شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى، تارىخىي مەدەنىيەت كوچىسى ۋە تارىخىي ئىمارەتنى قوغداش نىزامى
مەنبەسى:قانۇن تورى     |تەھرىر:نۇزىگۈل ئىمىر|     يوللانغان ۋاقىت: 2011-01-07 18:07

 

(2002–يىل 5–ئاينىڭ 31–كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 28–يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2010–يىل 6–ئاينىڭ 3–كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 18–يىغىنىنىڭ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تارىخىي مەدەنىيەتكە ئىگە داڭلىق شەھەر، كوچا ۋە تارىخىي ئىمارەتلەرنى قوغداش نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن تۈزىتىلدى)

1–باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1–ماددا بۇ نىزام شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى، تارىخىي مەدەنىيەت كوچىسى ۋە تارىخىي ئىمارەتنى قوغداش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش، شەھەرلەرنىڭ ئەنئەنىۋى قىياپىتى ۋە يەرلىك ئالاھىدىلىكى، مىللىي ئالاھىدىلىكىنى ساقلاش مەقسىتىدە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەھەر-يېزا يىرىك پىلانى قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش قانۇنى» ۋە گوۋۇيۈەننىڭ «مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى، بازىرى، كەنتىنى قوغداش نىزامى»غا ئاساسەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

2–ماددا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدىكى مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى شۇنىڭدەك تارىخىي مەدەنىيەت قىممىتى يۇقىرىراق كوچا، تارىخىي ئىمارەتنى بېكىتىش، پىلانلاش، قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشتا بۇ نىزام تەتبىقلىنىدۇ.

3-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى، تارىخىي مەدەنىيەت كوچىسى، تارىخىي ئىمارەتنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى مۇشۇ نىزام بويىچە ئادا قىلىدۇ.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلاش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى، تارىخىي مەدەنىيەت كوچىسى، تارىخىي ئىمارەتنى قوغداش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

مەدەنىيەت يادىكارلىقى، زېمىن بايلىقى، مۇھىت، ساياھەت، شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى تارمىقى قاتارلىق تارماقلار ئالاقىدار قانۇن-نىزاملار بويىچە، مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى، تارىخىي مەدەنىيەت كوچىسى، تارىخىي ئىمارەتكە دائىر تەبىئىي بايلىق، ئانتروپولوگىيەلىك بايلىقنى قوغداش خىزمىتىنى مەسئۇلىيىتى دائىرىسدە ياخشى ئىشلەيدۇ.

4-ماددا مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى، تارىخىي مەدەنىيەت كوچىسى، تارىخىي ئىمارەتنى ئۈنۈملۈك قوغداش، مۇۋاپىق پايدىلىنىش، ئىلمىي باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

5-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى، تارىخىي مەدەنىيەت كوچىسى، تارىخىي ئىمارەتنى قوغداش، رېمونت قىلىش ۋە ئىلمىي تەتقىق قىلىش پائالىيىتى بىلەن قانۇن بويىچە شۇغۇللىنىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىشى، مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى، تارىخىي مەدەنىيەت كوچىسى، تارىخىي ئىمارەتنى قوغداش خىزمىتىدە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى تەقدىرلىشى ۋە مۇكاپاتلىشى كېرەك.

ھەممە ئورۇن ۋە شەخسنىڭ مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى، تارىخىي مەدەنىيەت كوچىسى، تارىخىي ئىمارەتنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بار، مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى، تارىخىي مەدەنىيەت كوچىسى، تارىخىي ئىمارەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلىش، زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشلىرىنى پاش قىلىش، شىكايەت قىلىش ھوقۇقى بار.