە دۆلەت چېگراسى ياقىسىدىكى يېزا-بازارلارنىڭ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تۇەن-مەيدانلىرىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى رايوننى كۆرسىتىدۇ؛ چېگرا بەلبېغى دۆلەت چېگرا سىزىقىدىن 2000 مېتىرغىچە بولغان رايوننى كۆرسىتىدۇ، لېكىن دۆلەت چېگرا سىزىقىغا ئەڭ يېقىن ئارىلىق 20 مېتىردىن كەم بولسا بولمايدۇ؛ چېگرادىكى چەكلەنگەن رايون چېگرادىكى باشقۇرۇلىدىغان رايوننىڭ مەلۇم يېرىدە بېكىتىلگەن ئالاھىدە كونترول رايوننى كۆرسىتىدۇ.
4-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە تارمىقى چېگرا باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى ۋە تاشقى ئىشلار تارمىقى چېگرا باشقۇرۇشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى مەسئۇلىيىتى بويىچە ياخشى ئىشلەيدۇ.
5-ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە چېگرا بار جايدىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى چېگرا باشقۇرۇش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئۇنى جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش دائىرىسىگە كىرگۈزۈشى، بىرلەشمە مۇداپىئە تەشكىلاتىنى قۇرۇشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى، چېگرا ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سېلىنمىسىنى تەدرىجىي كۆپەيتىشى ھەمدە چېگرا قوغدىغۇچىلارنىڭ ياردەم پۇلى قاتارلىق چېگرا باشقۇرۇش خىراجىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
6-ماددا ھەممە ئورۇن ۋە شەخسنىڭ دۆلەت چېگراسىنى قوغداش، دۆلەت چېگرا بەلگىلىرى ۋە چېگرا مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنى ئاسراش، چېگرا رايوننىڭ ئىجتىمائىي تەرتىپى ۋە خەۋپسىزلىكىنى ساقلاش مەجبۇرىيىتى بولىدۇ.
7-ماددا چېگرا رايوندىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى چېگرا باشقۇرۇش خىزمىتىدە نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى تەقدىرلەيدۇ ۋە مۇكاپاتلايدۇ.