جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى 8-تۈزىتىلمىسى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى|     يوللانغان ۋاقىت: 2011-05-11 13:14

 

ئوخشاشلا، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى 8-تۈزىتىلمىسى»دىكى ئۆلۈم جازاسىنى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلغانلارنىڭ جازا مۇددىتىنى كېمەيتىشكە چەك قويۇش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىنى توغرا ئىشلىتىش ئۈچۈن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى يەنە «ئۆلۈم جازاسىنى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلغانلارنىڭ جازا مۇددىتىنى كېمەيتىش دېلولىرىنى قاراپ چىقىش تەرتىپىدىكى بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدىكى بەلگىلىمە»نى ئېلان قىلدى. ئەدلىيە ئىزاھاتىدا مۇنۇلار بەلگىلەندى: جىنايى ئىشلار قانۇنى 50-ماددىسى 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنغان تەكرار جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەر ھەمدە قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش، باسقۇنچىلىق، بۇلاڭچىلىق، تۇتقۇن قىلىش، ئوت قويۇش، پارتلىتىش، خەتەرلىك بۇيۇملارنى قويۇش ياكى تەشكىللىك زوراۋانلىق جىنايىتى ئۆتكۈزۈپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنغان جىنايەتچى ئۇنسۇرلارغا قارىتا، خەلق سوت مەھكىمىلىرى جىنايەت ئەھۋالى، ھاياتقا خەتەر يەتكۈزۈش دەرىجىسى قاتارلىق ئەھۋاللارغا ئاساسەن، ھۆكۈم چىقىرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا جازا مۇددىتىنى كېمەيتىشكە چەك قويۇشنى قارار قىلسا بولىدۇ.

 

كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى سالاھىيەت ئىمتىھانىدا ئېغىر دەرىجىدە ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلسا، ئۈچ يىل ئىچىدە قايتا ئىمتىھان بېرىش سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلىنىدۇ. 

ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى قايتىدىن تۈزىتىش كىرگۈزگەن «كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى سالاھىيەت ئىمتىھانىدا ئىنتىزامغا، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش بەلگىلىمىسى» 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. بۇنىڭدا ئىمتىھاندا ئېغىر دەرىجىدە ئىنتىزامغا بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرى كۆرۈلگەن خادىملارغا قارىتا، ئەڭ كۆپ بولغاندا ئۈچ يىل ئىچىدە كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى سالاھىيەت ئىمتىھانىغا قاتناشتۇرماسلىق بەلگىلەندى.

بەلگىلىمىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ساختا ئىسپات ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلىگەن ياكى باشقا نامۇۋاپىق ۋاسىتىلەر بىلەن مۇناسىپ گۇۋاھنامىلەرگە ئېرىشكەنلەرگە قارىتا، گۇۋاھنامە تارقاتقۇچى ئورگان گۇۋاھنامىنى ئىناۋەتسىز دەپ جاكارلاپ، گۇۋاھنامىنى قايتۇرۇۋالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە كەسپىي ئىجازەت سالاھىيىتىگە چېتىلغانلارنىڭ ئۈچ يىل ئىچىدە بۇ خىلدىكى سالاھىيەت ئىمتىھانىغا قاتنىشىشىغا يول قويۇلمايدۇ. بەلگىلىمىدە يەنە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: باشقا بىر قىسىم ئېغىر ئىنتىزامغا بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرى، جۈملىدىن ئويدۇرۇپ ياساش، كىنىشكا، ئىسپاتنى ئۆزگەرتىش، ياكى باشقا نامۇۋاپىق ۋاسىتىلەر بىلەن ئىمتىھان سالاھىيىتىگە ئېرىشكەنلەر؛ باشقىلارنى ئورنىغا ئىمتىھانغا قاتناشتۇرغانلار؛ ئۆزى ئىمتىھان مەيدانىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئىمتىھان ئاياغلىشىشتىن بۇرۇن، ئىمتىھان سوئالى ھەمدە جاۋابىنى تارقاتقانلار؛ ئىمتىھان خىزمەتچى خادىملىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ كۆز بويامچىلىق قىلغانلار ياكى تەشكىللىك كۆز بويامچىلىققا قاتناشقانلار؛ خەۋەرلىشىش قورالى، ئېلېكتىرون بۇيۇملار ياكى باشقا تېخنىكىلىق ۋاسىتىلەر بىلەن ئىمتىھانغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى قوبۇل قىلغانلار، تارقاتقانلارنىڭ ئىككى يىل ئىچىدە مۇشۇ تۈردىكى سالاھىيەت ئىمتىھانىغا قاتنىشىشىغا يول قويۇلمايدۇ.