ئىسىم-فامىلە ھوقۇقى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئاراپات ھۈسەنجان|     يوللانغان ۋاقىت: 2011-01-05 19:56
ئىسىم-فامىلە ھوقۇقى پۇقرالار قانۇن بويىچە ئۆز ئىسىم- فامىلىسىدىن پايدىلىنىدىغان ھەم بەھرىمان بولىدىغان ھوقۇقنى كۆرسىتىدۇ، باشقىلارنىڭ بۇ ھوقۇققا چېقىلىشىغا بولمايدۇ، ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسىدە پۇقرالارنىڭ ئىسىم-فامىلە ھوقۇقىغا چېقىلىش قىلمىشى ئۈچ تۈرۈك بولىدۇ؛ بىرىنچى، باشقىلارنىڭ ئسىم-فامىلە ھوقۇقىغا ئارىلىشىش، مەسىلەن، باشقىلارنى ئىسىم-فامىلە ھوقۇقىغا ئارىلىشىپ، باشقا ئسىم-فامىلە قويۇشقا مەجبۇرلاش ياكى ئىسىم-فامىلسىنى ئىشلتىشكە يول قويماسلىق؛ ئىككىنچى، باشقىلارنىڭ قوشۇلۇشى ياكى ھوقۇق بېرىش ماقۇللۇقىنى ئالماي، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن باشقىلارنىڭ نامىدا ئۆزىگە ۋە جەمئىيەتكە پايدىسىز ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىش؛ ئۈچىنچى، باشقىلارنىڭ ئىسىم-فامىلسىنى سۇيئىستېمال قىلىش.