جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ زاپاس ئوفىتسېرلار قانۇنى
مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى     |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى|     يوللانغان ۋاقىت: 2011-01-04 12:15
 
(1995-يىل5-ئاينىڭ10-كۈنى 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 13-يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2010-يىل 8-ئاينىڭ 28-كۈنى 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 16-يىغىنىنىڭ «‹جۇڭخۇاخەلقجۇمھۇرىيىتىنىڭزاپاسئوفىتسېرلارقانۇنى›غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن تۈزىتىلدى)
مۇندەرىجە
 1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
 2-باب زاپاس ئوفىتسېرلارنىڭ شەرتى، مەنبەسى ۋە تاللىنىشى
 3-باب زاپاس ئوفىتسېرلارنىڭ ۋەزىپە دەرىجىسى ۋە ۋەزىپىسى
 4-باب زاپاس ئوفىتسېرلارنىڭ ھەربىي ئۇنۋانى
 5-باب زاپاس ئوفىتسېرلىققا تىزىملاش
 6-باب زاپاس ئوفىتسېرلارنى تەربىيەلەش
 7-باب زاپاس ئوفىتسېرلىققا چاقىرىش
 8-باب زاپاس ئوفىتسېرلارنىڭ تەمىناتى
 9-باب زاپاس ئوفىتسېرلارنى ئوفىتسېرلىقتىن چېكىندۈرۈش
 10-باب قانۇن جاۋاپكارلىقى
 11-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
1-ماددا بۇ قانۇن زاپاس ئوفىتسېرلار تۈزۈمىنى ۋە دۆلەتنىڭ قوراللىق كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت مۇداپىئەسى زاپاس كۈچ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇن ۋە ھەربىي مەجبۇرىيەت قانۇنىغا بىنائەن چىقىرىلدى.
2-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان زاپاس ئوفىتسېرلار خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ زاپاس خادىملىرىدىن ۋەزىپە دەرىجىسى پەي دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ياكى كەسپىي تېخىنىكا دەرىجىسى تۆۋەن دەرىجىلىكتىن يۇقىرى قىلىپ بېكىتىلگەن، مۇناسىپ زاپاس ئوفىتسېرلىق ھەربىي ئۇنۋانى بېرىلگەن ھەمدە ھەربىي مەجبۇرىيەت ئورگىنى تىزىملىغان خادىملاردۇر.

3-ماددا زاپاس ئوفىتسېرلار دۆلەت مۇداپىئە زاپاس كۈچىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. ئۇرۇش مەزگىلىدە رەسمىي ئوفىتسېرلارنى تولۇقلاشنىڭ ئاساسىي مەنبەلىرىنىڭ بىرى.
 زاپاس ئوفىتسېرلار قانۇندا يۈكلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغاندا، مەسئۇلىيىتىگە لايىق مەرتىۋە ۋە شەرەپتىن بەھرىمەن بولىدۇ. دۆلەت زاپاس ئوفىتسېرلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئەتى ۋە مۇناسىپ تەمىناتىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرىدۇ.