مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ زاپاس ئوفىتسېرلار قانۇنى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى
مەنبەسى:     |تەھرىر:|     يوللانغان ۋاقىت: 2011-01-04 10:30
 
 (2010-يىل 8-ئاينىڭ 28-كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 26-يىغىنىدا ماقۇللاندى)
 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 16-يىغىنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ زاپاس ئوفىتسېرلار قانۇنى»غا تۆۋەندىكىدەك تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى قارار قىلدى:
1. بىر ماددا قوشۇلۇپ، 3-ماددا قىلىندى: «زاپاس ئوفىتسېرلار دۆلەت مۇداپىئە زاپاس كۈچىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. ئۇرۇش مەزگىلىدە رەسمىي ئوفىتسېرلارنى تولۇقلاشنىڭ ئاساسىي مەنبەلىرىنىڭ بىرى.زاپاس ئوفىتسېرلار قانۇندا يۈكلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغاندا، مەسئۇلىيىتىگە لايىق مەرتىۋە ۋە شەرەپتىن بەھرىمەن بولىدۇ. دۆلەت زاپاس ئوفىتسېرلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتى ۋە مۇناسىپ تەمىناتىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرىدۇ.»
 2. 3-ماددا 4-ماددا قىلىنىپ، 1-تارمىقى مۇنداق تۈزىتىلدى: «زاپاس ئوفىتسېرلار ۋەزىپىسىنىڭ خاراكتېرىگە قاراپ، ھەربىي ئوفىتسېر، سىياسىي ئوفىتسېر، ئارقا سەپ ئوفىتسېرى، قورال-جابدۇق ئوفىتسېرى ۋە كەسپىي تېخنىكا ئوفىتسېرى، دەپ ئايرىلىدۇ.» مۇشۇ ماددىنىڭ تۈزىتىلىشى بىلەن ، 14-ماددىنىڭ 1-تارمىقى، 20-ماددىنىڭ 1-تارمىقىنىڭ 1-تارماقچىسى، 21-ماددىنىڭ 2-تارمىقىمۇ مۇناسىپ تۈزىتىلدى.
 3. 4-ماددا 5-ماددا قىلىنىپ، 2-تارمىقى مۇنداق تۈزىتىلدى: «ھەربىي رايون، ئۆلكىلىك ھەربىي رايون (گارنىزون)، شۆبە ھەربىي رايون (گارنىزون)نىڭ سىياسىي بۇسى شۇ رايوندىكى زاپاس ئوفىتسېرلارنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. ئارمىيە خېلى، ئەسكەر تۈرلىرىنىڭ سىياسىي بۇلىرى شۇ ئارمىيە خىلى، ئەسكەر تۈرىدىكى قىسىمنىڭ زاپاس ئوفىتسېرلىرىنى ئالاقىدار باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.»
4. بىر ماددا قوشۇلۇپ، 7-ماددا قىلىندى:«خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ باش سىياسىي بۇسى، ھەربىي رايوننىڭ سىياسىي بۇسى، ئۆلكىلىك ھەربىي رايون (گارنىزون)نىڭ سىياسىي بۇسى، شۆبە ھەربىي رايون (گارنىزون)نىڭ سىياسىي بۇسى ۋە ناھىيەلىك خەلق قوراللىق بۆلۈمى ئالاقىدار ھۆكۈمەت تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە، ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ زاپاس ئوفىتسېرلار خىزمىتى بىرلەشمە يىغىنى تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئارمىيە بىلەن يەرلىكتىكى ئالاقىدار تارماقلار، شۇ جايدىكى زاپاس قىسىم ۋە زاپاس ئوفىتسېرلار ئىشتاتىغا كىرگۈزۈلگەن رەسمىي قىسىمدىكىلەر قاتناشقان بىرلەشمە يىغىننى قەرەللىك ئېچىپ، زاپاس ئوفىتسېرلار خىزمىتىدىكى ئالاقىدار مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىشى كېرەك. بەك زۆرۈر بولغاندا، يىغىننى قەرەلسىز ئاچسىمۇ بولىدۇ. بىرلەشمە يىغىندا بېكىتىلگەن ئىشلارنى ئارمىيە ۋە يەرلىكنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى مەسئۇلىيىتى بويىچە قىلىشى كېرەك.»
5. 8-ماددا چىقىرىۋېتىلدى.
6. 9-ماددا 10-ماددا قىلىنىپ، 2-تارمىقى مۇنداق تۈزىتىلدى: «زاپاس ئوفىتسېرلار خىزمىتىدە گەۋدىلىك نەتىجە ياراتقان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە تەقدىرلەش ياكى مۇكاپاتلاش كېرەك.»